ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-01-31
«تۈركىي تىللار دىۋانى» ( «دىۋان لۇغەت تۈرك» ) نىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەڭ يېڭى نەشرى دۇنيا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يوقىرى باھاسىغا ئېرىشمەكتە.
2014-01-28
تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان «يېڭى شافاق» گېزىتىدە پروفېسسور دوكتور سۇلايمان سەيفى ئۆگۈننىڭ «تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق بىر ئوبزور ئېلان قىلىندى.
2014-01-28
يېقىندا قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاننىڭ ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى 23-يانۋاردا قىرغىزىستان-خىتاي چېگراسىدىكى ئاك-شىيراك دېگەن جايدا ئوق ئېتىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.
2014-01-24
ھازىرقى زامان خىتاي ئەدەبىياتشۇناس بېيجىڭلىق لۇ يەنزى خانىم 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى ياپونىيە «سانكېن شىمبۇن» گېزىتىنىڭ مەدەنىيەت سەھىپىسىگە «شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسى پەلەستىنلىشىشنىڭ سىگنالى» ناملىق ماقالىسىنى ئېلان قىلغان.
2014-01-20
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزىنىڭ 15 مىڭدىن ئوشۇق ئەزاسى بولغان تۋىتېر تور بېتىدە 17-يانۋاردىن باشلاپ ئىلھام توختىنىڭ بالدۇرراق قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، تۋىتېر تورى نامايىشىنى باشلىغان.
2014-01-17
2013-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدە نۇرغۇن ۋەقەلەر مەيدانغا كېلىپ، 200 دىن ئوشۇق ئادەم چىقىم بولدى. ئۇيغۇر ئېلىدە ۋەزىيەت كۈندىن-كۈنگە كەسكىنلىشىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يىغىن چاقىرىپ ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئۆزگىرىش» ئېلىپ بېرىش يوليورۇقىنى بەرگەن ئىدى.
2014-01-17
خەلقئارا خەۋەرلەر تور بەتلىرىدىن ئەنگلىيەدىكى ھامىي تور بېتىنىڭ 16-يانۋار ئىلھام توختى ھەققىدە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى مۇخبىرلارغا ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى، دېگەن.
2014-01-16
ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ 15-يانۋار كۈنى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر خەلقئارا تاراتقۇلاردا تارقىتىلغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ بۇ قىلمىشى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى.
2014-01-13
ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان رۇس مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققەت نەزىرىدىن كۆپرەك ئورۇن ئېلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە تۈرلۈك ئانالىزلار كۆپلەپ ئېلان قىلىنماقتا. ئەنە شۇنداق ئانالىزلارنىڭ بىرى رۇسىيەنىڭ «مۇستەقىللىق» گېزىتىدە ئېلان قىلىندى.
2014-01-10
ياپونىيىدە چىقىدىغان ئىنگلىزچە «جاپان تايمىس گېزىتى» نىڭ 9-يانۋاردىكى سانىدا رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ ياپونىيىدىكى ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى توغرىسىدا تەپسىلىي توختالغان بولۇپ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ سەيشەنبە كۈنى ياپونىيە تەرەپ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق ئۇچۇر بېرىلگەن.
2014-01-09
يېقىندا ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسى تور بەت باشقۇرۇش بۆلۈمى ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋە ئاڭلىغۇچىلىرىمىز ئۈچۈن يېڭى شارائىتلارنى ياراتتى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، نۇرمۇھەممەت ياسىننىڭ «ياۋا كەپتەر» ناملىق كىتابى قاتارلىق 17 پارچە ئەسىرىنىڭ ئېل-كىتاب نۇسخىسىنى ئىخلاسمەنلىرىمىزگە تەقدىم ئەتتى.
2014-01-09
ياپونىيەگە زىيارەتكە كەلگەن تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىدا ئىستانبۇلدا تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتى قۇرۇش توغرىسىدا ئۆز-ئارا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ ئىمزا قويغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەر كەڭ تارالغان.
2014-01-08
تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ 6-يانۋار باشلانغان 3 كۈنلۈك ياپونىيە زىيارىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ تىلغا ئېلىنىشى ۋە ئېلىنماسلىقى ھەققىدە كۆپلىگەن مۇتەخەسسىسلەر ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2014-01-06
تۈركىيەنىڭ شىمالىدىكى قارا دېڭىز رايونىغا جايلاشقان گىرەسۇن شەھىرىدە «شەرقىي تۈركىستان قان يىغلىماقتا» ماۋزۇلۇق مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش يىغىنى چاقىرىلدى.
2014-01-06
كانادانىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ 1-يانۋار كۈنى ئۆز بلوگىدا ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلاپ ئېلان قىلغان ئۇيغۇر تىلىدىكى تەبرىكنامىسى خىتاي مىللەتچىلىرىنىڭ قارشىلىقىنى قوزغىغان بولسا، ئۇيغۇر ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ مىللىي ئىرادىسىگە ئىلھام بولدى.