تۇڭگان ئانالىزچىلىرى: «شى جىڭپىڭ دەۋرىدە قاتتىق دىنىي چەكلىمە تۇڭگانلارغا كېڭەيدى»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2017.09.11
tunggan-musulmanlar.jpg خىتايدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى.
Social Media

نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان قاتتىق دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ خىتايدىكى تارقاق ياشاۋاتقان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغىچە كېڭەيگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتە تۋىتتېردا ئاكتىپ پىكىر قىلغۇچى تۇڭگان زىيالىيلىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مۇسۇلمانلارنىڭ توڭگۇز گۆشى يېمەسلىكى، توڭگۇز باقماسلىقى ۋە يېمەكلىكلەرنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىش چۈشەنچىسىنىڭ دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكى ھەققىدە ئىنكاسلار تارقالغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇلار يەنە نۆۋەتتە تۇڭگانلارنىڭمۇ خىتايدىكى دىنىي چەكلىمە ۋە باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چەتئەللەردىكى تۇڭگان زىيالىيلىرىنىڭ قارىشىچە، يېقىنقى بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە تارقاق ئولتۇراقلاشقان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىغا كېڭەيتكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىنىڭ جورجىيا شتاتىدا ماگىستىرلىق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان سۇلايمان يىگۇ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇڭگانلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى باستۇرۇشىدىكى مۇھىم ئىپادىلىرىنىڭ بىرى، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدىكى يېمەكلىكلەرنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىش چۈشەنچىسى ھەمدە توڭگۇز گۆشى ۋە توڭگۇز مېيىنى يېمەسلىك، توڭگۇز باقماسلىق، توڭگۇز گۆشى سېتىشنى چەكلەش قاتارلىق دىنىي ئېتىقاد-ئادەتلىرىگە «دىنىي رادىكاللىق» قالپىقىنى كىيدۈرۈپ، قاتتىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئەڭ ئومۇملاشقان مىسالى دەپ كۆرسىتىش مۇمكىن.

سۇلايمان يىگۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا رادىكال دىنىي باستۇرۇش كۈچەيگەن بىر مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ تۇڭگانلارغا يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان ئىلگىرىكى نىسبەتەن مۆتىدىل سىياسىتىدە رادىكاللىققا يۈزلىنىش ئىپادىلىرى كۆرۈلمەكتە. بولۇپمۇ شى جىڭپىڭ تەختكە چىققان بۇ بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي تىلىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىدا مۇسۇلمانلارنى ھاقارەتلەيدىغان، تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا ھۇجۇم قىلىدىغان يازمىلار بارغانچە كۆپەيدى. ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدىكى تەشۋىقاتلاردا يەنە مۇسۇلمانلارنىڭ يېمەكلىكلەرنى ھالال-ھارام دەپ ئايرىيدىغان دىنىي ئېتىقاد ئادىتى "دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى" دەپ ئاشكارا تەشۋىق قىلىنىشقا باشلىدى.»

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى بايانىدا يەنە نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدە تۇڭگانلار ئاچقان مۇسۇلمانچە يېمەكلىك زاۋۇتلىرىغا ۋە مۇسۇلمانچە ئاشپۇزۇللارغا بىردەك ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈلۈپ، ئەرەب يېزىقىدىكى «ھالال» سۆزىنىڭ ئورنىغا خىتايچە «چىڭجېن» خېتىنى ئىشلىتىش، مۇسۇلمان ئاشپۇزۇللىرىدا ھاراق سېتىشنى تەشەببۇس قىلىش، تۇڭگان مۇسۇلمانلارنىڭ مەسچىت دەرۋازىلىرىغا توڭگۇز بېشى ئېسىپ قويۇش، تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلاردا «مۇسۇلمانچە» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلغان تورتخانىلاردا توڭگۇز يېغى ئىشلىتىش قىلمىشلىرى ۋە بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرگەن تۇڭگان دىنىي زاتلىرىنىڭ «قالايمىقانچىلىق چىقاردى» دېگەن باھانىلەردە تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ كۆرسەتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسى شۇنىڭ شەھىرىدىكى تۇڭگانلار مەزكۇر شەھەرنىڭ دۇڭگۇەن رايونىدىكى بىر تورتخانىنىڭ يېمەكلىك توشۇش ئاپتوموبىلىدا توڭگۇز مېيى ۋە چوشقا پۇتى بايقالغانلىقى سەۋەبىدىن نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ئىدى. ئەينى ۋاقىتتا غەزەپلەنگەن تۇڭگان نامايىشچىلىرى مەزكۇر تورتخانىنى چېقىپ ۋەيران قىلغان. ۋەقەدىن كېيىن مەزكۇر رايوندىكى بىر قىسىم تۇڭگان دىنىي زاتلىرىنىڭ قۇتراتقۇلۇق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىنىپ سوتلانغانلىقى ھەققىدە خەۋەر تارقالغان ئىدى.

نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي مەكتەپلەرنى چەكلەش ھەرىكىتىنىڭ تۇڭگانلار ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا كېڭەيگەنلىكىنى بىلدۈرگەن تۇڭگان زىيالىيسى يۇنۇس ئەپەندى، 2012 ۋە 2013-يىللىرى يۈننەندىكى شىدا دىنىي مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئۆزىنىڭ مەكتەپتىكى چېغىدا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە تۇڭگانلارغا قارىتىلغان دىنىي تەقىپلەرنىڭمۇ بارغانچە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى

«مەن 2012 ۋە 2013-يىللىرى يۈننەندىكى شىدا ئىسلام دىنىي مەكتىپىدە بىر مەزگىل ئىشلىدىم. مەزكۇر مەكتەپ يەرلىكتىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ پۇل چىقىرىشى بىلەن قۇرۇلغان شەخسى مەكتەپ. 700 نەپەر ئوقۇغۇچىسى بار مەكتىپىمىزدە ئەرەب تىلى ۋە ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرى ئۆگىتىلەتتى، ئەمما يەرلىك ساقچىلار ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە ئۇقتۇرۇش بار ئىدى. شۇنداق ئەھۋالدا مەن بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلدىم، ۋە بۇ سەۋەبتىن ساقچىلارنىڭ سوراق قىلىشىغا ئۇچرىدىم. 2014-يىلى يۈز بەرگەن 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ھۇجۇم ۋەقەسىدىن كېيىن، مەكتىپىمىزدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار پۈتۈنلەي ئۇيغۇر دىيارىغا قايتۇرۇلدى، مەنمۇ باشقا يۇرتلۇق بولغۇنۇم ئۈچۈن مەزكۇر مەكتەپتىن قايتۇرۇۋېتىلدىم ۋە كېيىن چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولدۇم. بىلىشىمچە، بىرقانچە يىلدىن بۇيان خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگانلارغا قارىتىلغان دىنىي تەقىپلەر ئىچىدە ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ دىنىي تەلىم-تەربىيە ئېلىشىغا قارىتىلغان چەكلىمىلەر تېخىمۇ كۈچەيدى دېيىشكە بولىدۇ. بولۇپمۇ نۆۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا تۇڭگان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزى قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەرگە بېرىشى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئوخشاشلا چەكلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار بارغانچە كۆپەيمەكتە.»

سۇلايمان يىگۇ ئەپەندى يەنە نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە كۈچىيىۋاتقان ئىسلام دىنىغا قارىتىلغان دىنىي تەقىپلەرنىڭ 1975-يىلى يۈننەننىڭ شادەن ناھىيىسىدە تۇڭگانلارنىڭ توڭگۇز بېقىشقا نارازىلىق بىلدۈرۈشى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەن «شادەن قانلىق قىرغىنچىلىقى» دەك ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولۇشى مۈمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

«1975-يىلى يۈننەندە يۈز بەرگەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭ خىتاي ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇش ۋەقەسىگىمۇ، تۇڭگانلارنىڭ چوشقا بېقىشقا مەجبۇرلىنىش قىلمىشى سەۋەب بولغان ئىدى. ئەگەر نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان رادىكال باستۇرۇش سىياسىتى مۇشۇنداق داۋاملاشسا، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان رادىكال دىنىي باستۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق سەۋەبىدىن قوزغالغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى تۇڭگانلار ئارىسىغا كېڭىيىشى مۇمكىن.» 

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، دىنىي ئۆلىما تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، نۆۋەتتە خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان بۇ خىل رادىكال دىنىي باستۇرۇشنىڭ 50-يىللارنىڭ بېشىدا ۋاڭ جېنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن رادىكال باستۇرۇشى ۋە مەدەنىيەت زور ئىنقىلابى دەۋرىدە پۈتۈن خىتايدا داۋاملاشقان دىنسىزلاشتۇرۇش، مەسچىتلەردە چوشقا بېقىش قاتارلىق رادىكال سىياسەتنىڭ قايتىلىنىشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى نۆۋەتتە تۇڭگانلارغا قارىتىلغان دىنىي باستۇرۇش ھەققىدىمۇ توختىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئورتاق بولغان ھالال-ھارام ئەقىدىسىدىن ئىبارەت نازۇك مەسىلىنى «دىنىي رادىكاللىقنىڭ ئىپادىسى» دەپ باستۇرۇشىنىڭ تۇڭگانلار ئارىسىغىچە كېڭىيىشى خىتاينىڭ خەلقئارا مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرىدىغانلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي زۇلۇمنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۇرغۇنجان ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 60-70-يىللىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزگەن مەسچىتلەرنى بۇزۇش، ئۇيغۇرلارغا چوشقا باققۇزۇش قىلمىشلىرىنى نەقىل ئېلىپ، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي باستۇرۇشنى تۇڭگانلار ئارىسىغىچە كېڭەيتىشىنىڭ ئاقىۋەتتە پۈتكۈل خىتاي بويىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ئومۇمىي قارشىلىق كەيپىياتىنى كۈچەيتىشى مۈمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.