ۋاڭ لېچۈئەن مەقسىتىگە يەتتى، ئۇيغۇرغا تەھدىت داۋام ئەتمەكتە

2008-03-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋاڭ لېچۈئەن نۆۋەتتە كومپارتىيە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش قوشۇنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ بىر قاتار ھوقۇقلارنىڭ ئىچىدە، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ۋاز كېچەلمەيدىغىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارلىقىدۇر.

ۋاڭ لېچۈئەننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى تەجرىبىسى، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قالغان

خوڭكوڭ مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ مەزكۇر ئارزۇسى بۇ قېتىم بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىن مەزگىلىدە بىر قېتىم تەھدىتكە دۇچ كەلگەن. يەنى ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى پارتكوم سېكرىتارلىقى 12 يىلدىن ئۇزىراپ كەتكىنى ئۈچۈن، مەركىزىي ھۆكۈمەت ئۇنى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى قىلىپ مەركەزگە يۆتكەشنى پىلانلىغان. ئەمما ئولىمپىك مەزگىلىدىكى مۇقىملىق ئېھتىياجى ۋە مەركەزنىڭ ئولىمپىك مۇقىملىقىغا كېلىدىغان ئاساسىي تەھدىتنى شەرقى تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرىدىن كۆرۈشى، مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئورنى ھەققىدە پىلان ئۆزگەرتىشىگە سەۋەب بولغان.

بۇ قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان شىڭداۋ گېزىتى، بۇ يىل 18 ‏ - مارتتىكى سانىدا بۇ قېتىمقى خەلق قۇرۇلتىيىدا، خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىكى 2 ئورۇننىڭ بوش قالغانلىقىنى، بۇ ئىككى ئورۇندىن بىرىنىڭ ۋاڭ لېچۇەنگە ئائىت ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. شىڭداۋ گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا ئەسلىدە ئەزا سانى 15 بولۇشقا تېگىشلىك دائىمىي كومىتېتقا 13 كىشى تەيىنلەنگەن، بوش قالغان ئىككى ئورۇننىڭ بىرى، تىبەت بەنچەن لاماسىغا ئائىت، خىتاي تەرىپىدىن تاللانغان بۇ بەنچەن لاما تېخى 18 ياشقا تولمىغانلىقى ئۈچۈن ئورنى بوش قالغان.

ئولىمپىك بىخەتەرلىكى ۋە ۋاڭ لېچۈئەننىڭ مۇقىملىق خىزمىتىدىكى تەجرىبىسى نەزەرگە ئېلىنىپ، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى سېكرىتارلىق ئورنىنى داۋاملاشتۇرۇش قارار قىلىنغان ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىدىكى ئالدىن پىلانلانغان مۇئاۋىن رەئىسلىك ئورنى بوش قالغان.

دىلشات رىشىت: " ۋاڭ لېچۇەن مەركەزگە ئۆز ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ "

خوڭكوڭدا چىقىدىغان شىڭداۋ گېزىتىنىڭ يۇقىرىقىدەك قاراشلىرىنى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرىمۇ توغرا دەپ قارايدۇ. كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن گۈلشەن ئابدۇقادىر، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاساسلىق سودا - سانائەت ئورۇنلىرى بىلەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ شېرىكچىلىكى بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر خىتاي پۇقراسىمۇ ئۈرۈمچىدىكى دېخۇي شىركىتىنىڭ ساھىبى بىلەن ۋاڭ لېچۈئەننىڭ قۇدا - باجىلىق مۇناسىۋىتىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىتمۇ ۋاڭ لېچۇئەننى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتىنى قارىلاۋاتىدۇ دەپ ئەيىپلىگەن ئىدى.

يۇقۇرىقى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، بۇ نۆۋەت ۋاڭ لېچۈەننىڭ مەركەزگە يۆتكىلىشتىن ساقلىنىپ قېلىشىغا، ئالدىنقى ھەپتە تارقىتىلغان ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەر سەۋەب بولغان بولىدۇ.

" ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى، ئورنى، سالاھىيىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى تىلغا ئالمىدى "

تەڭرىتاغ تورىنىڭ 18 ‏ - مارت خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ لېچۈئەن ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدە يەنە بىر قېتىم توختالغان. ئۇ بۇ قېتىمقى توختىلىشىدا، 7 ‏ - مارت كۈنى يۈز بەرگەن ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسىنى بىر ھەپتىلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ۋەقەدە چەتئەلدىكى شەرقى تۈركىستان كۈچلىرىنىڭ قولى بارلىقىنى بايقىغانلىقىنى، جىنايەت گۇماندارىنىڭ ھەرىكەتنى پىلانلاش، قاتنىشىش ۋە ئىجرا قىلىش جەريانىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما يەنىلا، ۋەقە پەيدا قىلغۇچىلارنىڭ ئىسىملىكى، ئورنى، سالاھىيىتى قاتارلىق ئاساسلىق ئۇچۇرلارنى تىلغا ئالمىغان. ۋاڭ لېچۈئەن سۆزىدە يەنە، ئۈچ خىل كۈچلەرگە داۋاملىق تۈردە قاتتىق زەربە بېرىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم كەسكىن تەلەپپۇز بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.

كۆزەتكۈچى ئەركىن ئەكرەم ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىزچىل تۈردە تەكىتلەپ كېلىۋاتقان، بۆلگۈنچىلەرنى باش كۆتۈرگۈزمەسلىك، بىخ ھالىتىدە ئۇجۇقتۇرۇش قاتارلىق چاقىرىقلىرىنىڭ خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاي قانۇنلىرىغا ئاشكارا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشتا خەلقئارا جامائەت پىكرىگە پەرۋا قىلماي كەلگەنلىكىنى ۋە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

دېيىلگىنىدەك، ۋاڭ لېچۈئەن تۈنۈگۈنكى سۆزىدە، ئۇيغۇرلارنى قوللاۋاتقان غەرب دۇنياسىنى دۈشمەن كۈچلەر دەپ ئاتىدى: ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن:. غەرب دۈشمەن كۈچلىرى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بۆلگۈنچىلىك، بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتىنى توختاتمىدى. ئۇلار ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەر زامان شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا بۆلگۈنچىلىك قىلىش ۋە سىڭىپ كىرىش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ. ۋاڭ لېچۈئەن بۇلتۇر ئاۋغۇست ئېيىدا قىلغان بىر قېتىملىق سۆزىدىمۇ، غەرب دۇنياسىنى دۈشمەن كۈچلەر قاتارىدا سانىغان ۋە ئامېرىكىنى دۈشمەن كۈچلەرنىڭ كاتتىبېشى دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

مانا بۇ ئەھۋاللارنى نەزەردە تۇتقان ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى تېررورچى دەپ ئەيىبلىشى، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا سەۋەب تېپىش ئۈچۈن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ھازىرغا قەدەر سەۋەبلىكمۇ ‏ - سەۋەپسىزمۇ باستۇرۇپ كەلمەكتە، ئۇنىڭ مەقسىتى مەركىزى ھۆكۈمەتكە ئۆز ئورنىنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈندۇر.

ئەركىن ئەكرەم: بېيجىڭنىڭ تەدبىرى، مەسىلىنى يوشۇرۇش

ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۈئەن، بېيجىڭدىكى قۇرۇق ئورۇندۇقتىن، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەمەلىي ھوقۇقنى ئەۋزەل بىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ دۇنياغا پاش بولۇپ قېلىشىدىن باش تارتمايۋاتىدۇ. شۇڭا ئۇ پامىر ۋەقەسى، 27 ‏ - يانۋار توقۇنۇشى قاتارلىق سەزگۈر ۋەقەلەرنى دۇنياغا ئاشكارىلىۋەتكەن. ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرمۇ ۋاڭ لېچۈئەننىڭ ھوقۇق ئىشتىھاسىنىڭ مەھسۇلىدۇر. مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئىزچىل قوللىنىپ كېلىۋاتقان تەدبىرى، مەسىلىنى مۇمكىن قەدەر دۇنيادىن يوشۇرۇش، خەلقئارا جامائەت پىكرىنىڭ كۈنتەرتىپىگە ئەكەلمەسلىك. شۇڭا ئەركىن ئەكرەم، ئايروپىلان ۋەقەسى ھەققىدىكى خەۋەرنى مەركەزنىڭ مەنپەئەتىگە خىلاپ دەپ قارايدۇ، ئۇ شۇنداقلا، ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان تەسىرى ھەققىدە سۆزلەپ ئۆتتى.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولغىنىدەك، ۋاڭ لېچۇەن ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى قارىلاش ھەرىكەتلىرى بىلەن بىر قېتىملىق مەقسىتىگە يەتكەن، يەنى ئۇيغۇر رايونىدىكى ھاكىمىيىتىنىڭ مۇددىتىنى ئۇزاتقان. ئەمما، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ قارىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئۇيغۇر مەنپەئەتىگە ئىجابىي ياكى سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى ئالدىمىزدىكى ئاي ياكى يىللاردا ئېنىق مەلۇم بولىدۇ. (شۆھرەت ھوشۇر)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت