ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2016-01-29
بىر خوڭكوڭلۇق مۇتەخەسسىس ماقالىسىدە شى جىنپىڭنىڭ مىخائىل گورباچېفقا ئوخشاش چېرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئارقىلىق كومپارتىيەنى ساقلاپ قالماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
2016-01-22
ئىلىم ساھەسىدە تونۇلغان 400 نەپەر كىشىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوچۇق خەت يېزىپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرغانلىقى ھەققىدىكى خەۋىرى غەرب مەتبۇئاتلىرىدا كەڭ تارقالدى.
2016-01-21
ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرىدا تەيۋەندە ئۆتكۈزۈلگەن پرېزىدېنتلىق سايلىمىدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش پارتىيەسىنىڭ باش سېكرېتارى سەي يىڭۋېن ئۇتۇپ چىققاندىن كېيىن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققەت-ئېتىبارى تەيۋەنگە بۇرالغان ئىدى.
2016-01-21
ياپونىيەدىن چىقىدىغان «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس فرانسىز فۇكۇيامانىڭ «خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىقتىساد مودېلىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلىشقا بولامدۇ؟» سەرلەۋھىلىك ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2016-01-18
ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىى تەستىقلىغان «نوپۇسسىزلارنى نوپۇسقا تىزىملاش مەسىلىسى ھەققىدە پىكىر»نامىدىكى ھۆججەت ئېلان قىلىنىپ، 2016-يىلدىن باشلاپ ئىلگىرى نوپۇسقا ئېلىنماي قالغانلارنىڭ نوپۇس مەسىلىسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىنىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
2016-01-16
يېقىندا ياپونىيە «ھەپتىلىك خەۋەرلەر» ژۇرنىلىدا كاۋاتو ئاكىئونىڭ «سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىدا يۈز بەرگەن ئىنقىلاب خىتايدىمۇ يۈز بېرەمدۇ؟» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىنغان.
2016-01-13
خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئاقسۇنى، شىمالىدا شىخەنزىنى مەركەز قىلىپ، رايوندا 2 چوڭ توقۇمىچىلىق سانائەت بەلۋېغى قۇرۇپ چىقىشتۇر.
2016-01-13
خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان مىللىي سىياسىتى غەرب كۆزەتكۈچىلىرىنىڭ دىققىتىنى كۈچلۈك جەلپ قىلماقتا. خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش كۈچەيمەكتە.
2016-01-12
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئەلىدا «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش» ئۈچۈن زور سەپەرۋەرلىك قوزغاپ، بارلىق تەشۋىقات قوراللىرىغا تەڭ مۇراجىئەت قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.
2016-01-11
ئاندرېۋ ياكۇبسنىڭ «خىتاينىڭ يۇقىرى بېسىملىق تەقىبىدە غەزەپ ئوتى قاينىغان شىنجاڭ» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى گويا غەزەپتىن «قايناۋاتقان قازان» غا ئوخشاتقان.
2016-01-11
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى، 2014- ۋە 2015-يىللىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇقىملىق خىزمىتى بويىچە تايانچ يېزا كادىرلىرىنى نۇقتىلىق ھالدا تەربىيەلەش يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
2016-01-11
فىرانسىيەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە خىتايشۇناس مارى ھولىزمان خانىم يېقىندا «ئۇرسۇلانىڭ قوغلاپ چىقىرىلىشى، خىتاينىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بەردى» ناملىق بىر ئەسەر ئېلان قىلغان.
2016-01-05
گېرمانىيەلىك سەيياھ، يازغۇچى ۋە خىتايشۇناس كىرىستوف رېخاگېنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ماۋ زېدۇڭنى گىتلېرغا ئوخشىتىپ بايان قىلغان سۆزى خىتايدا كۆچۈرۈپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، زور غۇلغۇلا قوزغىغان.
2016-01-05
تايلاندنىڭ تاغلىق رايوندىكى كاۋچوك دەرەخلىقىدىن تېپىلغان 220 ئۇيغۇر توغرىسىدىكى خەۋەر تۈرك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە خەۋەر قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ تراگېدىيىسى دۇنيا مەتبۇئاتلىرىدىمۇ ئورۇن ئېلىشقا باشلىغان ئىدى.
2016-01-05
بىر قىسىم كۆزەتكۈچىلەر، ياپونىيەدە ئېلان قىلىنغان «ئۇيغۇرلارنىڭ قىساس ئېلىش يولى» ناملىق چاتما ماقالىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى ياپونىيە ئوقۇرمەنلىرىگە توغرا بىلدۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.