ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2015-07-31
ۋەتىنىنى تەرك ئېتىپ، ھىجرەت يولىنى تۇتقان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ يىلسېرى كۆپىيىشى ۋە بەزىلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمەتلەرگە گىرىپتار بولۇشى، يەنە بەزىلىرىنىڭ ئەرەب زېمىنلىرىدىكى رادىكال كۈچلەر سېپىگە قوشۇلۇپ كېتىشى نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى جىددىي ئويلاندۇرۇۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولماقتا.
2015-07-29
سەيشەنبە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ، بۇ 3 - قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇر - 8 ئايدا ئۇ دۆلەت رەئىس بولغاندىن كېيىنكى بۇ سالاھىيەت بىلەن تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ.
2015-07-29
چوڭ دۆلەتلەرنىڭ قورشاۋى ئىچىدە تۇرغان ئورتا ئاسىيا رايونى يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيەسىنى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ قۇرۇپ چىقىدۇ؟
2015-07-27
26 - ئىيۇل گېرمانىيە دولقۇنلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بريۇسسېلدىكى جەنۇبىي ئاسىيا دېموكراتىيە مۇنبىرى تەتقىقات ئورگىنىنىڭ مەسئۇلى ۋولف ئەپەندى، خىتاينىڭ ئافغانىستان ۋە پاكىستاندا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇجاھىتلىرىنىڭ تەھدىتىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
2015-07-21
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇگۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغان بولۇپ، ئوباما شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا - ئىران يادرو بىخەتەرلىك كېلىشىمىنىڭ ئىمزالىنىشىدا ئوينىغان رولى ۋە مەيدانىغا رەھمەت ئېيتقان ۋە سىنتەبىردىكى زىيارىتىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
2015-07-20
ياپونىيەدە نەشر قىلىنىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر ژۇرنىلى»نىڭ بۇ ئايدىكى سانىدا «تۈركىيەدىكى خىتايغا قارشى داۋاملىشىۋاتقان نامايىشلارنىڭ سەۋەبلىرى» ناملىق سىياسىي ئانالىز ماقالە - ئىسى ئېلان قىلىندى.
2015-07-16
5-ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدە تۈرك خەلقىنىڭ ياردەملىرى زور رول ئوينىدى.
2015-07-15
«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» نىڭ 6 يىللىقىنىڭ ئالدى-كەينىدە تۈركىيە ۋە غەرب ئەللىرىدە ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان خىتايغا قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلۈشىدە تۈرك خەلقىنىڭ ياردەملىرى زور رول ئوينىدى.
2015-07-14
خىتاي تاراتقۇلىرى، زىيارەتتە بولغان ئىككى نەپەر تۈركىيە مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئەسلا مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان خەۋەرلىرىنى كۈچلۈك تەشۋىق قىلدۇرۇش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرۇشقا تىرىشماقتا.
2015-07-14
تايلاند پاناھلىنىش مەركىزىدە بىر يىلدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا مەجبۇرىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىك خەۋىرى 2015-يىلى 9-ئىيۇل پەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلانغاندىن كىيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ غەزەپ-نەپرىتى ھەسسىلەپ ئاشتى.
2015-07-10
2009-يىل ئۈرۈمچى قانلىق ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدا شەكىللەنگەن ۋەزىيەت پۈتكۈل دۇنيا ئۇيغۇرلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش يۆنىلىشىدە ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان رابىيە قادىر خانىم باشلىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىققەت مەركىزىدە بولۇۋاتماقتا.
2015-07-08
خىتاي پاي بازىرىدا چارشەنبە يەنە قايتا چوڭ چۈشۈش كۆرۈلدى. - 8 ئىيۇل يەنە بىر قانچە يۈز كارخانا تېخىمۇ زور زىياندىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن بازاردىن چېكىنگەنلىكىنى ئېلان قىلغان. پاي بازىرىدىكى ۋەزىيەت خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن جۈمەدىن باشلاپ يولغا قويغان قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنىڭمۇ ئۈنۈم بەرمىگەنلىكىنى ئاشكارىلىماقتا.
2015-07-02
2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ، ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسى بىلەن سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى باشچىلىقىدىكى كوممۇنىزم لاگېرى ئوتتۇرىسىدا سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى باشلانغان يىللاردا غەربتە بىرىنچى قېتىم ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىشقا پۇرسەت تۇغۇلىدۇ.
2015-07-01
22-ئىيۇن كۈنى يۈز بەرگەن قەشقەر تاختا كۆۋرۈك ھۇجۇمى دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ كەڭ-كۆلەمدە دىققىتىنى تارتتى. دۇنيانىڭ دىققەت قىلىۋاتقان نۇقتىلىرى-خىتاي قاتتىق ۋە ئىزچىل باستۇرۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدىمۇ بۇ خىل قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ بېسىقماسلىقى.
2015-07-01
ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قارىشىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلەر ھېسابلىنىدۇ.