ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-02-26
تۈركىيەدە ياشاۋاتقان جامائەت ئەربابى ۋە سىياسىي ئانالىزچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زامانىۋى مەدەنىيەت تەشەببۇسى ۋە ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقان كىچىك ئالما ئۇسۇلى ھەققىدە توختالدى.
2015-02-24
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە زوۋراۋان ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش ئالىي يىغىنىغا ساھىبخانلىق قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە زوراۋانلىق ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىدە خىتاينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر چىققان. مەزكۇر خەۋەر كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنى ئەندىشىگە سالدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بۇ مەسىلىدە ھەمكارلىشىشىنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سوفى رىچاردسون بۇ ھەقتە مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى خىتاي بىلەن ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش مەسىلىسىدە ھەمكارلاشقاندا سەزگۈر بولۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىغا يانتاياق بولۇپ قالماسلىققا چاقىردى.
2015-02-16
«چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان تەسىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلات، ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ مەدەنىيەتتە ئالاقىسى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مەدەنىيەت تەسىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن تەييارلانغان.
2015-02-12
خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا سىياسىي، قانۇنىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە تۈرلۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.
2015-02-12
خىتاي ئالىي مائارىپىدا يولغا قويۇلۇش تەلەپ قىلىنىۋاتقان «غەرب قىممەت قارىشىنى مەكتەپلەردىن سىقىپ چىقىرىش» تەشەببۇسى نۆۋەتتە خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرى ۋە خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.
2015-02-11
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئىلھام ماھمۇتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 20-ئەسىر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئاتاقلىق نەمۇنىلىرىدىن بىرى يىتۈك ئالىم، ئەدىب ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئويغانغان زېمىن» ناملىق رومانى يېقىندا ياپون تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان.
2015-02-04
خىتاي ۋە چەتئەلدىكى سىياسىي ئانالىزچىلارنىڭ مۇلاھىزىلىرىدە خۇ ياۋباڭ كومپارتىيە تارىخىدىكى بىر قەدەر دېموكراتىيىگە مايىل بولغان رەھبەر دەپ قارىلىدۇ.
2015-02-03
بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، يەنى 22-يانۋاردا گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكەن «نورماندى تۆرتلۈكى» نىڭ يەنى رۇسىيە، ئۇكرائىنا، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئۇچرىشىشىدا ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدىكى ۋەزىيەت مۇھاكىمە قىلىنغان ئىدى.