ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2014-07-31
30 - ئىيۇل سەھەر بامدات نامىزىدىن كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى ئاشكارا بولغاندىن كېيىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكى تۈرلۈك ئىنكاسلاردا بولدى.
2014-07-25
ۋاڭ لېچۈەن قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ پارىخورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە زەربە بېرىش نىشانى قىلىنىش-قىلىنماسلىق مەسىلىسى خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ دىققەت ئوبىكتىنىڭ بىرى بولماقتا.
2014-07-17
بىرازىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى پۈتۈن دۇنيا كۆرۈرمەنلىرىگە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارنىمۇ چوڭقۇر ئويلاندۇردى.
2014-07-17
ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، 2009-يىلىدىكى «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىجتىمائىي، سىياسىي ۋەزىيەت يەنىمۇ كەسكىنلەشكەن.
2014-07-16
ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى داۋىد شامباۋ، ئۆزىنىڭ خىتاينى كىشىلەر پەرەز قىلغاندەك دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت بولالمايدۇ دېگەن قارىشىدىكى سەۋەبىنى 5 نۇقتا بويىچە تەھلىل قىلغان.
2014-07-15
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر پروفېسسورى داۋىد شامباۋ شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتلىرى، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ھەربىي مەسىلىلىرى تەرەققىياتلىرى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن بىر شەخس.
2014-07-15
ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي جەھەتتە قاتتىق بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ رامىزان ئېيىدا كىرگەندىن بېرى تۈرلۈك چەكلىمىلەر بىلەن روزا تۇتۇشتىن توسۇلۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىمەكتە. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتايلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزان ئېيىدىكى ئىبادىتىنگىمۇ شۇنچە قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بەس - مۇنازىرە يۈرگۈزمەكتە. كۆزەتكۈچىلەرمۇ ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.
2014-07-14
ياپونىيە كاناگاۋا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ۋاڭ جىئەنشىن ياپونىيە سېكائىشىسو نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ھازىرقى جۇڭگودىكى مىللەتلەر ۋە ئىقتىساد» ناملىق تەتقىقات دوكلات مەجمۇئەسىدە «غەربىي شىمالدىكى خۇيزۇلار» سەرلەۋھىلىك تەتقىقات دوكلات ماقالىسى ئېلان قىلغان.
2014-07-11
ياپونىيىدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «جۇڭگودىكى يۈز يالغانچىلىق» ناملىق مەجمۇئەدە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆز بويامچىلىقى ۋە يالغان تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلىرىدا مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
2014-07-07
5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ياشلىرى ئارىسىدا ئۇيغۇرتور بېكەت باشقۇرغۇچىلىرى ۋە تور يازارلىرى زور كۆپچىلىكنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 200 دىن ئارتۇق تور بېكىتى تاقىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2014-07-03
ياپونىيە «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇن سانىدا خىتايدىكى مۇخبىرى كىمجۇڭ ھى خانىمنىڭ شاڭخەيدىن يوللىغان «خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا ئارمىيىسىنى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق دەپ قارايدۇ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2014-07-03
قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ باش ئىلمىي خادىمى، سىياسەتشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى كونستانتىن سىرويېژكىن ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي سىياسىتى ھەققىدە بەس-مۇنازىرىگە چۈشكەن ئىدى.
2014-07-01
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇن سانىدىكى باش ماقالىسىدە «خىتاي ئامېرىكىنىڭ تېررورغا تۇتۇۋاتقان يۇمشاق سىياسىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىندى.