ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭمۇ «غەمسىز يازلىق تەتىلى» بولارمۇ؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2014.06.17
uyghur-ayal-baliliri-bilen.jpg بالىلىرىنى ئوينىتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايال. 2012-يىلى 1-ئىيۇل، قەشقەر.
PHOTONONSTOP

ئامېرىكىدىكى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپ بالىلىرى يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىشكە باشلىدى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپلەرمۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 1-ئىيۇلدىن 4-ئىيۇلغا قەدەر يازلىق تەتىلگە قويۇپ بېرىلىدۇ.

ئامېرىكىدا بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلى بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە خۇددى قۇياش نۇرى، ھاۋا، سۇغا ئېھتىياجلىق بولغىنىدەك مۇھىم دەپ قارىلىدۇ ۋە ئوقۇغۇچىلار تەتىلىنى تاپشۇرۇقسىز، بېسىمسىز، غەمسىز ئۆتكۈزىدۇ. ھالبۇكى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بالىلار بولسا يازلىق تەتىلىنى ھەددىدىن زىيادە يازلىق يازما تاپشۇرۇق ئىشلەش، مەكتەپ تاپشۇرغان ئاتالمىش مۇھىم ۋەزىپىلەرنىڭ ئاسارىتىدە بىزارلىقتا ئۆتكۈزىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يازلىق تەتىلدە مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ئازلاش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، بالىلىقنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنىمۇ ھېس قىلالماي ئۆتۈپ كېتىپ بارماقتا.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر بالىلارنىڭ يازلىق تەتىلدە تېخىمۇ زور كونتروللۇققا ئۇچراش سەۋەبىدىن روھىي بېسىملىرىنىڭ بارغانچە ئارتىپ، ئۇلارنىڭ نورمال ساغلام ئۈسۈپ يېتىلىشىگىمۇ يامان تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىدىن ئەندىشە تۇيماقتا.بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە تەييارلىغان پروگرامما دىققىتىڭلاردا بولسۇن.

خىتاي مائارىپ مىنىستىرلىقى گەرچە 2010-يىلىدىن باشلاپ ھۆججەت تارقىتىپ، ھەر قايسى جايلاردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇقنىڭ مىقدارىنى كونترول قىلىش، تەتىلدە ئوقۇغۇچىلارغا يازما تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرماسلىق، ياكى تاپشۇرۇق شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، يازما تاپشۇرۇقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزى خوجا بولۇپ پائالىيەت مەزمۇنى ۋە پائالىيەت ۋاقتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، بالىلارغا تەتىلنى ئازادە ئۆتكۈزۈش شارائىتى يارىتىپ بېرىش كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان بولسىمۇ، ھالبۇكى ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەجبۇرىي مائارىپ باسقۇچىدىكى ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلدە قوش تىل دەرسلىكىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان زور مىقداردىكى يازمىچە تەتىللىك تاپشۇرۇق ئىشلەشتىن باشقا، مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر بولۇشى، تۈرلۈك باھانىلەردە مەكتەپلەرگە مەجبۇرىي يىغىۋېلىنىشى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مەكتەپلەردىن ئىگىلىگەن يېقىنقى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ يىل ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك ۋەزىپىلىرى تېخىمۇ ئېغىر بولىدىغان بولۇپ، يەرلىك مائارىپ تارماقلىرى ئوتتۇرا ۋە باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە ئۇقتۇرۇش چۈشۈرۈپ 1-سېنتەبىر مەكتەپكە يىغىلىپ رەسمىي دەرس باشلىغانغا قەدەر ئوقۇغۇچىلارنى، تەتىلدە ھەر جۈمە كۈنى مەكتەپكە تولۇق كېلىپ ھەپتىلىك تەتىل تۇرمۇشىدىن سىنىپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىش، ئوقۇغۇچىلار قائىدىسى، ھەرىكەت ئۆلچىمى، قانۇنسىز دىنىي ھەرىكەتنىڭ 26 تۈرلۈك ئىپادىسى ۋە ئوقۇغۇچىلار سۆز، ھەرىكىتىدىكى 9 نى قىلماسلىققا رىئايە قىلىش، دىنغا ئىشەنمەسلىك، دىنىي پائالىيەتكە قاتناشماسلىققا، روزا تۇتماسلىققا كاپالەتلىك قىلىش، ئەتراپىدا يۈز بەرگەن مۇقىملىق، بىخەتەرلىككە ئائىت مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا دوكلات قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرغان. تۈزۈم بويىچە ئوقۇغۇچىلار ئائىلىسى بىلەن يىراق جايلارغا بارماقچى بولسا ئىككى ھەپتە بۇرۇن سىنىپ مەسئۇلىدىن رۇخسەت سوراش قاتارلىق قاتمۇ-قات بېسىم ۋە كونتروللۇققا ئۇچرايدىكەن.

يازلىق تەتىل، نورمال مائارىپ سىستېمىسىغا ئىگە ھەر قانداق دۆلەتتىكى بالىلارنىڭ بەھرىمەن بولىدىغان، قوغدىلىدىغان ھەق-ھوقۇقى. تەتىلدە بالىلار ياقتۇرىدىغان، تەبىئىي قىزىقتۇرۇش كۈچى بار ئويۇنلارنى ئويناشنى، ساياھەت ۋە دالا پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تەبىئەتكە يېقىنلىشىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ. مۇزېي، كۇتۇپخانىلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

ئامېرىكا ۋىرجىنىيە شتاتى فايىرفاكس شەھىرىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر خانىم، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكىدا بالىلىرىنىڭ يازلىق تەتىلىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغانلىقى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي بېسىمى ئاستىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ تەتىلى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ئازادە، كۆڭۈللۈك، ساغلام تەتىل ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەت ئورتاق كۈچ چىقىرىدىغانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. بۇ خانىمنىڭ قارىشىچە، بالىلار گۈزەل تەبىئەتتە ئويناپ چوڭ بولغاندىلا ئاندىن بالىلىق دۇنياسىنىڭ گۈزەللىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايدۇ. ئاتا-ئانىلار، ئوقۇتقۇچىلار بالىلارغا ئويناش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەندىلا، ئۇلار جىسمانىي جەھەتتە ساغلام، روھىي جەھەتتىن جانلىق بولۇپ يېتىلىدۇ.

ئامېرىكىدا، بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىدا ئويۇننىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىغا سەل قارىماسلىق، پۈتۈن ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىكى يېتەكچى نۇقتا بولۇپ، ئوقۇتقۇچىلارنى بالىلار ياخشى كۆرگەن ئويۇنلار ئارقىلىق بالىلىقنىڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى ئۇلارغا ھېس قىلدۇرۇش، بالىلارنى قىزىقتۇرىدىغان ھەرخىل ئەسلىھەلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، ھەرخىل قىزىقارلىق ئويۇنلارنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، بالىلارنى بۇ ئارقىلىق تەبىئەت دۇنياسىنىڭ ئۆزلىرىگە ئاتا قىلغان خۇشاللىقىنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، مول تەسەۋۋۇر ۋە تەپەككۇر ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ.

بۇ ئۇيغۇر خانىمنىڭ قارىشىچە، بالىلارنىڭ غۇبارسىز يازلىق تەتىلىنى تارتىۋېلىش ياكى يازلىق تەتىلدە بالىلارنى تاپشۇرۇق ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە زورلاش، ئۇلارنىڭ روھىي بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئەقلىي ۋە باشقا جەھەتلەردە نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشىگە ئېغىر بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ، بالىلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەتىل ئۆتكۈزۈشكە يول قويماسلىق، بالىلارغا قەستەن قىلىنغان ئېغىر مەسئۇلىيەتسىزلىك.

«ئامېرىكىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى يازلىق تەتىلدە ئىشلەيدىغان 100 ئىش» نى مەزمۇن قىلغان بىر پارچە چاپلىما يېقىندا مىكروبىلوگلاردا تارقالدى. خىتايچە، ئىنگلىزچە قوش تىلدا چىقىرىلغان 100 تاللانغان تۈر، «ئۇخلاش كىيىمى بىلەن كەچكى كۆڭۈل ئېچىش يىغىنى ئۆتكۈزۈش، دالاغا بېرىش، ئىزدىنىش، رىقابەت شەكلىدىكى لاگىرلارغا قاتنىشىش، ساياھەتكە چىقىش، باشقىلارنى زىيارەت قىلىش، كۇتۇپخانىلارغا بېرىش، بولكا قاقلاش، خۇشخۇيلۇق بىلەن ئۆي ئىشلىرىنى ئىشلەش، شېئىر يېزىش، سەنئەت بۇيۇملىرىنى ياساش...» نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى 100-تۈر بولسا: كۆڭۈللۈك ئويناش!

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 1989-يىلى ماقۇللىغان «بالىلار ھوقۇقى كېلىشىمى» دە ئويۇننىڭ بالىلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقى ئىكەنلىكى، بۇ ھوقۇقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن دۆلەت ۋە جەمئىيەت چوقۇم ئاكتىپلىق بىلەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر خىل شارائىتلار بىلەن تەمىنلەش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇنى خىتاي سىياسىتى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئېلى مائارىپىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرگەندە، يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشى ئۇيغۇر بالىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەرگىزمۇ ئېغىر دەرسلەرنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلۇش، دەم ئېلىشقا ئېرىشىش ۋە خالىغان ئويۇنىنى ئويناش ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ كۆپ تاپشۇرۇق ۋە كېيىنكى ئوقۇش مەۋسۈمىگە پۇختا تەييارلىق قىلىش، سىياسىي ۋەزىپىلەرنى ئاكتىپلىق بىلەن تاماملاپ ۋاقتىدا سىنىپ مۇدىرىغا دوكلات قىلىشتەك تېخىمۇ كەسكىن جەڭدىن دېرەك بېرىدۇ. يازلىق تەتىل بالىلارنى جىسمانىي، روھىي جەھەتتىن چارچاتسا، ئائىلە باشلىقلىرىنى بالىلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن نورمال ئۈسۈپ يېتىلىشىدىن، مائارىپنىڭ كەلگۈسىدىن ئەندىشە قىلدۇرىدۇ خالاس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.