ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى گۆش مەسىلىسىمۇ؟

2008-03-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

شىنخۇئا ئاگېنتلىقى 16 ‏ - مارت خەۋىرىدە، بۇ قېتىم بېئىجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىننىڭ بىردىن ‏ - بىر ئالاھىدىلىكىنىڭ راست گەپ قىلىش بولغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. تۈنۈگۈن تەڭرىتاغ خەۋەر تورى، ئىككى يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىنىڭ يىغىندا گۆش مەسىلىسىنى، يەنى گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كەتكەنلىك مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نىزامنامىسىدە، قۇرۇلتايدا، پۇقرالارنىڭ ۋە مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ، ئەڭ جىددىي ۋە ئەڭ چىگىش مەسىلىلىرى يەنى مىللەتلەرنىڭ بەخت - سائادىتى ۋە تەرەققىياتىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى ۋە مۇزكىرە قىلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. گۆش مەسىلىسى تەكلىپى ئۇيغۇر ۋەكىل خالىدە نۇرمەمەت تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۇنداقتا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ چوڭ مەسىلىسى گۆش مەسىلىسىمۇ؟

تۇردۇش ھاجىم: "ئەڭ ئېغىر مەسىلە ھاشار مەسىلىسى"

بۇ سوئالغا، كانادادا ياشاۋاتقان تۇردۇش ھاجىم مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: "گوش مەسىلىسى خەلقىمىز مەسىلىللرىنىڭ بىرى بولالىشى مۈمكىن، ئەمما ئاساسلىقى ئەمەس. ئولۇم جازالىرى، تۇتقۇن قىلىشلار، ئىشسىزلىق، ھاشار، ئېيدىز قاتارلىق مەسىلىلەر باشتا تىلغا ئېلىنىشى كېرەك بولغان مەسىلىلەر."

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا ئەمەس، شەرقى تۈركىستان خەلق قۇرۇلتىيىدا ھەل بولىدۇ."

خىتاي مەتبۇئاتى خالىدە نۇرمەمەتنىڭ گۆش مەسىلىسىنى كۆتۈرۈپ چىققىنىغا ئاپىرىن ئوقۇۋاتقان بىر پۇرسەتتە، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈئەن، ئالدىنقى ھەپتە تارقالغان ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ھەققىدە يەنە بىر قاتار تولۇقلىما مەلۇماتلار بەردى. ئۇ مەلۇماتىدا، گۇماندارلارنىڭ ئايروپىلان قازاسى پەيدا قىلىش مەقسىتىنى، پىلانىنى ۋە ھەرىكەت جەريانىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. نۇر بەكرى يىغىن جەريانىدا قىلغان سۆزىدە 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىشنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە توختالغان ئىدى. ۋاڭ لېچۈئەن بىلەن نۇر بەكرىنىڭ بۇ مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە مۇقىملىق مەسىلىسى،ھەتتا بۇ مەسىلە بېيجىڭ ئولىمپىكىغا تەھدىت ئېلىپ كەلگۈدەك دەرىجىدە ئېغىر.

نۇرمەمەت مۇساباي: " مەسىلە ۋەكىلدىمۇ بار، ھەممىدىن بەك تۈزۈلمىدە"

ئالدىنقى ھەپتە ياۋروپا پارلامېنتىدىكى 100 گە يېقىن پارلامېنت ئەزالىرى رابىيە قادىر خانىمنى قوللاش ھەققىدىكى مۇراجىئەت ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە، تېررورلۇقتىن ساقلىنىشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك قورالى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خىتاپنامىسى دەپ كۆرسەتتى ۋە خىتاينى ئوز ھاكىمىيىتىدىكى مىللەتلەرنىڭ سىياسىي ھەقلىرىنى ئويلىشىشقا چاقىردى. مەزكۇر پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نۆۋەتتىكى ئەڭ ئاچقۇچلۇق مەسىلە سىياسىي مەسىلە. بىراق بۇ قېتىمقى يىغىندا، ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىنىڭ ھېچقايسى بىرى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھەق - ھوقۇقلىرىغا ئائىت مەسىلە ئوتتۇرىغا قويمىدى.

نۇرمەمەت مۇساباينىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋال، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، سىياسىي تىمىدا ئېغىز ئېچىشنىڭ، ئۆزلىرىنىڭ جانىجان مەنپەئەتلىرىنى تىلغا ئېلىشنىڭ يەنىلا خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان بىر پاكىت. يەنە ئۇنىڭ قارىشىچە، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ ئىككى يىغىننى راست گەپ قىلىدىغان يىغىن بولدى دېگىنى ئەمەلىيەتتە، خىتاي يىغىنلىرىنىڭ يالغانچىلىق ئەنئەنىسىنىڭ ئېتىراپ قىلىنىشى. (شۆھرەت ھوشۇر)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت