تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى بويىچە 3 قېتىم خىتاينى ئەيىبلىشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.02.28
CHawushoghlu-and-Deng-li.jpg خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن. 2019-يىلى 26-فېۋرال، ئەنقەرە.
mfa.gov.tr

25-فېۋرال كۈنى جەنۋەدە داۋاملاشقان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 40-نۆۋەتلىك يىغىنىدا تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە قىلغان سۆزى خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

خىتاينىڭ ئەنقەرەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دېڭ لى 26-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇنىڭ جەنۋەدە ئۇيغۇرلار توغرىلىق ئېيتقانلىرىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوقلۇقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقىنىڭ مائارىپ، ئاخبارات ۋە نەشرىيات ساھەلىرىدە ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ تور بېتىدە چاۋۇشئوغلۇ بىلەن خىتاي ئەلچىسىنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر توغرىسىدا سۆزلەشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 

تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2 ئىللىق سۈكۈتتىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن ئۈچ قېتىم بايانات بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاينى ئەيىبلىشى كەڭ ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى خۇشال قىلىش بىلەن بىرلىكتە دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭمۇ دىققىتىنى تارتماقتا. 26-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدىكى خىتاي باش ئەلچىسى دېڭ لىنى قوبۇل قىلىپ سۆزلەشكەن. بۇ بىر قاتار جىددىيچىلىكلەر نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئەنقەرەدىكى ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتىنىڭ مۇتەخەسسىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھازىر يۈز بېرىۋاتقان بىر قاتار ھادىسىلەرنىڭ تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ جىددىيلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى 

خىتاي 2015-يىلى تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى چوڭ شەھىرى بولغان ئىزمىردە كونسۇلخانا ئاچقان ئىدى. خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدىكى ئەڭ يېقىنقى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، 27-فېۋرال كۈنى خىتاينىڭ ئىزمىردىكى كونسۇلخانىسى ئېتىۋېتىلگەن. بۇنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاي ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشىنى ئىزمىر ئارقىلىق ياۋروپاغا باغلاشنى پىلانلىغانلىقىنى، ھەتتا ئىزمىردە ئۇنىۋېرسىتېت قۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە خىتاينىڭ ئىزمىردىكى كونسۇلخانىسىنى تۇيۇقسىز تاقىشىنىڭ ئۇنىڭ بۇ پىلانىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنىڭ ئىپادىسى بولۇش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايان قىلدى. 

مەلۇم بولغىنىدەك تۈركىيە ئۇيغۇر دىيارىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئىككى يىلدىن بۇيان سۈكۈتتە تۇرۇپ كەلگەن ئىدى. ھالبۇكى، 2 ھەپتىدىن بۇيان تۈركىيە بۇ سۈكۈتنى بۇزۇپ ئارقا-ئارقىدىن 3 قېتىم خىتاينى ئەيىبلىدى. تۈركىيەنىڭ بۇ سۈكۈتنى بۇزۇشىدىكى سەۋەبلەر زادى نېمە؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 

ئىستانبۇلدىكى يىلدىز تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور مەھمەت ئاكىف ئوقۇر ئەپەندى بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىياردىكى لاگېرلار مەسىلىسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىدىن بىئارام بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار بولغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن بايانات بېرىپ خىتاينى ئەيىبلىگىلى تۇردى. ھۆكۈمەت بۇنىڭغا قاراپ تۇرالمايتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ياخشىلانغۇچە تۈركىيەنىڭ ئىنكاسى داۋاملىشىدۇ دەپ ئويلايمەن. چۈنكى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە تۈركىيە جامائىتىنىڭ قاتتىق بېسىمى بار.»
ئۇنداقتا، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىدە جىددىي ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىنمۇ؟ تۈركىيەنىڭ بۇ پوزىتسىيىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلەمدۇ؟ دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى گەرچە تۈركىيەنىڭ جىددىي ئىنكاسى خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئۆزگەرتەلمىسىمۇ، ئەمما باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە خىتايغا بېسىم ئىشلەتسە چوقۇم ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. 

تۈركىيە ھۆكۈمىتى 2 يىللىق سۈكۈتتىن كېيىن ئاخىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىگە ئىنكاس قايتۇردى. 9-فېۋرال كۈنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ھامى ئاقسوي، 11-فېۋرال كۈنى بولسا ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ باياناتچىسى ئۆمەر چەلىك ئەپەندى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى دەرھال تاقىشىنى، رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئىنسانىي ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.