ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2024-08-29
ئامېرىكادا ياشايدىغان «دېموكراتچى» خىتاي پائالىيەتچى تاڭ يۈەنجۈن 21-ئاۋغۇست كۈنى جاسۇسلۇق، سۇيىقەست قىلىش ۋە ساختا مەلۇمات يوللاش قاتارلىق ئۈچ خىل جىنايەت بىلەن نيۇ-يورك فلاشىڭ (New York Flushing)دىكى ئىشخانىسىدا قولغا ئېلىنغان.
2024-08-28
ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئىشخانىسى 27-ئاۋغۇست «شىنجاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى» ئېلان قىلىنىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ، خىتاي سىياسىتىدە يەنىلا «مەسىلە مەۋجۇت» لۇقىنى بىلدۈردى.
2024-08-27
خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزى كومىتېتى 23-ئاۋغۇست يىغىن ئېچىپ، خىتاينىڭ غەربىي رايونلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى بەلگىلەنگەن ئىدى.
2024-08-27
خىتاينىڭ ئاتالمىش «ئىسلاھات ۋە ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىش سىياسىتى» دىن كېيىن يولغا قويغان ئاتالمىش «شىنجاڭغا ياردەم پىلانى» غا نۆۋەتتە 30 يىل بولاي دېدى.
2024-08-26
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ ئەيىبلەشلىرىنى ئىنكار قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە قارشى تەشۋىقات ۋە بەزى ئۆچ ئېلىش ھەرىكەتلىرىنى قوللىنىپ كەلمەكتە.
2024-08-22
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بۇ يىل 18-ئىيۇن كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يۈزلىگەن يېزا-كەنت ناملىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلغان ئىدى.
2024-08-22
19-ئاۋغۇست «غەربىي دىيار» تورىدا «سەھىيە ۋە ساقلىقنى ساقلاش ساھەسىدە ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش، تەربىيەلەش ۋە ئېلىپ قېلىشتىكى شىنجاڭ ئۇسلۇبىنى تونۇشتۇرۇش» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2024-08-19
تۈركىيە ۋە موڭغولىيە ئارخېئولوگلىرى يېقىندا 8-ئەسىرلەردىكى ئورقۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسىنى قۇرغان ئاساسلىق ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ غايىب بولغان شەھىرى «توغۇ بالىق» نىڭ ئورنى بايقىغان.
2024-08-14
كانادادا ياشايدىغان بىلال مالىك ئۇيغۇر 2021-يىلى 7-ئايدا كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تورونتودىن ئوتتاۋاغا 15 كۈنلۈك «ئەركىنلىك مارشى» ناملىق پىيادە سەپىرىنى ئېلىپ بارغان ئىدى.
2024-08-13
9-ئاۋغۇست ئەلجەزىرە تېلېۋىزىيەسىنىڭ «يۈزلەشتۈرۈش» ( Head to Head) پىروگراممىسىدا، داڭلىق ژۇرنالىست مەھدى ھەسەن رىياسەتچىلىكىدە بىر سۆھبەت پىروگراممىسى ئېلىپ بېرىلدى.
2024-08-09
بىلال مالىك ئۇيغۇر كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تورونتو شەھىرىدىن پىيادە يولغا چېقىپ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى پايتەخت ئوتتاۋاغا يېتىپ بارغانىدى.
2024-08-09
8-ئاۋغۇست گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ «زاپاس ئەسكەرلەر جەمئىيىتى» تورىدا «زۇلۇم ئاخىرلاشمامدۇ؟ ئۇيغۇرلار گىئو-سىياسەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ كەتمەكتە» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى.
2024-08-07
يەزىدىلەر ئىراقنىڭ شىمالىدا ياشايدىغان يەرلىك مىللەت بولۇپ، 2014-يىلى دائىش (ISIS) كۈچلىرى بۇ رايوندا بەش مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قىرىپ تاشلىغان، يەتتە مىڭ ئادەمنى تۇتۇپ كەتكەن.
2024-08-02
خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تۈپ مەقسىتى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» ئەمەس، بەلكى كەلگۈسىدە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان دۇنيا ئۇرۇشىغا تەييارلىق قىلىش.