ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-04-30
23-ئاپرېل كۈنىدىن 27-ئاپرېل كۈنىگىچە تەيۋەننىڭ پايتەختى تەيبېيدە ئۆتكۈزۈلگەن9-قېتىملىق «ئېتنىك توپلۇقلارنىڭ ياش رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى» دا زوراۋانلىققا تايانماستىن ھۆكۈمەتكە قانداق قارشى تۇرۇش توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
2014-04-30
ياپونىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «ۋىلل ژۇرنىلى» نىڭ بۇ ئايلىق سانىدا ژۇرنالىست كائورى خانىمنىڭ «خىتاي تېررور ئويۇنى ئۆزى ئويدۇرۇپ ئۆزى ئويناۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2014-04-24
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ ياپونىيە زىيارىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى، سۇشى رېستۇرانىدىكى كەچلىك تاماقتا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنى ياپونىيە تېلېۋىزىيە قاناللىرى ئوبامانىڭ «سۇشى دىپلوماتىيەسى» دەپ ئاتىدى.
2014-04-23
كۆزەتكۈچىلەر ئۇيغۇر تىل، يېزىقىدىكى تور تاراتقۇلىرىنىڭ يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە، ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ خىتايدا ئەڭ قاتتىق قامالغا ئۇچراۋاتقان ئاز سانلىق مىللەت تىل، يېزىقىدىكى تور تاراتقۇسى ئىكەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتمەكتە.
2014-04-22
«خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تېزلەتمەكتە» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە خىتاينىڭ يېقىندىن بۇيانقى بىر قانچە يىل ئىچىدە، بولۇپمۇ بۇ يىلدىن باشلاپ دېڭىز ئارمىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئالاھىدە تىز سۈرەت بىلەن ئىش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن.
2014-04-17
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يوليورۇقىغا بىنائەن 16-ئاپرېل كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 5 يىللىقىنى كەڭ كۆلەمدە خاتىرىلەش پىلانى توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى.
2014-04-16
سۈرىيەلىك يازغۇچى، قاتاردىكى «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ دىكتورى، ژۇرنالىست فەيسەل قاسىم 2014-يىلى 4-ئاپرېل كۈنى قۇددۇس گېزىتىدە، «ئەي ئەرەبلەر، ئەردوغاندىن ئۆگىنىڭلار!» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلغان.
2014-04-15
ياپونىيەدە كەڭ تارقىتىلىدىغان، فرانسىيىنىڭ مەركىزى پارىژدا نەشر قىلىنىدىغان «يېڭى ئۇقۇم كۆزەتكۈچىسى» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2014-يىللىق 2-ئاپرېلدىكى سانىدا فرانسىيەلىك ژۇرنالىست ئۇرسۇلا خانىمنىڭ «شىنجاڭغا سەپەر» ناملىق زىيارەت خاتىرىسى بېرىلگەن.
2014-04-10
ئۆركەش دۆلەت، يېقىندىن بۇيان تەيۋەن ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغىنىدا ھەمدە ئوبزور، ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
2014-04-10
يېقىندا خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر-خىتاي مەسىلىسىنى قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپقا قويۇپ ھەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېما مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2014-04-10
ئىستانبۇل بوغاز ئىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا نەشر قىلىنىۋاتقان «مەكتەپتىن دۇنياغا» ناملىق ژۇرنالنىڭ 2014-يىللىق 4-سانى مەخسۇس ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاندى.
2014-04-09
ئىلھام توختى مەسىلىسى غەرب ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دائىملىق تېمىسى بولماقتا. جەۋھەر ئىلھامنىڭ 8-ئاپرېل ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىدىكى گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ياۋروپا ئاخبارات ساھەسىنىڭ يەنە بىر قېتىم سەمىگە سالدى.
2014-04-09
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «مىنامى نىپپون گېزىتى» نىڭ 4-ئاپرېلدىكى سانىدا «جۇ يۇڭكاڭ ئۆزىنىڭ قىلمىشىدىن پۈتۈنلەي تېنىۋالدى» سەرلەۋھىلىك، خىتاي ئەمەلدارى جۇ يۇڭكاڭنىڭ چېرىكلىك دېلوسىغا ئائىت ماقالىلەر بېسىلغان.
2014-04-08
تيەنئەنمىن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان ئۆركەش دۆلەت فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، «ئۈزۈل-كېسىل ئۈمىدسىزلىك ئۇيغۇرلارنى تۇيۇق يولغا باشلىماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىقى كۈنسېرى يۈكسەلمەكتە» دېگەن.
2014-04-07
1990-يىلى ئاقتۇ ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسىدا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى يۈز بەرگەن بارىن ئىنقىلابىنىڭ 24 يىللىق خاتىرە كۈنىدە تۈركىيەدىكى دىنىي زات ئابدۇلئەزىز ئەپەندى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.