تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ خىتايدا قىلغان باياناتىنى قانداق چۈشىنىش كېرەك؟

0:00 / 0:00

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ يېقىندا خىتايغا قاراتقان رەسمىي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئورتاق بايانات بېرىپ، «بىز تۈركىيەدە خىتاينى نىشان قىلغان ياكى خىتايغا قارشى بولغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايمىز، ئاخباراتلاردىكى خىتايغا قارشى خەۋەرلەرنىمۇ يوقىتىمىز» دېگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۇ سۆزى باشتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالىي رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىدى. رابىيە قادىر خانىم، چاۋۇشئوغلۇ بۇ سۆزى ئارقىلىق ئالدى بىلەن تۈرك خەلقىنىڭ ئىرادىسىدىن چەتنەپ كەتتى، دېدى. چاۋۇشئوغلۇنىڭ خىتايدا قىلغان سۆزى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ تۈركىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرەمدۇ؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئېلىدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بېرى رايوندىكى ئەسلىدىلا ئىنتايىن قاتتىق ئىجرا قىلىنىۋاتقان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ چىڭىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى، تىلى، مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئەركىنلىكىگە قارىتىلغان بېسىمنى يەنىمۇ ئاشۇرۇۋەتكەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەنە ئۆز چېگرالىرىدىن ھالقىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىمۇ مىسىر ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولى بىلەن تۇتقۇن قىلىپ، مەجبۇرىي يوسۇندا قايتۇرۇپ كېتىش ھەرىكەتلىرى بولسا، رايوندىكى بېسىمنىڭ ئەڭ يارقىن ئىپادىسى بولۇپ قالغان ۋە كۈچلۈك غۇلغۇلا پەيدا قىلغان ئىدى.

دەل مانا مۇشۇنداق بىر پەيتتە، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇشئوغلۇ خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئىككى تەرەپ ئورتاق باياناتىدا چاۋۇشئوغلۇ بايانات بېرىپ «خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز. بىز تۈركىيەدە خىتاينى نىشان قىلغان ياكى خىتايغا قارشى بولغان ھەرقانداق بىر ھەرىكەتكە يول قويمايمىز، ئاخباراتلاردىكى خىتايغا قارشى خەۋەر چىقىشىنىڭمۇ ئالدىنى ئالىمىز» دېدى.

ئۇنىڭ بۇ باياناتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ چوڭ تەشكىلاتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئالىي رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ سۆزىنى تەنقىد قىلدى. رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە، چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئالدى بىلەن تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيىسىگە خىلاپلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى رويتېرس ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەلقئارا ئاخباراتلاردىمۇ كەڭ خەۋەر قىلىندى. بەزى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى بۇ خەۋەرگە قارىتا ئىنكاس قايتۇرۇپ، «خىتاي ئۆزىگە يېڭى بىر ئۆلكە قوشۇۋالدىمۇ؟» دېگەندەك ئىنكاسلارنى بىلدۈرۈشكەن ۋە تۈركىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. ئامېرىكىدىكى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى پانوما ئىنستىتۇتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور درۇ گلەدنېي ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ، تۈركىيەدىكى ئاخبارات ئەركىنلىكىدىكى چېكىنىش مەسىلىسى ۋە شۇنداقلا ئۇنىڭ خىتاي بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىپ «بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى» دە رول ئېلىشتىن ئىبارەت ھەر ئىككى يۈزلىنىش ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ قىسىلىپ قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ بىرىنچىدىن، تۈركىيەدە ھازىر ئېشىپ بېرىۋاتقان ئاخباراتنى كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ئېقىمىنىڭ بىر پارچىسى. ھازىر ئەردوغان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرا شەرقتىكى باشقا ھۆكۈمەتلەرگە ئوخشاش ئۆز ھوقۇقىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. ئىككىنچىدىن، تۈركىيە ھازىر خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاپ بىر بەلۋاغ، بىر يول ئىستراتېگىيىسى ئىچىدە يەر ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ. تۈركىيەدە ھازىر مانا بۇ ئىككى خىل ئېقىم بار. قىزىقارلىقى، ئۇيغۇرلار ھەر ئىككىلا ئېقىمنىڭ ئوتتۇرىدا قېلىۋاتىدۇ. يەنى بىر مەنىدىن ئېيتقاندا، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ياكى شىنجاڭنىڭ بىر ئۆتۈشمە يول ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خەۋەرنى كۆرگەندە مېنىڭ ئېسىمگە 1958-يىلى يازغۇچى ئالېن ۋايىتنىڭ تەرىپىدىن يېزىلغان «شىنجاڭ پېچكىمۇ ياكى شاھمۇ» ماۋزۇلۇق كىتابى ئېسىمگە كەلدى. مانا ئارىدىن 70 يىل ئۆتۈپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ھېلىھەم خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ھەل قىلغۇچ رول ئويناۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

تۈركىيەنىڭ كۈتاھيا شەھىرى دۇلۇمپىنار ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ۋە سىياسەت پەنلىرى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ سۆزىنى شەخسەن تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، دەپ قارىمىسىمۇ، ئەمما چاۋۇشئوغلۇنىڭ بىر دۆلەت ئەپكارى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇنداق ئېنىقسىز تېرمىنلارنى قوللىنىشىنى خاتا، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىر قانچە يىلدىن بېرى مۇشۇ خىلدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئەمما بۇ قېتىمقىسى ئالاھىدە دىققەت قوزغىدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە، تۈركىيەدە خىتايغا قارشى پائالىيەتلەرگە يول قويمايمىز، دېدى. بۇ يەردە تۈركىيە بىر ئېنىق گەپ قىلىشى كېرەك. بۇ پائالىيەتلەر دېگەننىڭ ئىچىگە قانداق پائالىيەتلەر كىرىدۇ؟ چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە كىمنى دېمەكچى بولغىنىنى ھەم قانداق پائالىيەتلەرنى كۆزدە تۇتۇۋاتقانلىقىنى دېمىدى. ئەسلىدە، تۈركىيە بۇنىڭ بىر چېگراسىنى بېكىتىشى كېرەك. تۈركىيەدە ھەممىمىز بىلگەندەك، نۇرغۇن شەرقىي تۈركىستان جەمئىيەت-دەرنەكلىرى بار، ئاخباراتلار بار. چاۋۇشئوغلۇ بۇ يەردە تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر دىياسپوراسىنى دەۋاتامدۇ ياكى سۈرىيە قاتارلىق جايلاردا بىر قىسىم رادىكال تەشكىلاتلار قارمىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى دەۋاتامدۇ؟ چاۋۇشئوغلۇ سۆزىدە بۇنى ئېنىق ئىپادە قىلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر ئۇنداق قىلماي، يۇقىرىقىدەك ئومۇمىي ئاتالغۇ بىلەن گەپ قىلىدىكەن، بۇ ئىشلارنى ناھايىتى خەتەرلىك بىر جەريانغا سۆرەپ كىرىدۇ. يەنى بۇ تا 1950-يىللاردىن تارتىپلا تۈركىيەدە ياشاپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى، جۈملىدىن تۈركىيەنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلىنىپ بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئىشارەت قىلغانلىق بولۇپ قالىدۇ. مەنچە ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە ئەڭ دىققەت قىلىشى كېرەك بولغان ۋە مۇشۇنداق يوچۇق قويىدىغان سۆزلەرنى ئىشلىتىپ قويۇشتىن ئەڭ ئېھتىيات قىلىشى كېرەك بولغان بىر مەسىلە. چۈنكى، تۈركىيە يوچۇق قويۇپ قويسا خىتاي دەرھال ئۇ يوچۇقتىن پايدىلىنىدۇ.»

بىز تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلىنىڭ بۇ سۆزىنىڭ تۈركىيە سىياسىتىدىكى بىر ئۆزگىرىشتىن دېرەك بېرىپ-بەرمەيدىغانلىقىنى سوراش ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىڭگتوندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسىنىڭ ئىنكاسىنى ئالماقچى بولۇپ، ئەلچىخانىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ ئەلچىخانا خادىمى نۆۋەتتە بۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغان بىرىنىڭ يوقلۇقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ بېيجىڭدا بەرگەن باياناتى تۈركىيەدە ئىستىقامەت قىلىۋاتقان ياكى تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ ئەندىشە پەيدا قىلغان. تۈركىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھىدايەتۇللا ھاجىم بۇ ھەقتىكى ئەندىشىلىرىنى ئىپادە قىلىپ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ باياناتىنىڭ ئۆزلىرىگە ئوخشاش تۈركىيەدە ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى قىلىۋاتقان پائالىيەتچىلەرنى قاراڭغۇلۇقتا قويغانلىقىنى ئېيتتى.

2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، ئەينى ۋاقىتتىكى تۈركىيە باش مىنىستىرى ۋە ھازىرقى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بۇ ۋەقەگە ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان بىردىن-بىر دۆلەت رەھبىرى ئىدى. ئەردوغان ئەينى چاغدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ بۇ مەسىلە ئۈستىدە ب د ت غا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارقا-ئارقىلاپ تۈركىيەگە ھەيئەت ئەۋەتىش ئارقىلىق تۈركىيەنىڭ «كۆڭلىنى ئالغان». كېيىنكى يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن لۈكچۈن ۋەقەسى قاتارلىق ۋەقەلەردىمۇ ئەينى چاغدىكى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەھمەد داۋۇتئوغلۇ خىتاي تەرەپ بىلەن بولغان ئۇچرىشىشلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ خاتىرجەم ۋەزىيەتتە ياشىشىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكتور بارىش ئادىبەللى ئەپەندى 2014-يىلىدا تايلاندقا قېچىپ كەلگەن ئۇيغۇرلارنى تۈركىيەگە ئەكېلىش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىقلارنى كۆرسەتكەن تۈركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن يەنە شۇ ئوخشاش تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇد چاۋۇشئوغلۇنىڭ ئەمدى قىلىۋاتقان سۆزى ئارىسىدىكى زىتلىقنىڭ ئۆزىنىمۇ ھەيران قالدۇرغانلىقىنى ئېيتىپ، تۈركىيەنىڭ ئەمدى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر ئېنىق دۆلەت سىياسىتى ئورنىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى: «مەنمۇ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ باياناتىنى ھەيرانلىق ئىچىدە كۆردۈم. مەنچە بۇ ناھايىتى ئالدىراقسانلىق بىلەن قىلىنغان بىر سۆز. مېنىڭ قارىشىمچە، تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتايغا نىسبەتەن ئېنىق بىر دۆلەت سىياسىتى يوق. تۈركىيە ئەمدى كۈنلۈك سىياسەت يۈرگۈزۈشنى توختىتىشى كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسى تا 1950-يىللاردىن تارتىپ تۈرك دىپلوماتىيىسىدە بىر مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقان ئىكەن، تۈركىيەنىڭ بۇنىڭغا بىر ئېنىق سىياسەت بەلگىلەيدىغان ۋاقتى كېلىپ ئېشىپ كەتتى. تۈركىيە پەلەستىن مەسىلىسى، شىمالىي سىپرۇس مەسىلىلىرىدە كەسكىن دۆلەت سىياسىتى بولغاندەك، ئۇيغۇر مەسىلىسىدىمۇ بۇ ئىشنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلار بىلەن ئولتۇرۇپ بىر ئاساسىي سىياسەتنى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەك. بۇنداق كۈنلۈك سىياسەتلەر بىر چوڭ دۆلەتكە ياراشمايدۇ. مەن چاۋۇشئوغلۇ خىتايغا بارغاندا بىر ياخشى گەپ قىلىپ قوياي دەپ شۇنداق سۆزنى قىلدى، دەپ قارايمەن. ئۇ ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلمايدۇ.»

درۇ گلەدنېي ئەپەندىمۇ خۇددى يۇقىرىدا دوكتور بارىش ئەپەندى ئېيتقاندەك، چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزنى خىتاينىڭ قۇلىقىغا خوش ياقىدىغان قىلىپ ئېيتقانلىقىنى، ئەمما ئۇنىڭ بىر سىياسەت ئۆزگىرىشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى سىياسىتىنى ئۆزگەرتىدۇ، دەپ قارىمايمەن. تۈركىيە بىر تەرەپتىن خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى يېقىنلاشتۇرۇشنى، يەنە بىر ياقتىن ئۇيغۇرلارنى قوللاشنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. شۇڭا بۇ ئىككى تەرەپتە بىر تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ تۈركىيە ئۈچۈن ئىنتايىن قېيىن ئىش. مەۋلۇد چاۋۇشئوغلۇنىڭ باياناتى پەقەت خىتاينىڭ قۇلىقىغىلا خىتاب قىلىشنى مەقسەت قىلغان بىر بايان. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن بۇنداق ئىشارەتلەرنى بېرىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. ھۆكۈمەت ئاخباراتنى كونترول قىلالىشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ كوچىلاردىكى خەلقنى كونترول قىلالمايدۇ. مەن نۇرغۇن تۈركلەر بىلەن بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشكەن. تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن زور ھېسداشلىق ۋە قوللاش بار. ئۇلار ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بەك ئوبدان چۈشىنىدۇ. ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىدۇ ھەم شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئومۇمنىڭ ھېسسىياتىغا سەل قاراۋاتىدۇ. بۇ ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزىگە زىيانلىق. چۈنكى مەن ھۆكۈمەتنى خەلقنىڭ ھېسسىياتىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ، دەپ قارىمايمەن.»

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە تۈركىيەدە پائالىيەت كۆرسىتىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنى قوللاپ كېلىۋاتقان تۈرك تەشكىلاتلىرى چاۋۇشئوغلۇنىڭ بۇ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۆز پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىغا بولغان قوللاشنىڭ ھۆكۈمەتلەرنىڭ سىياسىتى ئەمەس، بەلكى تۈركىيەنىڭ دۆلەت ئەنئەنىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشنى كۆزلىمەكتىكەن.