خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى قاتتىق باستۇرۇشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلى سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ بۇ بىر ھەپتە ئىچىدە، ئىلگىرىكىدىنمۇ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكى مەلۇم. 1-ئىيۇندىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىملىق باھانىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ نورمال ھاياتى پائالىيىتى، مەدەنىيىتى، ئېتىقادى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى چەكلەيدىغان يەنە نۇرغۇن يېڭى تەدبىر ۋە بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى ۋە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا قاتتىق چارە كۆرىدىغانلىقىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ قانۇن بويىچە ئېغىر جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ قاتتىق ۋاسىتىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلارنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشلىق غەربتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى خىتاينى «ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان زوراۋان باستۇرۇشلىرىنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ ئەيىبلىمەكتە.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى رەئىسى ئالىم سېيىتوف ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەرنىڭ ئىنكاسلىرىنى ئاڭلىغايسىز.