تۈركىيەدىكى سايلامغا ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.03.31
turkiye-saylam-uyghur-bilet.JPG د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك تۈركىيە سايلىمىدا بىلەت تاشلىماقتا.
RFA/Erkin Tarim

بۇ نۆۋەت تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن يەرلىك سايلام ئاخىرلاشتى. سايلام نەتىجىسىدىن قارىغاندا، كۆپ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئوڭچى پارتىيىلەر سايلامدا يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشكەن. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە بۇ، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ياخشىلىقنىڭ بېشارىتى ئىكەن.

ھاجىتەپپە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان پارتىيىلەرگە ئاۋاز بەرگەن.

تۈركىيە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇھىم بىر دۆلەت چۈنكى 65 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرلار بۇ دۆلەتتە دەۋاسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشماقتا. شۇڭا تۈركىيەدىكى بۇ سايلام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى، تۈركىيەدىكى شەھەر ۋە ناھىيە باشلىقلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز دەۋاسىنى تۈرك جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشىغا زېمىن تەييارلاپ بېرىدۇ.

12-ئاينىڭ 17-كۈنى 4 مىنىستىرىنىڭ ئوغلىنىڭ پارىخورلۇق بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلىنىشى بىلەن باشلانغان ۋەقەلەر تۈركىيە ئىچىدە زور داۋالغۇشلارنى پەيدا قىلغان ئىدى. بۇنداق بىر ۋەزىيەتتە باشلانغان سايلام تەشۋىقات خىزمەتلىرى 30-چېسلا سايلام يېشىغا توشقان 52 مىليون تۈرك پۇقراسىنىڭ شەھەر، ناھىيە ۋە يېزا باشلىقلىرىنى سايلاپ چىقىشى بىلەن ئاخىرلاشتى. سايلامدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى 45%, جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى 25%, مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى 17% ئاۋاز ئالدى. تۈركىيەدىكى چوڭ شەھەرلەردىن ئىستانبۇل، ئەنقەرە قاتارلىق شەھەرلەردە ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى نامزاتلىرى، ئىزمىردە جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسى نامزاتلىرى، ئادانا، مەرسىنگە ئوخشاش شەھەرلەردە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ نامزاتلىرى شەھەر باشلىقى بولۇپ سايلاندى. بۇ قېتىمقى سايلامدا سايلانغان 81 شەھەر، كۆپ ساندا ناھىيە ۋە يېزىلارنىڭ باشلىقلىرى 5 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. ئۇنداقتا بۇ قېتىمقى سايلام ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن نېمە پايدىسى بار دېگەنگە ئوخشاش سوئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن Www.Uyghurnet.Org تور گېزىتىنى چىقىرىۋاتقان خەمىت گۆكتۈرك ۋە در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇلار ھەممە بىردەك بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن خەيرلىك سايلام بولغانلىقىنى بايان قىلىشتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.