ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-12-30
فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «لوبس» خەۋەر ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيېر خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇقنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلەندى ۋە ۋىزىسى يېڭىلىنىپ بېرىلمەي، خىتايدىن چىقىرىۋېتىلدى.
2015-12-30
ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭ يېقىندا ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا «خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتا خەلقئارا جەمئىيەت سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2015-12-23
23-دېكابىردا قازاقىستان يازغۇچىلار ئۆيىدە قازاقىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقى يېنىدىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى كېڭىشىنىڭ مەجلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا مۇناسىۋەتلىك مۇھىم مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى.
2015-12-21
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېڭى قوللانمىسىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2015-12-17
خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تۈرلۈك مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىمۇ راۋاجلانماقتا.
2015-12-14
«سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» مۇخبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى كۈرەش توغرىسىدىكى زىيارەت خاتىرىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن چەتئەللەردىكى زىيالىيلار ئارىسىدا ھەر خىل ئىنكاسلارنى پەيدا قىلدى.
2015-12-08
ئۇيغۇر ئاتا، ئانىلارنىڭ «بالا ئوغرىلىرىغا ئۆلۈم جازاسى بېرىش» چاقىرىقى تورلاردا مۇنازىرە قوزغاشتىن بۇرۇنلا بۇ خىل پىكىر تەكلىپى خىتاي تور بەتلىرىدىمۇ ئۇزۇندىن بۇيان قىزىق نۇقتىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.
2015-12-08
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شيۇڭ شۇەنگونىڭ ئېيتىشىچە، «دىنىي ئەسەبىي كۈچلەر بىردەك مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىپ، شىنجاڭنى خىتايدىن ئايرىپ تاشلاپ، مۇستەقىل قىلىشنى نىشان قىلغان ئىكەن.»
2015-12-07
يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر رايونىدا «بالا ئوغرىلىنىش» ئەھۋالى كۆپ كۆرۈلۈپ، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپلا يۈرىدىغان بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى ئوقۇرمەنلىرىمىز تەرىپىدىنمۇ ئىنكاس قىلىنىپ كەلگەن ئىدى.
2015-12-07
خوڭكوڭدىكى «سۇمۇرغ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى» نىڭ مۇخبىرلىرى يېزىپ چىققان زور ھەجىملىك «دىن ئەسەبىيلىكىنى يوقىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى» ناملىق ئۇيغۇر ئېلى زىيارەت خاتىرىسى «سۇمۇرغ تورى» دا يەتتە بابقا بۆلۈنۈپ ئېلان قىلىندى.
2015-12-04
2-دېكابىردا ئالماتادا ئەبىلخان قاستېيېف نامىدىكى دۆلەت سەنئەت مۇزېيىدا ئاتاقلىق رەسسام ئازاد ھاكىمبەكنىڭ «ئۇيغۇر ماددىي سەنئىتىنىڭ توپلىمى» ماۋزۇسىدا نۆۋەتتىكى كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بولۇپ ئۆتتى.
2015-12-04
يېقىندا ياپونىيە شىزۇكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ياڭ خەييىڭنىڭ ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا «خىتاي نەنجىڭ قىرغىنچىلىقىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلدى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2015-12-03
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىلىمات ئالىي يىغىنىدا شىۋېتسىيە باش مىنىستىرى سىتېفان لۇپۋەن خىتايدىكى كىلىمات بۇلغىنىشىنى تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان.
2015-11-30
ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان «ئوتتۇرا ئاسىيانى كىم كونترول قىلىپ تۇرالايدۇ؟» ناملىق ماقالىدە ياپونىيە باش ۋەزىرى ئابېنىڭ ئۆكتەبىر ئېيىدا ئوتتۇرا ئاسىياغا قىلغان زىيارىتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
2015-11-26
خىتاي خەلق «ئازادلىق ئارمىيە گېزىتى» باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ يوقىتىلغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرىدە، گۇماندارلارنىڭ ئوتچاچاردا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر ماۋزۇسىدا بايان قىلغان.