تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتىدە «ئۇيغۇرلار» قانداق كوزۇر؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.07.29
xitay-bashqurulidighan-bomba-qizil-bayraq-9.jpg خىتاينىڭ «قىزىل بايراق - 9» نامىدىكى يەر يۈزىدىن ھاۋا ھوجۇمىغا قارشى ئېتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى
Wikipedia/Public Domain


سەيشەنبە بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تايىپ ئەردوغاننىڭ، بۇ 3 - قېتىم خىتايدا زىيارەتتە بولۇشى بولسىمۇ، ئەمما بۇلتۇر - 8 ئايدا ئۇ دۆلەت رەئىس بولغاندىن كېيىنكى بۇ سالاھىيەت بىلەن تۇنجى زىيارىتى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ئايدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان رامىزانلىق چەكلىمە سىياسەتلىرى ۋە بۇنىڭغا قارشى تۈركىيە جامائىتىدە قوزغالغان ئومۇميۈزلۈك كۈچلۈك نارازىلىق پائالىيەتلىرى شۇنداقلا تۈركىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى ئاسىيادىكى خىتاينىڭ باستۇرۇشلىرىدىن قاچقان مۇساپىر ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشى قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى پەۋقۇلئاددە ئۆتكۈرلەشكەن ئىدى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسى بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە «ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتىدە خىتاي "ئۇيغۇر" دىن ئىبارەت بۇ ئاچچىقنى يۈتمىكى تەس» دەپ تېما قويدى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىمۇ ئەردوغاننىڭ خىتايغا قاراتقان بۇ زىيارىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈپەيلى ئىككى دۆلەت تىركەشكەن بىر ۋەزىيەتتە ئېلىپ بېرىلغانلىقى مۇلاھىزە قىلىندى.

ئەردوغان - 5 ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاينى ئۇيغۇرلارغا «ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىش» بىلەن ئاشكارا ئەيىبلىگەن تۇنجى دۆلەت رەھبىرى ۋە يېقىندا ئۇ يەنە 109 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇۋەتكەنلىكى سەۋەبلىك تايلاند ھۆكۈمىتىنىمۇ قاتتىق ئەيىبلىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا تۈركىيىدىكى خىتايغا قارشى نامايىشلارنى قۇتراتقۇلۇق مەقسىتى بار دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى.

تۈركىيە دۆلەت رەئىسى ئەردوغان خىتاي سەپىرىدىن بۇرۇنقى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، گەرچە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۈگۈن تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو تېلىۋېزىيىسىنىڭ خەۋىرىدە «تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى» دەپ خەۋەر بەردى. لېكىن ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك قانداق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەنلىكى ھەققىدە كونكرېت مەلۇمات بېرىلمىدى. خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن ئىككى دۆلەتنىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىقىدا «شەرقىي تۈركستان ئىسلام ھەرىكىتىگە ئورتاق قارشى تۇرىمىز» دىيىشكىنىنى تەكىتلەندى.

تۈركىيە بىلەن خىتاي دىپلوماتىيە مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 45 يىل تولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ. ئىككى دۆلەت 2010 - يىلدا ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق ئورناتقاندىن بۇيان، تۈركىيە خىتاينىڭ ياۋروپادىكى گېرمانىيىدىن قالسا ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي شېرىكى ھېسابلىنىدۇ. تۈركىيە ت ر ت رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە ئەردوغاننىڭ بۇ قېتىم خىتاي ۋە ھىندونېزىيە زىيارىتىدە تۈركىيە سودا - سانائەت دۇنياسىنىڭ ئالدىنقى نىشانى - خىتايغا قارىتىلغان نۆۋەتتىكى يىللىق 2 مىليارد 800 مىليون دوللارلىق ئېكسپورت مىقدارىنى 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكى بايان قىلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا كۆرسىتىشىچە - 2014 - يىلى تۈركىيەگە بارغان خىتاي ساياھەتچىلەر 200مىڭدىن ئاشقان.

تۈرك مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن 30 - ئىيۇلدا ئەردوغاننىڭ شى جىنپىڭ بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىق دىئالوگى ئۆتكۈزىلىدىغانلىقى مەلۇم. يەنى بۇ زىيارەتنىڭ نۇقتىلىق ھالدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر، تۈركىيە خىتايدىن سېتىۋالماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى، رايون ۋە خەلقئارالىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىنىۋاتقان بولسىمۇ، يەنىلا بۇ باھانىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسەتلىرى بارلىق خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردا قايتا تىلغا ئېلىنىپ، تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە دىققەت تاتماقتا.

تۈركىيە 2013 - يىلى خىتاينىڭ «قىزىل بايراق - 9»نامىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنى سېتىۋېلىشنى تاللىغان. بۇنىڭ قىممىتى 3.4مىليارد دوللارغا توغرا كېلىدۇ، گەرچە خىتاي تۈركىيە ئۈچۈن بۇ سودىدا ئىنتايىن جەلىپ قىلارلىق بىر تەرەپ بولسىمۇ، بىخەتەرلىك مەسىلىسىدە بۇ كېلىشىم ئامېرىكىنى ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى راھەتسىز قىلغان ئىدى، ئەمما ئارقىدىنلا ئەردوغان يەنە بۇنىڭدا فرانسىيە بىلەنمۇ سودىلىشىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان، گەرچە بۇ سودىدا خىتاي تۈركىيە بىلەن پۈتۈشكەندە ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنى شەرت قىلىپ قويۇشى مۇمكىن دەپ قارالماقتا، ئەمما ئانالىزچىلار تۈركىيە بىلەن خىتاري ئوتتۇرىسىدا بۇ سودا بەلكىم شۇ شەرت بىلەن پۈتكەن تەقدىردىمۇ تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ۋەدىسىدە تۇرالىشى ناتايىن، چۈنكى ئۇ چاغدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقنىڭ قارشىلىقىغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقنىڭ تېخىمۇ ھېسداشلىقىغا تېخىمۇ زور قوللىشىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىيوسىدا ئوبزور ئېلان قىلغان جورجى مەيسىن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىستراتېگىيە پەنلىرى پروفېسسورى مارك كاتەس Mark kats «ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە، خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى زور توسالغۇ» دەپ بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە «چۈنكى، بۇ مەسىلە خىتاي ئۈچۈن ئەڭ نازۇك بىر مەسىلە، بۇ مەسىلە ھەل بولماي تۇرۇپ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىياتى بولمايدۇ، تۈرك خەلقىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتە يېقىن بولغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە قوللىشىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى قارشىلىق قىلىپ توساشقا ئامالسىز.»

ئەردوغان، بىلەن شى جىنپىڭنىڭ سودا كېلىشىملىرىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ قانداق رول ئېلىشى مۇمكىنلىكى ۋە بۇ ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق نېمىلەر بولۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى تەشۋىقات مەركىزى رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندى ئۆزىنىڭ مۇلاھىزىلىرىنى بايان قىلىپ، تۈركىيە، خىتاي بىلەن بولغان ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق ھالقىلىق مەسىلە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى سودىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەتىگە زىيانلىق بىر ھېچبىر تەرەپتىن ئەنسىرەش ھاجەتسىز دەپ قارايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارنى قوللاش تۈركىيىدە ئاممىۋى خەلق ھەرىكىتىگە ئايلانغان مۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلار تۈركىيىنىڭ ئىچكى قارارلىرىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ تاكتىكىلىرىغا ھوشيار بولۇپ تۈركلەرنىڭ ئۇيغۇر دوستلۇقىدىن ئۇمىدسىزلەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.