ئېلشات ھەسەن: «ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق يولىنى تاللاشقا نېمە مەجبۇر قىلدى؟»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.03.11
kunming-weqesi-zhang-chunshyen.jpg خىتاي قۇرۇلتىيى مەزگىلىدە، مۇخبىرلار ژاڭ چۇنشيەننىڭ كۇنمىڭ ۋەقەسى توغرىسىدىكى ئىنكاسىنى ئېلىش ئۈچۈن سوئال سورىماقتا. 2014-يىلى 6-مارت، بېيجىڭ.
AFP

بىرقانچە كۈندىن بۇيان، 1-مارت يۈز بەرگەن كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى قىزىق مۇنازىرە تېمىسىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ۋەقە گۇماندارلىرىنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى مۇلاھىزىلەردە بولسا، خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچى سىياسىي ئانالىزچىلار ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئالدى بىلەن ۋەقەنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبى ھەققىدە ئىزدىنىشكە دەۋەت قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق مىللەتلەرگە قاراتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشقا چاقىرماقتا.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىدىن كېيىن بوشۈن تورىدا ئېلان قىلغان «ئۇيغۇرلار چېچەنلەرنىڭ يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولماقتا»، «ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمايلى» ناملىق ماقالىلىرىدە، كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا يۈز بەرگەن پىچاق بىلەن خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل زوراۋانلىق يولىنى تاللاشقا مەجبۇر بولۇشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىل ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئوخشاش ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچى مۆتىدىل زىيالىيلارنى تۇتقۇن قىلىشى سەۋەب بولغانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بۈگۈن ئېلشات ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىز جەريانىدا، ئېلشات ئەپەندى 1-مارت كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسى ۋەقەسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مىللىي سىياسىتىدە مەسىلە بارلىقى ھەققىدە ئويلىنىشقا مەجبۇر قىلىدىغان نۇقتا بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنى 15-يانۋار كۈنى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا قايتا ئويلىنىشقا چاقىردى.

ئېلشات ئەپەندى 1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىش سەۋەبلىرى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى بىرقانچە نۇقتىغا بۆلۈپ ئوتتۇرىغا قويدى. ئېلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە ۋەقەنىڭ يۈز بېرىشىگە ئالدى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەب بولغان. بۇ ھەقتە توختالغان ئېلشات ئەپەندى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋاڭ لېچۈەن دەۋرىدىكى قاتتىق باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ ئىسپاتى بولغان بولسا، بۇلتۇردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە 1-مارت كۇنمىڭ ۋەقەسىنى 2010-يىلى 5-ئايدا ئېچىلغان شىنجاڭ خىزمەت يىغىنىدىن كېيىن، رايوندا ۋاڭ لېچۈەنگە ئوخشاش باستۇرۇش سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرغان يېڭى ئەمەلدار جاڭ چۈنشيەننىڭ مەغلۇبىيىتىنىڭ ئىسپاتى دېيىشكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش مۆتىدىل يولنى تاللىغان ئۇيغۇر زىيالىيسىنىمۇ «بۆلگۈنچىلىك» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىشىنىڭ، ئەسلىدىنلا خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىگە نارازى بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاخىرقى ئۈمىدىنىمۇ يوققا چىقىرىپ، ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۈمىدسىزلىك گىردابىغا ئىتتىرىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئېلشات ئەپەندى، ئىلھام توختىدەك ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچ يول بىلەن تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭمۇ ئاۋازىنىڭ ئۇجۇقتۇرۇلۇشى، كۇنمىڭ ۋەقەسىدەك ۋەقەلەرنىڭ بۇندىن كېيىن يەنە يۈز بېرىشىگە يول ئېچىپ، ئۇيغۇرلارنى چېچەنلەر تاللىغان زوراۋانلىق يولى ئارقىلىق ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش يولىغا مېڭىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتى ھەققىدە قايتا ئويلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.