ئامېرىكا تاشقى مۇناسىۋەتلىك كېڭىشىنىڭ ئاسىيا تەتقىقات ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئېلىزابىت ئېكونومي س ن ن تېلېۋىزىيە تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش توغرۇلۇق بەزى تەكلىپ پىكىرلەرنى بەرگەن.
ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دىنىي ئىبادەتكە قارىتىلغان كەمسىتىشنى مەنئى قىلىش، باج كەچۈرۈم قىلىش ياكى خىزمەتكە تەربىيىلەش ئارقىلىق كىرىم پەرقىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ھەل قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆز تىلىنى قوللىنىشىنى ئالغا سۈرۈش، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئەركىن ئىبادەت قىلىشىغا يول قويۇش ۋە باشقا بەزى رادىكال تەدبىرلەرنى ئېلىشى كېرەك.
ئېلىزابىت ئېكونومي «خىتاينىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ مەنبەسىنى تەھلىل قىلغان. دىنىي چەكلىمە، تىل مەسىلىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ سودا بازىرىدىن سىقىپ چىقىلىشى، ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر قول ھۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ ۋەيران بولۇشى، خەنزۇلارنىڭ بىر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتدار بولۇشى، ئادالەتسىزلىك، نارازىلىقنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشى قاتارلىق ئامىللار ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزگەن.
ئۇ، بېيجىڭنىڭ سىياسىتى شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، مەدەنىيەت جەھەتلەردىكى ھەقىقىي سەۋەبىنى ھەل قىلىشقا ئىنتايىن ئاز كۈچ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئومۇمى ئىشلەپچىقىرىش دارامىتى، تيەنجىن شەھىرىنىڭ تەخمىنەن 3 تەن 1 گە توغرا كېلىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنىڭدىن خەنزۇلار بىر تەرەپلىمىلىك مەنپەئەتدار بولۇپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئۇ يەنە شەن ۋېي، چېن گاڭ قاتارلىق خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خەنزۇلارنىڭ كۆچۈپ كېلىشى، ئۇلار ئېلىپ كەلگەن سانائەت ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى مىللىي قول ھۈنەرۋەنچىلىكى ۋە سودىسىنى پاخاللاشتۇرغانلىقى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلار خەنزۇلارنىڭ قۇرغان سودا تەرەققىيات تورىدىن سىقىپ چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكىدىكى تور ئەركىنلىك پائالىيەتچىسى ئىلى خوڭكۇەن ئەپەندى، يۇقىرىقى مەسىلىلەر ئۇيغۇر ئېلىدە ھەقىقەتەن قاراڭغۇلۇق كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بىراق بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى بارلىقى گۇمانلىق، دەپ كۆرسەتتى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەسىلىنى ھەل قىلىش پۇرسىتىنى قاچۇرۇپ قويغان.
ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇنىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ئەمەس، شەندۇڭدىكى مەسىلىنىمۇ ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇنىڭ ھەرقانداق جايدىكى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئىقتىدارى يوق. ئۇ بۇ توقۇناقنى بۇزۇپ قويماي شۇ پېتى داۋام قىلدۇرۇشنى ئويلايدۇ. ئۇ بۇنى ھېچقانداق يول قالمىغۇچە داۋام قىلدۇرۇپ، ئاخىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا ئوخشاش پۈتكۈل جەمئىيەت گۇمران بولىدۇ. بۇ مەسىلە راك كېسىلىگە ئوخشايدۇ. ئەگەر بىر ئادەم راكنى بىخ باسقۇچىدا بايقاپ داۋالىسا، ئۇنىڭدا ئۈمىد بار. جۇڭگونىڭ ھازىرقى مەسىلىسى ئاخىرقى باسقۇچتىكى راك كېسىلى. ئەگەر ئۇلار 20 ئاۋۋال «4-ئىيۇن ۋەقەسى» ۋاقتىدا سىياسىي ئىسلاھات قىلغان بولسا، يەنە ئۈلگۈرەتتى. ئۇ چاغدا بايلىق مەنپەئەت گۇرۇھلىرىنىڭ ئارىسىدا تەقسىم قىلىپ بولۇنمىغان. بىراق، ھازىر بايلىق تەقسىم قىلىپ بولۇندى. ئۈرۈمچى، بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە جۇڭگونىڭ ھەر قانداق شەھىرىگە بارسا بۇنى ھېس قىلىش مۇمكىن. بۇ ئەھۋالدا سىياسىي ئىسلاھات مۇمكىن ئەمەس. مەسىلىنى تىنچ ھەل قىلىشنىڭ پۇرسىتى ئۆتۈپ كەتتى. مەسىلە پەقەت ئىنقىلاب ئارقىلىق ھەل قىلىشقا قالدى.
ئېلىزابىت ئېكونومي يەنە ئۇيغۇر ئېلىنغان كۆچۈپ كەلگەن خەنزۇ كۆچمەنلىرىنىڭ كۆلىمى مەسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكىنى، يېقىنقى 60 يىلدا 6% لىك خەنزۇ نوپۇسىنىڭ 40 نەچچە پىرسەنتكە يەتكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، كوممۇنىستىك پارتىيىنىڭ دىنغا قارشى پوزىتسىيىسى ۋە ئىسلامنى قاتتىق چەكلىشى نۇرغۇن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى «رادىكاللاشتۇرغانلىقىنى» نى ئىلگىرى سۈرگەن.
لى خوڭكۇەن، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللشتۇرىۋاتقانلىقى بىر رېئاللىق، دېدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشتا جۇڭگونىڭ بىر خىل ئويلاش ئۇسۇلى بار. ئۇ ھازىرمۇ شۇنداق ئويلايدۇ، قارشىلىقنى باستۇرۇش ئارقىلىق تىنچىتىش. باستۇرۇش كۆزلىگەن ئۈنۈم بەرمەيدۇ. شىنجاڭ مەسىلىسىگە قارىساق، ئۆتكەن 30 يىلدىن بۇيان مەسىلە، زىددىيەت كۈنسايىن ئۆتكۈرلىشىپ، قارشىلىق كۈچىيىپ ماڭدى. ئۇنىڭ ئۇسۇلى ئاقمىدى. شۇڭا ئۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئەكسىچە تېخىمۇ كۆپ ئادەم رادىكاللىشىشقا قاراپ مېڭىشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، رادىكاللىشىۋاتقانلار نوقۇل ئۇيغۇرلار ئەمەس، خەنزۇلارمۇ رادىكاللىشىۋاتىدۇ. بېيجىڭ ئايرۇدۇمى، شەندۇڭدا يۈز بەرگەن پارتلاش بۇنىڭ مىسالى. نارازىلىق ۋە ئۈمىدسىزلىكنىڭ رادىكاللىشىش ئەھۋالى بىر خىل يۈزلىنىشكە ئايلىنىۋاتىدۇ.
ئېلىزابىت ئېكونومي، خىتاي ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن «ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمىنى شەخسى نارازىلىق ھەرىكىتى ئەمەس، ئالدىنئالا پىلانلانغان ھەقىقىي تېررورلۇق ھۇجۇم» دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، بىراق بۇ يەكۈن خىتاينىڭ مەملىكەت ئىچى-سىرتىدا داۋاملىق نۇرغۇن سوئاللارنى پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ 2-قەدەمدە شىنجاڭنىڭ ئۆزىدە باستۇرۇش ئېلىپ بېرىشكە تەمشىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، باستۇرۇشنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى كۆتكەن نەتىجە بېرىشى گۇمانلىق ئىكەنلىكى، ئۇيغۇر ئېلىدە بۇرۇن يۈز بەرگەن زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بارغان ئەھۋالدا روي بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
ئېلىزابىت ئېكونومي مۇنداق دەيدۇ: شىنجاڭدا بۇرۇن روي بەرگەن زوراۋانلىق بېيجىڭنىڭ قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتى، كەڭ كۆلەملىك قولغا ئېلىش، ھەربىي -ساقچى قىسىملىرىنىڭ كۆچ كۆرسىتىشىگە جاۋابەن يۈز بەرگەن. ئەمەلىيەتتە، تيەنئەنمېن ۋەقەسى بېيجىڭ شىنجاڭدا تور پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇۋاتقان ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە روي بەردى.
ئۇ، خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى بەزى مۆتىدىل تەدبىرلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇ يىل 5-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر ناھىيەنىڭ «مىللەتلەر ئىناقلىق تەلىم-تەربىيە ئېيى» دا، پۇقرالارنىڭ 100قېتىمدىن ئارتۇق مىللەتلەر مۇناسىۋىتى لېكسىيىسىگە ئورۇنلاشتۇرغانلىقى، بىراق كېيىنكى ئايدا مەزكۇر ناھىيىدە مىللىي زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بېرىپ، 35 كىشى ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
بۇ يىل 6-ئايدا تۇرپاننىڭ پىچان ناھىيىسىگە قاراشلىق لۈكچۈن بازىرىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 35 ئادەم ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ لۈكچۈندىكى ساقچى پونكىتى قاتارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەقەنى «ئۇيغۇرلار قىلغان پىلانلىق تېررورلۇق ھەرىكىتى» دەپ ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقە يەنىلا نۇرغۇن كىشىلەردە گۇمانلىق سوئاللارنى پەيدا قىلغان.
لى خوڭكۇەن ئەپەندى، باستۇرۇشنىڭ مەسىلە ھەل قىلمايدىغانلىقى، قارشىلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى تيەنئەنمېن ھۇجۇمىنى تېررورلۇققا باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق سىياسىي، ئىقتىسادى تەلەپلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇرۇنغان.
لى خوڭكۇەن: مەسىلىنى تېررورلۇققا باغلاش جۇڭگو كومپارتىيىسىنىڭ بىر خىل رەزىل ئۇسۇلى. ئۇ ئىزچىل بۇ خىل ئۇسۇلنى قوللىنىپ كەلدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سەن قارشى تەرەپنى تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلىسەڭ، ئامېرىكا ساڭا گەپ قىلالمايدۇ. چۈنكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئاساسى ئېقىمى. ئامېرىكا رادىكال ئىسلامغا قارشى تۇرىدۇ. جۇڭگو دەل بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىۋاتىدۇ. رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىنمۇ چېچەنلەرنى باستۇرۇشتا بۇنى سۇيىئىستېمال قىلغان. بۇ ناھايىتى رەزىل پىكىر قىلىش ئۇسلۇبى. ئۇلار باشقىلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ ئاددىي ۋە قوپال ئۇسۇل ئارقىلىق ئەسلىدىكى مەسىلىنى يوشۇرۇپ كەلدى. بىراق، ئافغانىستان، شىنجاڭ ۋە چېچەنلەرنىڭ مەسىلىسى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدۇ. ئۇلارنىڭ تەلەپ ۋە ئارزۇ-ئىستەكلىرىدە يەرلىك پەرقلەر بار. ئەگەر ئۇلارغا تېررورلۇق قالپىقى كىيدۈرۈلسە، ئۇلار ھەقلىق تەلەپلىرىنى ئىپادىلەشتە قىينىلىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
ئېلىزابىت ئېكونومي «جۇڭگونىڭ شىنجاڭ مەسىلىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىق سىياسىي، ئىقتىسادى نارازىلىقىنى ھەل قىلىشتىكى ئىقتىدارسىزلىقى ياكى ئىستەكسىزلىكى، ش ت ئى ھ گە ئوخشاش 2008-يىلى شاڭخەي، يۈننەندە يۈز بەرگەن ئاپتوبۇس پارتلاش ۋەقەلىرىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتىنى ئازايتمايدۇ. شىنجاڭلىق بەزى مۇسۇلمانلار ئەل-قائىدىگە قاتناشقان، يەنە باشقىلار سۈرىيەدە جەڭ قىلىۋاتىدۇ. رادىكاللاشقان بۇ جەڭچىلەر خىتايغا قايتسا، ئۇلار قۇرغان مۇناسىۋەت ۋە ئالاقە تورى بېيجىڭ دۇچ كېلىدىغان ھەقىقىي تەھدىتنى كۈچەيتىدۇ.