رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىدا «28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى» ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئانالىزلار داۋاملاشماقتا.
28-ئۆكتەبىر كۈنى بېيجىڭ شەھىرىدىكى تيەنئەنمېن قوۋۇقىنىڭ رىشاتكىسىغا ئاپتوموبىل سوقۇلۇشتىن كېلىپ چىققان مەزكۇر ۋەقە ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خەلقئارا مەتبۇئاتلار، جۈملىدىن رۇس مەتبۇئاتلىرىنىڭ داۋاملىق قىزىق تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە.
رۇس مەتبۇئاتلىرى 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە ئۆزىگە خاس ئۇسۇل ۋە چۈشەنچىلەر ئاساسىدىكى ئانالىزلارنى ئېلان قىلماقتا.
رۇس مەتبۇئاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ۋە ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك ئېلىپ بارغان بارلىق پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىزچىل تۈردە ئۇچۇر بېرىپ تۇردى. 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسىگە مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر ۋە ئانالىزلارنى ئېلان قىلىشقا رۇسىيەنىڭ ئاساسلىق ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ۋە ئىنتېرنېت تورلىرى قاتناشقان بولۇپ، رۇس مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتاي ئاگېنتلىقلىرى، غەرب مەتبۇئاتلىرى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي بىلدۈرۈشلىرىدىن كەلگەن.
رۇس مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 28-ئۆكتەبىر ۋەقەسىنى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى دەپ ئاتالغان تەشكىلات سادىر قىلغان» دېگەن باھاسى ئاساسىي نۇقتا قىلىنىپ، مەزكۇر ۋەقەنى «ئىسلامچىلار»، «تېررورچىلار»، ياكى «ئۇيغۇر بۆلگۈنچىلىرى» قىلدى دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، رۇس مەتبۇئاتلىرىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ئوبيېكتىپ ئۇچۇر تارقىتىشقا تىرىشىپ، بىر تەرەپتىن خىتاينىڭ بۇ ۋەقە ھەققىدىكى مەيدانىنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بىر تەرەپتىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ سۆزلىرىنى نەقىل ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەشكىمۇ تىرىشقان شۇنىڭدەك يەنە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تىلىنى چەكلەش، دىنىي ۋە باشقا سىياسەتلىرىدىكى خاتالىقلىرىنىمۇ كۆرسىتىپ ئۆتكەن.
رۇسىيەنىڭ ئانالىز تورلىرىدىن بىرى «ۋزگلياد» تورى ۋە «گازېتا.رۇ» تورى بۇ ھەقتە ئىزچىل ئانالىز ئېلان قىلىپ تۇرغان بولۇپ، «گازېتا.رۇ» تورىدا ئوبزورچى ماكسىم سوپولوۋنىڭ «چەكلەنگەن شەھەردىكى ئۇيغۇر ئىزى» ماۋزۇلۇق ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئاپتور «خىتاي، تيەنئەنمېن مەيدانىدىكى پارتلاشنى مۇسۇلمانلار ئۆلكىسى شىنجاڭدىن كەلگەن ئىسلامچىلار قىلدى دەپ ئەيىبلەۋاتىدۇ» دەپ يېزىش ئارقىلىق خىتاينىڭ بۇ ۋەقەنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلار ھەققىدىكى قاراشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئاپتور يەنە ئۇيغۇر دىيارىدا بولغان بىر قاتار ۋەقەلەر،جۈملىدىن بۇ يىل 6-ئايدا پىچان، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا يۈزبەرگەن ۋەقەلەر ھەمدە 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى ئەسلىتىپ ئۆتىدۇ.
ئاپتور مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي ئۈچۈن چاتاق چىقىدىغان رايون. 21 مىليون نوپۇسلۇق ش ئۇ ئا ر ئاھالىسىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىنى 20-ئەسىرنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا كۆچۈپ كەلگەن خىتايلار ئىگىلەيدۇ. يېرىمىنى مۇسۇلمان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركىي تىللىق خەلق-ئۇيغۇرلار، قازاقلار ۋە قىرغىزلار تەشكىل قىلىدۇ. ئۇيغۇرلار خىتايدىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت. ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز خەلقى ھوقۇق جەھەتلەردە كەمسىتىلىۋاتىدۇ ۋە زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ رايوندا كونا بۆلگۈنچىلىك ئەنئەنىسى مەۋجۇت. ئەمما بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىتىۋاتقانلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ، بىراق ش ئۇ ئا ر دا دائىم زوراۋانلىقلار يۈز بېرىپ تۇرماقتا.»
ئاپتور ماقالىسىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇتقۇن قىلىشلار ۋە ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىشلارنىمۇ ئەسلىتىدۇ.
28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېن ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئەڭ كەڭرەك توختىلىنغان ئانالىز ماقالىسى رۇس ژۇرنالىستى ستانىسلاۋ بورزىكوۋ تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. ئاپتور «خىتايدىكى شېھىتلار: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونومىيىسىدىن كەلگەن پىدائىي-بۆلگۈنچىلەر تۇنجى قېتىم بېيجىڭنىڭ مەركىزىدە تېررورلۇق قىلدى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر ماقالىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىنى تېررورلۇق ۋەقەسى دەپ ئاتىغانلىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى كۆرسىتىش بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ئەسىرلىك زىددىيەت تارىخىنى ئەسلىتىپ، بۇ قېتىم بېيجىڭدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ ئۇزاق ئەسىرلىك تارىخى يىلتىزىنى كۆرسىتىدۇ.
رۇس ئاپتورى ستانىسلاۋ بورزىكوۋ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاينىڭ مۇناسىۋەت تارىخىنى «ئىككى مىڭ يىللىق كۈرەش» دەپ ئاتاپ، بۇ نۇقتىنى مۇنداق چۈشەندۈرىدۇ:
«خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن بولغان كۈرىشىنىڭ تارىخى ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق، بۇ كۈرەش ئېغىر ۋە قانلىق بولدى ھەمدە ئوخشىمىغان دەرىجىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىپ بېرىلدى. پەقەت 18-ئەسىردىلا جۇڭغار خانلىقى تولۇق يوقىتىلىپ، مۇسۇلمان تېررىتورىيىلىرى چىڭ ئىمپېرىيىسى تەرىپىدىن تۇتاشتۇرۇلدى. بىراق، ئىمپېرىيىنىڭ بۇ زېمىنلارنى كونترول قىلىشىدا ئەقىللىرى يەتمەي قالدى. رايوندا مەجبۇرىي ۋە قالايمىقان ئېلىپ بېرىلغان خىتايلاشتۇرۇش، ئىسلام ئەقىدىلىرىنى باستۇرۇش، تېررورلۇق ۋە ئاممىۋى يوسۇندا قەتل قىلىش يەرلىك مۇسۇلمانلارنىڭ بىر قاتار قوزغىلاڭلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى»
ئاپتور تارىخقا مۇراجىئەت قىلىپ، 19-ئەسىردە يۈز بەرگەن قوزغىلاڭلارنى ساناپ ئۆتىدۇ ۋە بۇ يەردە 1877-يىلىغىچە يەتتىشەھەر دۆلىتى مەۋجۇت بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
ئاپتور يەنە بۇ جايدا «1933-1934-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-1949-يىللىرى شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى جۇمھۇرىيىتى مەۋجۇت بولدى. ھەر ئىككىلىسىلا سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن ئالاقە ئورناتتى ۋە سوۋېتلەرنىڭ قوللىشىدىن پايدىلاندى، ئاقىۋەتتە ستالىن بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كېتىش ئارزۇسىنى رەت قىلىپ، شىنجاڭنى ماۋغا بېرىۋەتتى» دېگەن يەكۈننى چىقارغان.
رۇس ئاپتورى ستانىسلاۋ بورزىكوۋ ماقالىسىدە يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۇچار قىلىنىۋاتقان تۈرلۈك بېسىملىرى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى، مەشرەپلىرى، ۋە باشقا پائالىيەتلىرىنى چەكلەۋاتقانلىقى، رايون ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ئامىل ئىسلام دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىسلامنى سۇسلاشتۇرۇش چارىسى قوللىنىۋاتقانلىقى قاتارلىق تۈرلۈك مەسىلىلەرنى بايان قىلىدۇ.
ئاپتورنىڭ چۈشىنىشىچە، كاۋكازىيە رايونىدىكى كاۋكازلىقلار رۇسىيە ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قانداق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ شۇنداق خاراكتېرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى «خىتاينىڭ كاۋكازلىقلىرى» دەپ ئاتايدۇ.
رۇس مەتبۇئاتلىرىدىن «گازېتا.رۇ» ئەڭ يېڭى خەۋەر سۈپىتىدە 3-نويابىر كۈنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختىنىڭ دۆلەت ئامانلىق خادىملىرىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراش ئەھۋالى ھەققىدىمۇ ئۇچۇر تارقاتتى.