ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-06-26
كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 22 - كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ, كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دىنىي ئەركىنلىك ئىشخانىسىنىڭ تاشقى مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسىنى قۇرۇپ چىققانلىقىنى جاكارلىدى. مەسلىھەتچىلەر گۇرۇپپىسى 23 كىشىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ پۈتۈن دۇنياغا ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى تارقىتىش ۋە ئۇنى قوغداشنى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئاساسىي پرىنسىپال ئامىللىرىدىن بىرى قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
2015-06-17
ميۇنخېن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتى» دە ئۇيغۇر نامى قوللىنىلغان بىر مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھىملىقى كۆرسىتىلگەن.
2015-06-16
تۇنجى نۆۋەتلىك «خەلقئارا ئۇيغۇر تىلى كۈنى» 15-ئىيۇن، ۋاشىنگتوندىكى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندى جەمئىيىتى يىغىن زالىدا ئەھمىيەتلىك كۈتۈۋېلىندى.
2015-06-12
قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ ئىشەك باقمىچىلىق رايونى قىلىپ بېكىتىلگەندىن بۇيان، ھۆكۈمەت ۋە شەخسلەر ئىشەك باقمىچىلىغىغا زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىپ ئىش باشلىغان ئىدى.
2015-06-12
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى» نىڭ يېقىنقى سانىدا ئامېرىكا كلارېمونت ماكېننا ئۇنىۋېرسىتېتى ئىستراتېگىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور پېي مىن شىننىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول ئىستراتېگىيەسى تاتلىق بىر چۈش» سەرلەۋىلىك سىياسىي ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىندى.
2015-06-11
خىتاي دائىرىلىرى 11 - ئىيۇن خىيانەتچىلىك، سىياسىي گۇرۇھۋازلىق بىلەن ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىنغان سابىق كومپارتىيە سىياسىي بيۇرۇ دائىمىي ئەزاسى جۇ يۇڭكاڭغا سوت ئېچىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
2015-06-10
خىتاينىڭ بۇ يىل 8-ئىيۇن ئېلان قىلغان كىشىلىك ھوقۇق ئاقتاشلىق كىتابىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان «نەتىجىلەر» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ بىردەك تەنقىدىگە ئۇچرىدى.
2015-06-09
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن «ئۈچ خىل كۈچلەر» نى قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن تەشۋىقات قوراللىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا سېلىپ، خەلقنى ئىدىيە جەھەتتىن زەھەرلەش، مېڭە يۇيۇش سىياسىتىنى كەڭ قوللانماقتا.
2015-06-03
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى نىكاھ مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىۋاتقان سىياسىي تەشۋىقات ۋە ئىقتىسادىي ياردەملىرىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلىشىۋاتقانلىقى غەرب ئاخبارات ساھەسىنىڭ دىققىتىگە ئۇلاشماقتا.
2015-06-01
مەلۇمكى، قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى پرېزىدېنتىنىڭ 1997-يىل 30-مايدىكى پەرمانىغا بېنائەن 31-ماي سىياسىي تەقىپلەشلەر قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش كۈنى بولۇپ ئېلان قىلىنغان ئىدى.