ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-08-26
خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىدا «ئىسلام ئەقىدىسىدىن تېررورلۇققا بىر نەزەر»دىگەن تېمىدا ئوبروز ئېلان قىلىندى. خىتاينىڭ ئوبزورچىسى ماقالىسىدە : «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر ئىسلام دىنىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، بۇرمىلاپ، ئەسەبىيلەشتۈرۈپ چۈشەندۇرۇش بىلەن ئېتىقادچى ئاممىنىڭ ئىدىيەسىدە قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرىۋاتىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا بىزنىڭ ئەھلى ئۆلىمالىرىمىزنىڭ ئىسلام دىنىنى توغرا شەرھلىشى، ئۇلارنىڭ بۇرمىلاشلىرىغا رەددىيە بېرىشى كېرەك. ئۇلار تەرغىب قىلىۋاتقان دىن ئەسەبىي ئىدىيە، ماھىيەتتە بىر سىياسىي مەسىلە، بىراق ئۇ، دىن سۈپىتىدە پەيدا بولۇپ، دىنىي شوئار توۋلاپ، دىنىي ئەقىدىلەرنى ئۆز مەيلىچە بۇراپ، ئىسلام دىنىنى كۈچىنىڭ بارىچە رادىكاللاشتۇرۇپ چۈشەندۈرگەن. شۇڭا، ئۇ زور دەرىجىدە ئالدامچىلىق ۋە قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىگە ئىگە» دەپ يازغان.
2014-08-25
مۇخبىرىمىز ئىلتەبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى ئۇيغۇر زىيالىيسى مەمەت توختى ئەپەندى خىتاينىڭ ئۆي مۈلك قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەمدە كېيىنكى يىللاردىكى چىكىنىش ئەھۋالى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
2014-08-22
ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ دۇنيادا تونۇلۇشى بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا غەرب ئەللىرى مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ئوخشىمايدىغان نۇقتىلاردىن يورۇتۇپ بېرىلگەن نۇرغۇن نادىر ماقالىلەر ئېلان قىلىنماقتا. يېقىندا نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن بولغان نيۇيورك ۋاقتى گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان ئىپارخان ھەققىدىكى خەۋەر ماقالىسى شۇلارنىڭ بىرىدۇر. ئاپتور ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپارخاننىڭ ھىكايىسىنى قايتا قۇراشتۇرۇپ بازارغا سېلىش مىسالى ئارقىلىق، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ بۈگۈنكى كۈندە قانداق قىلىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەن.
2014-08-22
8 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خەلق تەرىپىدىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 11 - دۆلەت رەئىسى بولۇپ سايلانغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا كىمنىڭ باش مىنىستىر بولىدىغانلىقى تۈركىيەنىڭ كۈن تەرتىپىدىكى بىرىنچى مەسىلە ئىدى. 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى مەركىزى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ يىغىنى ئاخىرىلاشقاندىن كېيىن، باش مىنىستىر رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەت داۋۇتئوغلۇنىڭ يېڭى باش مىنىستىر نامزاتى، ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ رەئىس نامزاتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
2014-08-20
يېقىندا پارىژدا قۇرۇلغان، ئۆزىنى سىياسىي خاراكتېر ئالمىغان مەركەز دەپ تونۇشتۇرغان فرانسىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، مەركەز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى پائالىيەت سۈپىتىدە «ئەركىن ئابدۇللا پارىژ ناخشا كېچىلىكى»نى 2014 - يىلى 10 - ئاينىڭ 3 - كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى ھەققىدە ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرگە كونسېرت ئېلانىنى بەردى.
2014-08-19
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئورۇن ئېلىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەرنى تېررورلۇق ھەرىكەت بىلەن باغلاشتۇرۇش ئادەتكە ئايلاندى. بۇ بولۇپمۇ خىتاي ۋە خىتاي مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغان دۇنيانىڭ بەزى ئاممىۋىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئېلان قىلىۋاتقان ئۇچۇرلاردا پات - پاتلا بايقالماقتا. مۇلاھىزىچىلەر ئۇيغۇر ئېلى ۋە دۇنيانىڭ باشقا مەملىكەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئەنە شۇنداق قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىش مەقسىتى ۋە سەۋەبلىرىگە كۆرە ئۆز تەخمىنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2014-08-18
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە يېقىندىن بۇيان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى بارغانچە كۆپىيىپ كەسكىنلەشكەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. ئامېرىكا مەرىيلەن شتاتى فورسبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ما خەييۈن ئەپەندى يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت ماقالىلىرىنى ئېلان قىلىپ كەلمەكتە. ما خەييۈن ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 28 - ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىنى چۆرىدىگەن ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
2014-08-15
ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى مەمەت توختى ئەپەندى، مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتى داۋامىدا خىتاينىڭ يەكەندە يۈز بەرگەن 28 - ئىيۇل ئېلىشقۇ ۋەقەسى ھەققىدىكى مەلۇماتلىرى ھەققىدە توختالدى.
2014-08-14
ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى. 8-ئاينىڭ 5-كۈنى بىر كۈنى ئىچىدە ئۈچ چوڭ گېزىتتە ئۈچ پارچە ئوبزور ئېلان قىلىندى.
2014-08-13
«خىتاي شىنجاڭنى قاتتىق باشقۇرۇۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىدا 28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسىدىن ئىبارەت ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر تىلغا ئېلىنغان ۋە شۇنداقلا چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ يەكەنگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى كۆرسىتىلگەن.
2014-08-12
ئامېرىكىنىڭ «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى» نىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى دەن 8-ئاۋغۇست جۈمە كۈنى ياپونىيەدىن چىقىدىغان «جاپان تايمېس» گېزىتىدە «مەدەنىيەت ئۇرۇشى ئۇيغۇر ئاياللىرىنى ئىككى يۆنىلىشكە ئىتتەرمەكتە» سەرلەۋھىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
2014-08-12
كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە دۇنيانىڭ، شۇ جۈملىدىن رۇسىيە ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ھەر خىل ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشنى داۋام قىلماقتا.
2014-08-12
28-ئىيۇل يەكەندىكى باستۇرۇشلار چەتئەللىك سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ تۈرلۈك مۇلاھىزە ۋە قاراشلىرىغا سەۋەب بولۇپلا قالماستىن، چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە خىتايلاردىمۇ پەرقلىق ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.
2014-08-11
8-ئاينىڭ 9-كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئاۋسترالىيە جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ مەسئۇلىيىتى» تېمىسىدا مەسلىھەت يېغىنى ئېچىلدى.
2014-08-07
ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 6-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۇچرىشىش يىغىنىدا تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلىرىدە ئىشلەيدىغان ئۇيغۇر پروفېسسور ۋە زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، ئۇچۇر-ئالاقە مەسىلىلىرىگە ئائىت بىر قاتار قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.