ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار ۋەقەلەر توغرىسىدا دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار بىلەن سۆھبەت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئارسلان
2014-03-18
Share
Abdulhamit-awshar.jpg در. ئابدۇلھەمىت ئاۋشار. 2012-يىلى 31-يانۋار، تۈركىيە.
RFA/Arslan

دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار خىتاي دائىرىلىرىنى، خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى نەپرەت پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى. ئىستانبۇلدىكى مارمارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار، «مالايشىيانىڭ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانى ۋە خىتاينىڭ قورقۇنچىلىق پىلانى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالىدە دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار ئەپەندى، ئۇيغۇر دىيارىدا ۋە خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەر توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، خىتايلار ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر نەپرەت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاشقا پۇرسەت ياراتقانلىقىنى، خىتاي ئاخباراتلىرى، بۇ ۋەقەلەردە نۇرغۇن سەۋەب ۋە دەلىل ئىسپاتلار ئېنىقلانماي تۇرۇپ بۇ ۋەقەلەرنى ئاتالمىش «بۆلگۈنچى» ئۇيغۇرلارنىڭ قىلغانلىقىنى داۋا قىلىپ ئۇيغۇرلارغا ئارتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن داۋام قىلىۋاتقان بېسىم ۋە زۇلۇمنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرغانلىقىنى يازغان.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن: 1-مارت كۇنمىڭدە يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ، خىتايدا شۇنچە كۆپ ساقچى تۇرۇپ پويىز ئىستانسىسىدا نەچچە سائەت داۋام قىلىشى ھەيران قالارلىق بىر ئىش. ۋەقە يۈز بېرىپ ھېچ قانداق سەۋەب ئېنىقلانماستىن ۋە ۋەقەنى سادىر قىلغۇچىلار تۇتۇلماي تۇرۇپ، خىتاي ئەمەلدارلار ۋەقەنى ئاتالمىش بۆلگۈنچى ئۇيغۇرلارنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. كېيىن بۇ ۋەقەنى تېخىمۇ كۆپتۈرۈپ خىتاينىڭ 11-سېنتەبىر ۋەقەسى قىلىشقا ئۇرۇنغانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى، خىتاي ۋەتەن ئىچى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى ئوۋلاش قارارى ئالدى. خىتاينىڭ كۆپلىگەن شەھەرلىرىدە خەلققە ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن ھامان ساقچىغا مەلۇم قىلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش تارقاتتى. بۇ ۋەقەدىن كېيىن خىتايلار قوللىرىغا كالتەك ۋە قىلىچلارنى ئېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئوپچە ئۇرۇش مەقسەتتە كوچىلارغا چىقتى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن بەرگەن باياناتلىرى بۇلارنىڭ يولىنى ئاچتى.

ماقالىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ۋەقە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى، شەرقىي تۈركىستان ۋە خىتايدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلدى. ئەلۋەتتە چەكتىن ئاشقان بېسىم ۋە تەكشۈرۈشلەر تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا نيۇيورك ۋاقىت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالە سەۋەب بولدى، ئۇ ماقالىدە خىتاي ئەمەلدارلىرى مالايشىيادا يوقاپ كەتكەن ئايروپىلاننىڭ چۈشۈپ كەتكەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا ئارتىشقا ئۇرۇنغان. بۇ ئىنساننى ھۈركۈتىدىغان قورقۇنچلۇق بىر پىلان، خىتاي بەلكى بۇ تۆھمەتلىرىدە غەلىبىگە ئېرىشەلىسە پۈتۈن دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتى تارتىلىۋاتقان بۇ ۋەقەدىن پايدىلىنىپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلارنى جىنايەتچى دەپ ئېلان قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يۈرگۈزۈۋاتقان ۋە يۈرگۈزمەكچى بولغان زۇلۇم، بېسىم ۋە قىرغىنچىلىق سىياسىتىگە باشقىلارنىڭ كۆز يۇمۇشىغا ئۇ قىلمىشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ. ھەم دۇنيادىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ھەم ئىنسانپەرۋەرلىك جەھەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە دىققەت قىلىۋاتقان دۆلەت، خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينىڭ بۇ پىلانىنى پاش قىلىش كېرەك.

بىز بۇ ماقالىنى چۆرىدىگەن ئاساستا دوكتور ئابدۇلھەمىت ئاۋشار بىلەن يېقىندىن بۇيان يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت