ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-10-28
ئانالىزچىلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.
2014-10-28
زۇمرەت خانىمنىڭ قارىشىچە، بۈگۈر ئىسيانىدىكى ئىسيانچىلارنىڭ مەقسىتى خىتاي ھۆكۈمىتىگە سىگنال بېرىش، ھۇجۇم نىشانى بولسا خىتاي ساقچىلىرى، ۋەقەدە زىيان-زەخمەتكە ئۇچرىغان پۇقرالار ئىسيانچىلار تەرىپىدىن قەستەن ئۇچرىتىلغان ئەمەس.
2014-10-27
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2014-يىلنىڭ دەسلەپكى 3 پەسلىدە ئۆي بازىرىنىڭ جىددىي كاساتلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مۇشۇ 3 پەسىلدە سېتىلغان تاۋار ئۆي كۆلىمى ئۆتكەن يىلقىدىن 20.3 پىرسەنت ئازايغان.
2014-10-27
خىتاي 21-سېنتەبىر بۈگۈر ئىسيانى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، ئىسيانچىلارنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەنلىكى، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرەپتە تۇرۇپ قانلىق باستۇرۇشقا يان باسقانلىقى قاتارلىق كۆرۈنۈشلەرنى ھېچ پەردازلىماستىنلا ئاشكارا ئېلان قىلدى.
2014-10-27
«11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۈرك دۇنياسى» ماۋزۇلۇق يىغىنغا تۈركىيەدىكى تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر مۇتەخەسسىسلىرى، تارىخچىلار، تۈركولوگلار ۋە سىياسەتشۇناسلاردىن بولۇپ 70 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشتى.
2014-10-24
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى خەلقئارالىق تېررور ھەرىكەتلىرىگە باغلاپ چۈشەندۈرۈپ، ئۆزلىرىنى خەلقئارا تېررورلۇقنىڭ قۇربانى دەپ ئاتىدى. 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دەرھال ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشىنى قوللايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىمۇ بۇنىڭ نەتىجىسى ئىدى.
2014-10-20
18-ئۆكتەبىر ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكا شەھىرىنىڭ تىئەنجىن رايونىدىكى سىكۇشى مەدەنىيەت سارىيىدا «ئاسىياغا ئەركىن ۋە مۇستەقىللىق» ناملىق مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
2014-10-16
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر بىلىم ئادەملىرى ۋە قانۇن ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملار شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسىغا رەددىيە بىلدۈردى.
2014-10-14
ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دۆلەتلەردە شۇ دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئېقىمىغا سىڭىپ ياشاپ كەلمەكتە.
2014-10-13
ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى خىتايدا قانۇنلارنىڭ ئىشلىمەيۋاتقانلىقىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنىڭ يامانلاشقانلىقىنىڭ، پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنىڭ يارقىن ئىسپاتىدۇر.
2014-10-09
مەشھۇر ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، ئەرەب دۇنياسىدىمۇ بۇ ھەقتە ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىلگەن.
2014-10-08
ھەر قانداق بىر خەلقنىڭ ئەقلىي ئەمگەك بىلەن شۇغۇللانغۇچى شەخسلىرى، يەنى زىيالىيلىرى بولىدۇ. خەلقنى بىرەر مۇددىئاغا يېتىلەيدىغان، ئۇنىڭغا ئۈلگە-ئىبرەت بولالايدىغان، خەلق مەنپەئەتىنى ئۆز مەنپەئەتىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان ھەقىقىي زىيالىيلىرىمۇ بولىدۇ.
2014-10-07
2-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈن ئاتۇش يېزىسى قايراق كەنتىدە ئولتۇرۇشلۇق قۇربان ئۆمەرنىڭ ئۆز ھويلىسىدا خىتاينىڭ دۆلەت بايرىقىنى چىقارغانلىقىنى بەس-بەستە خەۋەر قىلدى.
2014-10-07
«ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بىلەن بىڭتۇەننىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى مۇناسىۋەتكە توغرا باھا بېرىشتە، بىڭتۇەننىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 60 يىلدىن بۇيانقى مەۋجۇتلۇقىنىڭ ۋە تەرەققىياتىنىڭ نېمىنىڭ بەدىلىگە كەلگەنلىكىگە قاراپ چىقىشقا توغرا كېلىدۇ.»
2014-10-01
خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدىكى بىر يىغىندا «چوڭ خەنزۇچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىشكە قەتئىي قارشى تۇرۇش» قاتارلىقلارنى تىلغا ئالغان. بۇ خىتاي ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئاممىۋى تور مۇنازىرىلىرىدە غۇلغۇلا قوزغىدى.