ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-08-27
خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» دىن كېيىن يولغا قويغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» غا نۆۋەتتە 30 يىل بولاي دېدى.
2024-08-26
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ۋە بەزى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
2024-08-22
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 18-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈزلىگەن يېزا-كەنت ناملىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.
2024-08-22
19-ئاۋغۇست «غەربىي دىيار» تورىدا «سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەربىيەلەش ۋە ئېلىپ قېلىشتىكى شىنجاڭ ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2024-08-19
تۈركىيە ۋە موڭغولىيە ئارخېئولوگلىرى يېقىندا 8-ئەسىرلەردىكى ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غايىب بولغان شەھىرى «توغۇ بالىق» نىڭ ئورنى بايقىغان.
2024-08-14
كانادادا ياشايدىغان بىلال مالىك ئۇيغۇر 2021-يىلى 7-ئايدا كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تورونتودىن ئوتتاۋاغا 15 كۈنلۈك «ئەركىنلىك مارشى» ناملىق پىيادە سەپىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
2024-08-13
9-ئاۋغۇست ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ «يۈزلەشتۈرۈش» ( Head to Head) پىروگراممىسىدا، داڭلىق ژۇرنالىست مەھدى ھەسەن رىياسەتچىلىكىدە بىر سۆھبەت پىروگراممىسى ئېلىپ بېرىلدى.
2024-08-09
بىلال مالىك ئۇيغۇر كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تورونتو شەھىرىدىن پىيادە يولغا چېقىپ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى پايتەخت ئوتتاۋاغا يېتىپ بارغانىدى.
2024-08-09
8-ئاۋغۇست گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ «زاپاس ئەسكەرلەر جەمئىيىتى» تورىدا «زۇلۇم ئاخىرلاشمامدۇ؟ ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
2024-08-07
يەزىدىلەر ئىراقنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان يەرلىك مىللەت بولۇپ، 2014-يىلى دائىش (ISIS) كۈچلىرى بۇ رايوندا بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، يەتتە مىڭ ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن.
2024-08-02
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش.
2024-07-31
بۇنىڭدىن ئون يىل بۇرۇنقى 28-ئىيۇل كۈنىدە، يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئېلىشقۇ بازىرىدىكى ئۇيغۇرلار قانلىق بىر قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەنىدى.
2024-07-22
«شىنجاڭ» دېگەن بۇ نام خىتاي مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن قويۇلغان ئىسىم بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بۇنى ھاقارەتلىك نام دەپ قاراپ كەلمەكتە ۋە ئۇنى قوللىنىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلمەكتە.
2024-07-18
دەسلىپىدە ئۇيغۇرلار خىتايدا ئىسلاھات بولىدىغانلىقىدىن ئۈمىدلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن بىڭتۈەننىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى، ئىسلاھاتتا بىڭتۈەننىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغانلىقىدەك غەيرىي نورمال ھادىسىلەردىن تېزلا ئۈمىدسىزلىككە تولدى.
2024-07-17
گەرچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن خىتاينىڭ جۇغراپىيەلىك ئارىلىقى خېلى ئۇزۇن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي بۈگۈن يەنىلا ناتونىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى.