خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېڭى پىلانى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015.12.21
kocha-qarlawatqan-xitay-saqchi-qoralliq-herbiy.jpg خىتاي قوراللىق كۈچلىرىنىڭ كوچا چارلاۋاتقان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 30-ئىيۇل، قەشقەر.
Imaginechina

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يېڭى قوللانمىسىغا بەزى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈپ، خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى ۋە ئۇيغۇر رايونىدا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر رايونى، خىتاينىڭ دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ يېقىنقى «بۆلۈنۈشى ۋە ئۆزگىرىش ئەھۋالى» غا قاراپ، ئۆزىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوللانمىسىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مەركىزى ئورگانلار بىلەن ھەر قايسى ئۆلكىلەرنىڭ تېررورلۇق ئىستىخباراتى ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىش، ئۇيغۇر رايونىدا ئىستىخبارات توپلاشنى خىتاينىڭ مەملىكەت مىقياسى بىلەن پۈتۈنلەشتۈرۈش قوللانمىدىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىكەن.

مەزكۇر قوللانما خىتاينىڭ 11‏-دېكابىر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان. خىتاي مەركىزى سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى مىڭ جيەنجۇ شۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشقان ئىدى.

ئۇ خىتاي ئاخباراتلىرىغا بەرگەن ئۇچۇرىدا، ئۇيغۇر رايونىدا 98 % تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ پىلانلاش باسقۇچىدا ئالدى ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر قوللانما «خىتاي ساقچىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ "تېررورلۇق گۇرۇھلار"نى ئۇلار ھۇجۇم قوزغاشتىن بۇرۇن يوقىتىش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ» دېگەن.

ئەمما، تېررورلۇققا قارشى بۇ خىل ئامانلىق تەدبىرى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدا ئەندىشە قوزغىدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، نوقۇل ئامانلىق تەدبىرى ۋەزىيەتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈپ، رايوندا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى داۋاملىق ئېغىرلاشتۇرىدۇ.

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا مەسئۇل خادىمى ئۇلرىخ دېلىئۇس، بۇنداق قاتتىق سىياسەت ئۇيغۇر رايونىدىكى توقۇنۇشنى تىنچ ھەل قىلىشقا ھېچقاچان پايدىلىق ئەمەس، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ، زوراۋانلىق زوراۋانلىقنى تۇغدۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇنداق دېدى: « بىز ھازىرغا قەدەر ئىزچىل شۇنى دەپ كەلدۇق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەسىراتى شۇ، خىتايدا ئۇ پەيدا قىلغان مەسىلە بار. بىز بۈگۈن شەرقىي تۈركىستاندا كۆرگەن ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى زوراۋانلىقنى قوزغىدى. ئۇ يەردە كىشىلەر ھەقىقىي بىر تەشكىللىك تېررورلۇق تورىغا ئۇيۇشقان ئەمەس. بەلكى، ئۇ بىر ياكى بىر قانچە ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەرىكىتى. بۇ ئائىلىلەرگە قارشى ئۇرۇش يېڭى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى پەيدا قىلىۋاتىدۇ.


مەسىلەن، بىر قانچە ھەپتە ئاۋۋال نەچچە ئون كىشى ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە كىچىك بالىلار بار، ئۇلار پەقەت شۇ ئائىلىنىڭ بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا ئۆلتۈرۈلدى. بۇ بىر پاجىئە. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتىنىڭ پاجىئەسى».

خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 18‏-سېنتەبىر باي ناھىيەسىنىڭ سوغان كۆمۈركېنى تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 18 ئادەم ئۆلتۈرۈلگەنلىكى، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنىڭ يېقىندا ۋەقە سادىر قىلغان 28 نەپەر تېرورچىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ھۇجۇمچىلارنى چەتئەل ئىسلامى رادىكال كۈچلىرىنىڭ تەسىرىدە مېڭىسى يۇيۇلۇپ، غازات قىلىش نىيىتىگە كەلگەن تېررورچىلار،دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

ئۇلرىخ دېلىۇس ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل قاتتىق سىياسەت بەزى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق گۇرۇھى‏-دائېش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش خەلقئارا رادىكال گۇرۇھلارنىڭ قوينىغا ئىتتىرىدۇ. دېلىئۇس، بۇ خىتايغا زور تەھدىت پەيدا قىلىپلا قالماي، ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ خەلقئارا ئوبرازىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ، دېدى.

ئۇلرىخ دېلىئۇس مۇندداق دەيدۇ: « بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى ۋەزىيەتكە قانچىلىك خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋىرىمىز بار. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇ رايوندىكى خەلقنىڭ ئۈمىدسىزلىكى ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا رادىكال ئىسلامچىلارنىڭ ئىشىغا يارىشى مۇمكىن. نۇرغۇن دۆلەتلەر ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ رادىكال ئىسلامچىلار تەرىپىدىن كوزىر قىلىپ قوللىنىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىۋاتىدۇ. بۇ پۈتكۈل ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈچۈن زور خەۋپ.»

بەزى ئانالىزچىلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى يېڭى تەدبىرى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى كۈرەش ۋەزىيىتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشكە ماسلىشىشنى مەقسەت قىلغانىكەن.

خىتاي ج خ مىنىستىرى گۇ شىڭكۇن ج خ مىنىستىرلىقى ۋە خىتاي تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆتكەن ھەپتىكى يىغىنىدا، ھەر قايسى ئۆلكە، ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىچكى ۋە خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدىكى «يېڭى ئۆزگىرىش ۋە يۆلۈنۈشكە ماسلىشىشى»نى تەكىتلىگەن.

ئەمما بەزى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ھالقىلىق مەسىلىلەرنى يېپىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

د ئۇ ق نىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دەيدۇ: « ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏- يىلى يەنە ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى سەنىمىگە دەسسەپ، ئۇيغۇرلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تۇتۇپ ۋە قاتتىق قوللۇق بىلەن مۇئامىلە قىلسا، ئۇ يەردىكى ھەرىكەت بېسىقمايدۇ. چۈنكى، ئۇيغۇرلارغا بىر تاللاش، بىر دېرىزە بەرمىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ بېقىپ، زادى نېمە دەيسەن، دېمىدى. بولمىسا، خىتاينىڭ نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئۆمىكى شەرقىي تۈركىستانغا كەلدى. نۇرغۇن تەكشۈرۈشلەرنى ئېلىپ باردى. لېكىن ھېچقايسىسى يۇقىرىغا يا توغرا دوكلات قىلمىدى، يا توغرا دوكلات قىلغان بولسىمۇ، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ياكى ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت قۇلاق سالمىدى.
مەسىلە زادى نېمە، ھەل قىلايلى، دېگەن ئويغا كەلمەي، باستۇرۇش، قولغا ئېلىش، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يوققا چىقىرىش تەرەپكە كېتىپ بارىدۇ. بۇنداق بولسا 2016‏- يىلىمۇ تىنجىمايدۇ. »

نۇرمەمەت مۇساباي يەنە، ھازىرقى خىتاي ھۆكۈمىتى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ ھالقىلىق مەسىلە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونوم رايون ئىشلىرىدا ئۆز ئۆزىنى ئىدارە قىلىشىغا يول قويۇشتۇر، دەپ كۆرسەتتى.

نۇرمەمەت مۇساباي مۇنداق دېدى: « ئالدى بىلەن خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزى ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ئىككىنچى، خىتاي ئەڭ بولمىغاندا بىزگە زولاپ تاڭغان ئاپتونومىيە قانۇنىغا بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. بۇنى ھەل قىلىشى كېرەك. بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى بېرىشى، تىل يېزىقىنى چەكلىمەسلىكى، دىنىي ئەركىنلىكىنى چەكلىمەسلىكى كېرەك. خەلقىمىزگە ئىقتىسادى جەھەتتە خىتايلار بىلەن باراۋەر مۇئامىلە قىلىشى كېرەك، خىتايلارغا ئىقتىسادى جەھەتتىن يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىپ، ئۇيغۇرلارغا قىزىل چىراغ يېقىپ قويىدىغان ئىش بولماسلىقى كېرەك. ئۇنداق دېسەك خىتاي بىز بېرىۋاتىمىز، دەپ 4-5 باينى كۆرسىتىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى مەسىلە قۇتقۇزۇش پۇلى، مىيىپلارنى يۆلەش پۇلى ئەمەس. ئومۇمەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىن ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى بېرىشى كېرەك. »

خىتاي ج خ مىنىستىرى گۇ شىڭكۇن مىنىستىرلىقنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر مەسىلە، تورنى كونترول، ئىستىخبارات خىزمىتى ۋە خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، مەسچى ۋە دىنىي سورۇنلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتۇر.

ئۇ، مەھەللىدىكى گۇمانلىق پائالىيەتلەرنى ھۆكۈمەتكە مەلۇم قىلغان پۇقرالارنى مۇكاپاتلايدىغان «مۇكەممەل» بىر سىستېما ئوتتۇرىغا قويغان، ئەمما خىتاي ئاخباراتى بۇنىڭ قانداق مۇكەممەل سىستېما ئىكەنكلىكى ھەققىدە ھېچقانداق چۈشەنچە بەرمىگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.