ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-12-31
نۇر بەكرى خىتاي دۆلەتلىك تەرەققىيات - ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقى، ئېنىرگىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقلىقىغا يۆتكىلىپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى مۇدىرى شۆھرەت زاكىر ئۆتكۈزۈۋالدى. يېڭى يىل ھارپىسىدىكى بۇ تاسادىپىلىقنى ھېچكىم بۇرۇن پەرەز قىلمىغان ئىدى.
2014-12-26
خىتاينىڭ خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومى تارقاتقان «30نېمە ئۈچۈن ؟» ناملىق ئاممىۋى قوللانما، خىتاي ھازىرغا قەدەر تارقاتقان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ئىچىدە ئىپادىلەش شەكلى جەھەتتىن ئۆزگىچىلىككە ئىگە بولۇپ، بۇنىڭدا باشتىن ئاخىر قۇرئان ۋە ھەدىستىن نەقىللەر ئېلىنغان.
2014-12-25
گېرمانىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن «Süddeutsche Zeitung» ۋە ئەڭ چوڭ كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش تەشكىلاتىنىڭ ژۇرنىلىدىن Geselschaft für«Geselschaft für Bedrohte Völker» لاردا كوزۇپلۇق ھارۋا ئارقىلىق خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرۈش پائالىيىتى توغرىسىدا ماقالىلەر ئېلان قىلىنغان.
2014-12-25
يېقىنقى كۈنلەردىكى تور بەت خەۋەرلىرىدە خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ئېكسپورتىدا ئۇدا 6 ئاي چېكىنىش كۆرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ ئېكسپورت ۋەزنىدىن قارىغاندا، خىتايدىكى ئېكسپورت كارخانىلىرىدىن 40% ئى تاقىلىپ قالغان.
2014-12-24
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 9-ئايدا كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلىدى. بۇ ئون يىل مابەينىدە دۇنيادىكى 120 دىن ئارتۇق دۆلەتتە كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرى قۇرۇلۇپ، سان جەھەتتىن كۆپەيگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭغا بولغان ئىجابىي كۆز قاراش بارغانسېرى ئازايماقتا.
2014-12-18
ئۇيغۇر سىياسىي دەۋاسىنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالغان تۈرك يازغۇچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنساندەك ياشاشقا ھەقلىق ئىكەنلىكى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى چۈشىنىشكە بولىدىغانلىقى، ئەمما خەلقئارا ۋەزىيەت نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ ئەڭ زور قىيىنچىلىققا يولۇقۇۋاتقان، شۇنداقتىمۇ ئۈمىدسىزلەنمەي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان دەۋا ئىكەنلىكنى بىلدۈردى.
2014-12-10
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلامىي كىيىنىش ئۇسۇلىغا قاتتىق قوللۇق باستۇرۇش ۋە شۇنداقلا تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق ئارىلىشىشنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.
2014-12-09
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ چىرىكلىككە قارشى يۇقىرى دەرىجىلىك ھەرىكەت باشلاپ، بو شىلەيگە ئوخشاش جوۋ يوڭكاڭنىڭ سادىقلىرىنى بىر بىرلەپ تازىلاشقا باشلىغان بولۇپ، جوۋ بۇنىڭ ئىچىدىكى «ئەڭ چوڭ بېلىق» ھېسابلىنىدىكەن.
2014-12-09
ئاتاقلىق يازغۇچى ۋە تارىخچى تۇرغۇن ئالماسنىڭ قالدۇرۇپ كەتكەن ئەدەبىي ۋە ئىلمىي مىراسىنىڭ باشقا مەملىكەتلەر قاتارىدا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە ياشاۋاتقان تەتقىقاتچىلار ھەم كۆپلىگەن تارىخ ئىشقىۋازلىرىنىڭمۇ قىزىقىپ ئۆگىنىشىگە مۇيەسسەر بولۇۋاتقانلىقى مەلۇمدۇر.
2014-12-08
خىتاينىڭ ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى، بۇ يىل ئىچىدە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئىككى چوڭ ۋەقەنىڭ چېتىشلىق گۇماندارلىرى ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.
2014-12-05
پەلەستىن مەسىلىسى ئۇزۇندىن بۇيان دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ، كۆپلىگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشىپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەرەب ئەللىرى، جۈملىدىن پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى يېقىندىن كۆڭۈل بولۇپ كېلىۋاتقان مەسىلە. ئۇيغۇر مەسىلىسى بولسا دۇنياغا يېڭىدىن ئاڭلىتىلىۋاتقان ئامېرىكا، ياۋروپا قاتارلىق ئەللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئالاھىدە بىر ياردىمىگە ۋە ياكى ھېسداشلىقىغا ئېرىشەلمەي كېلىۋاتقان مەسىلە.
2014-12-04
تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلىنغان بىر قىسىم ئوبزورلاردا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىدە تۇتقان مەيدانىغا ئىجابىي باھا بېرىش بىلەن بىرگە، ئىسلام دۇنياسىنىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىلغان.
2014-12-04
ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق مەتبۇئاتلاردىن بىرى بولغان ئىقتىساد ژۇرنىلىنىڭ بۇ يىللىق 11-سانىدا «28-ئىيۇل يەكەن ۋەقەسى» گە ئائىت ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2014-12-02
ئاۋسترالىيىدىكى لاتروب ئۇنىۋېرسىسىتېتىنىڭ ئاسىيا تەتقىقاتلىرى ۋە سىياسەت لېكتورى جەيمىس لېيبوند ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئاكادېمىكلارنىڭ بىرى. ئۇ يېقىندا، نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى مۇخبىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ۋە خىتاينىڭ مىللىي سىياسىىتى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن.
2014-12-01
2014-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى ئىستانبۇلدا كۆچمەنلەرنىڭ ئاساسىي ياشاش ھوقۇقلىرى دېگەن تېمىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلدى.