ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-09-18
ئىگىلىشىمىزچە، يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمى باشلىنىشى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە «دىننىڭ سىڭىپ كىرىشىنى چەكلەش ۋە دىنىي ئاشقۇنلۇقنى تازىلاش» تېمىسى بويىچە زور كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلغان.
2014-09-18
چارشەنبە كۈنى، 4 نەپەر ئۇيغۇر خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ، 10 يىلدىن 20 يىلغا قەدەر قاماققا ھۆكۈم قىلىندى. مەھكۇملارنىڭ 2 نەپىرى «خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە قاتناشماقچى» دەپ ئەيىبلەنگەن.
2014-09-17
ياپونىيەدىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» 17-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە، ھىندونېزىيە دائىرىلىرى شەنبە كۈنى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئالغانلىقى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن.
2014-09-16
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ دۇنيادا كەڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە.
2014-09-12
2014-يىل 18-سېنتەبىر كۈنى شوتلاندىيەدە ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، شوتلاندىيەنىڭ مۇستەقىللىق يولىنى تاللىشى ياكى داۋاملىق ئۇلۇغ بېرىتانىيە بىرلىكى ئىچىدە بولۇشى بەلگىلىنىدۇ.
2014-09-12
چەرچەن ناھىيىسىنىڭ ئۇيغۇر - خىتاي ئۆز - ئارا نىكاھلىنىشنى رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى چارە - تەدبىرى ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدا ئېلان قىلىنىپ، ئۇزۇنغا بارماي ئۆچۈرۈۋېتىلگەن بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر چارە تەدبىر خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىكى قىزىق نۇقتىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى.
2014-09-10
يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەڭ چەت ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولغان چەرچەندە سەھنىگە چىقىرىلغان ئالاھىدە سىناق خاراكتېرلىك بىر ھۆكۈمەت ھۆججىتى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىماقتا.
2014-09-10
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاتالمىش تېررورچىلارغا ئائىت ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى 1 مىليون سوم بىلەن مۇكاپاتلايدىغانلىقى ھەققىدە توختالغان مۇلاھىزىچىلەر، بۇنىڭدىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەۋپسىزلىك مەسىلىدە ئېغىر قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.
2014-09-10
ياپونىيە كيۇشۇ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان پەلسەپە پەنلىرى دوكتور ئاسپىرانتى مۇختەرجان ئابدۇراخمان بۈگۈن 10-سېنتەبىر ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.
2014-09-04
ئىلھام توختى ئەپەندى دېلوسىغا مەسئۇل ئىككى نەپەر ئادۋوكاتتىن ئادۋوكات لىيۇ شاۋيۈەن بۈگۈن «چەنيۈ» تورىدا ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، 4-سېنتەبىر ئەتىگەن ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكىنىدە ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۇتىغا كىشەن سېلىنغان ھالدا ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان.
2014-09-04
نۆۋەتتە ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىغا خىتاينى ياخشى بىلىدىغان، ئەمما خىتايغا مۆتىدىل قارايدىغان بىر قىسىم شەخسلەر سەپلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا «ياپون-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغان.
2014-09-03
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ قاراشلىق ئورگان ھېسابلىنىدىغان «ئىنتېرنېتنى ئىدارە قىلىش مۇنبىرى» تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 9-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق يىغىن تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكتە.
2014-09-03
ياپونىيەدىن چىقىدىغان ياپون تىلىدىكى «خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى غەلىتە ھەرىكەتلىرى ناملىق مەجمۇئەدە» «ۋاسېدا، رېتسىمېيكان ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا قۇرۇلغان كۇڭزى مەكتىپىنىڭ سىرلىرى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2014-09-02
ياپونىيەدە چىقىدىغان «ساپ10» ژۇرنىلىنىڭ 9-سانىدا «ساھىبجامال خىتاي جاسۇسىنىڭ ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ھەرىكەتلىرى» ناملىق تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلىنغان.
2014-08-26
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى غەرب ئەللىرى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنلۇق سىياسى، ئىجتىمائىي تەلەپلىرىنى باستۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلىپ كەلگەن. خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرىدۇ؟ ياپونىيەلىك تارىخشۇناس دوكتور مىياۋاكىنىڭ قارىشىچە، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخىي، مەدەنىيەت، سىياسى، نوپۇس ۋە ئىقتىسادى سەۋەبلىرى بار. ئۇ، ياپونىيە «تارىخ ئۆتكىلى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ باستۇرىدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە بۇنىڭ سەۋەبلىرىنى تەھلىل قىلغان.