ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-11-30
د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، پەلسەپە پەنلىرى دوكتورى مەمتىمىن ئەلا ئاۋسترالىيەدە ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر قىسىم ئىسلام تەشكىلاتلىرىنىڭ يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ۋە شۇنداقلا مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ساقلىنىۋاتقان سىياسىي ۋە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ئۈستىدە ئۆزىنىڭ نەزىرىيىۋىي قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
2014-11-28
كېيىنكى ۋاقىتلاردا قازاقىستاننىڭ ھەر خىل ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى، مۇتەخەسسىسلىرى، جامائەتچىلىكى ئارىسىدا مەملىكەتلىك باشقۇرۇش شەكلىنىڭ كېلەچەكتە قانداق بولىدىغانلىقى ھەققىدە بەس - مۇنازىرىلەر كۈچەيمەكتە.
2014-11-26
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت روزاخۇن 24-نويابىردىن ئېتىبارەن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىزمەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىغان.
2014-11-25
ياپونىيەدىكى تەسىرى بىر قەدەر زور بولغان بۈيۈك ئاسىيا چۈشى تەشكىلاتىنىڭ پەسىللىك ژۇرنىلىدا ياپونىيەدە كۆزگە كورۇنگەن ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلارنى يوقىتىش» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2014-11-21
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بىز تۈنۈگۈن مەدىنە ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋېتىپ خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن يېقىن مۇناسۋەتتە بولغان بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئەلچىخانا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق، بۈگۈن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇغان ۋە ئوقۇش داۋامىدا خىتاي ئەلچىخانىسىدىن ئۆزىنى ئۇزاق تۇتۇپ كەلگەن سابىق ئوقۇغۇچىلار رەئىسى سەيپىدىن قارىنىڭ پىكىرلىرىنى ئاڭلايسىلەر.
2014-11-20
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى مەدىنە خەلقئارالىق ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن قايسى دەرىجىدە مۇناسىۋەت قىلىش ھەققىدە ئىختىلاپ كېلىپ چىققان.
2014-11-20
يېقىندا تۈركىيەدە ئېلان قىلىنغان «كۈچلۈك تۈركىيە ۋە تۈرك دۇنياسى» ناملىق ماقالىدە شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيەسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كەڭ ئورۇن بېرىلگەن.
2014-11-19
«سېنتىر ئاسىيا»دا بېسىلغان ۋىكتور رىلسكىينىڭ «نېمە ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىن رەنجىدى؟» ناملىق ماقالىسىدە شۇنداقلا ماۋ زېدۇڭنىڭ دۇنيادىكى ئىنقىلابىي ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلەرنىڭ لىدېرى بولۇشقا ئىنتىلگەنلىكىدىن تاشقىرى يەنە ئۇنىڭ، ئاتوم بومبىسى ئارقىلىق دۇنياۋىي ئىمپېرىيالىزم ئۈستىدىن غالىبىيەت قازىنىش مۇمكىنلىكى ھەققىدە تەكلىپ بەرگەنلىكىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى.
2014-11-18
1970-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدا تەيۋەندىكى ئۇيغۇرلار «خانتەڭرى» نامىدا ئۇيغۇر تىلىدىكى ئۇنىۋېرسال مەجمۇئە نەشر قىلغانلىقى مەلۇم.
2014-11-18
بۇنىڭدىن 65 يىل مۇقەددەم، يەنى 1949-يىلنىڭ دېكابىر ئېيىدا خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ رەھبىرى ماۋ زېدۇڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنى دەسلەپكى قېتىم زىيارەت قىلغان ئىدى. ئۇ ستالىن بىلەن مۇزاكىرە يۈرگۈزۈپ، نەتىجىدە 1950-يىلنىڭ بېشىدا دوستلۇق، ئىتتىپاقلىق ۋە ئۆز-ئارا ياردەم ھەققىدە كېلىشىمگە قول قويۇلدى.
2014-11-17
ئۇيغۇرچە ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنىشىچە، مۇشۇ ئاينىڭ 4 -كۈنىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم قاتناش بېكەتلىرىدە ئۈرۈمچىگە بارىدىغان يولۇچىلارنىڭ ئىككى كىنىشكىسى يېنىدا بولۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان.
2014-11-17
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئۆتكەن ھەپتە ئېچىلغان«قەشقەرشۇناسلىق مۇھاكىمە يىغىنى» 16-نويابىر ئاياغلاشتى.
2014-11-13
ئەدەبىياتشۇناسلارنىڭ قارىشىچە، ئۇلارنىڭ «ۋەتەن» ماۋزۇسىغا مۇراجىئەت قىلىشى، بىر تەرەپتىن، ئەنە شۇ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ماكانىنى سېغىنىشتىن، يەنە بىر تەرەپتىن، ئەركىنلىككە تەشنا خەلقىگە بولغان چەكسىز مۇھەببىتىدىن كېلىپ چىققاندۇر.
2014-11-12
20-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلان قىلىنغان ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ قۇرۇلغانلىقى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا خاتىرىلىنىش ئالدىدا تۇرغان بۈگۈنكى كۈندە، ئىككى جۇمھۇرىيەت توغرىسىدا تارىخچى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
2014-11-12
كېيىنكى ۋاقىتلاردا دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە رۇسىيە ۋە خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ تېخىمۇ يېقىنلىشىۋاتقانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر پات-پاتلا ئېلان قىلماقتا.