تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.04.20
turkiyede-uyghur-mesilisi.JPG ئىززەت بايسال ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىراقتا بىر يېتىم ۋەتەن بار: شەرقىي تۈركىستان» ماۋزۇلۇق يىغىن قاتناشقۇچىلىرى. 2013-يىلى دېكابىر، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى كۈنسايىن كۈچەيمەكتە. تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئوقۇغۇچى ئۇيۇشمىلىرى، كۇلۇبىلار ۋە تەتقىقات مەركەزلىرى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا دوكلات بېرىش يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرماقتا، كۆرگەزمىلەر ئاچماقتا. 18-ئاپرېل كۈنى تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمال رايونىدىكى كۈمۈشخانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يۈكسىلىۋاتقان خىتاي ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق دوكلات بېرىش يىغىنىدا، ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقانلىقى، مەسىلىگە بولغان قىزىقىشى دىققىتىمىزنى تارتتى.

خاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ دوكلاتى باشلىنىشتىن بۇرۇن، دوكلات ئاڭلاش ئۈچۈن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارغا مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق. ئۇلارغا «ئۇيغۇر دىيارى قانداق بىر جاي؟ بۇ ھەقتە پىكرىڭىز نېمە؟» دەپ سورىدۇق.

مۇستافا ئاقسوي: ھازىر پەقەتلا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن ئۆگەنگەنلىرىمىزگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى بالىلىرىنىڭ سانىدىن، ئىبادىتىگىچە ھەممە ئىشىغا ئارىلىشىپ، ئۇلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشماقتا. بۇ ئىنسانلىق قېلىپىدىن چىققان تراگېدىيەنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا توختا دېيىش كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننى تەقدىرىگە تاشلاپ قويماسلىق كېرەك.

مەۋلۈت تۈمەن: شەرقىي تۈركىستان ئاتا-بوۋىلىرىمىز كەلگەن جاي، ئانا ۋەتىنىمىز. ئۈرۈمچى ‏- كۆپ ساندا مۇسۇلمان ئۆلتۈرۈلگەن، ئەمما دۇنيا جامائەتچىلىكى يېتەرلىك دەرىجىدە ئىنكاس قايتۇرمىغان بىر جاي. ئۇ جايدىكى قىرغىنچىلىق توختىتىلسۇن.

مەمەت توپال: شەرقىي تۈركىستان ئاۋازىنى دۇنياغا ئاڭلىتالمىغان بىر پەرياد. دۇنيا قۇلىقىنى ئېتىۋالغان بىر زۇلۇم.

ھۈسەيىن ئۆزقان: شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنسانلىق زۇلۇمىنى توختات دېيىشنىڭ زامانى كەلدى. ئۇ جايدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇم تۈگىسۇن، بىز بۇنىڭغا قارشى تۇرىمىز.

قادىر ئاسار: شەرقىي تۈركىستان زالىملارنىڭ مەزلۇملارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ نامىدۇر. بىز بۇ پەرياتقا قول ئۇزىتىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاننى تەقدىرىگە تاشلاپ قويۇشقا بولمايدۇ.

ھۈسەيىن: تۈرك ئاخباراتىنىڭلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر ئىشلىشىنى تەلەپ قىلىمەن. بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن.

مەرۋە: شەرقىي تۈركىستان ھەمدە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەسما: شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. قىرغىنچىلىق خەۋەرلىرىنى ئاڭلاشنى خالىمايمىز.

مەمەت ئۆلمەز: مەن شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە شۇنى بىلىمەن، خىتاينىڭ ئۇلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، مەسىلەن، ئۇ يەردە 3-بالىسىنى تۇغقانلارنى جازالاندۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. مەسىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاييۇلتۇزنىڭ رەسىمى چۈشۈرۈلگەن مايكا كىيىشى چەكلەنگەن.

دۇرسۇن: خىتايغا شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قىلىۋاتقان زۇلۇمىڭنى توختات دېيىش كېرەك. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىلا ئەمەس، بايراقلىرىنىمۇ بىلمەيمىز. تۈركلەر بىر، ھەر دائىم بىر بولىدۇ. شۇڭا بۇ زۇلۇمنى توختات دېيىشىمىز كېرەك.

ئالى: خىتاينىڭ ھەددىدىن تاشقىرى بېسىم ۋە زۇلۇمى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى بىزار قىلدى. دىن ۋە تىل جەھەتتىكى ئەركىنلىكى تارتىۋېلىنغان ئۇيغۇر خەلقى چارىسىز قالماقتا. بۇنىڭغا دۇنيا دۆلەتلىرى ياردەم قولىنى ئۇزىتىشى كېرەك. ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھېچقانداق ئەركىنلىكى يوق. ناماز قىلالمايدۇ، روزى تۇتالمايدۇ. ئوقۇش ئەركىنلىكىمۇ يوق. كۆپ قېتىم ئۇيغۇر ئېلىپبەسى ئۆزگەرتىلدى. بۇنىڭدىكى مەقسەت ئۇيغۇرلارنى باشقا قېرىنداش تۈركىي خەلقلەردىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئىدى.

ئوغۇزخان: شەرقىي تۈركىستاندا مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان زۇلۇمنى توختات دېيىشنىڭ ۋاقتى كېلىپ قالدى. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زۇلۇمىغا، تەن جازاسىغا قارشى چىقىشىمىز، توختات دېيىشىمىز كېرەك.

بىز بۇ سۆھبەتلىرىمىز ئارقىلىق، تۈركىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى كۈمۈشخانا ۋىلايىتىنىڭ كۈمۈشخانا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن كۆزىتىپ، ئۇيغۇرلارغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.