ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ۋەكىلى پروفېسسور ھېيىنېر بېيلېفېلد چارشەنبە كۈنى جەنۋەدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئىغۋاگەرچىلىك ۋە قورقۇتۇش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق «پاراكەندىچىلىك» سېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. بۇ باياناتتىن كېيىن، د ئۇ ق نىڭ دائىمىي كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ كىشىنى ئىشخانىسىدا زىيارەت قىلىپ، رەھمەت ئېيتىش بىلەن بىرلىكتە بۇندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلىدىغان خىزمەتلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان. بىز 11-مارت كۈنى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلىنغان بايانات توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، پروفېسسور ھېيىنېر بېيلېفېلد ئەپەندىنىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ۋەكىلى ئىكەنلىكىنى، 11-مارتتا ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان باياناتنىڭ ب د ت نىڭ ھازىرغىچە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ئېلان قىلغان ئەڭ كۈچلۈك باياناتى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنى ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىسە كېلەچەكتە ب د ت كۆڭۈل بۆلىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلىلەر ئارىسىغا كىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىكى دىنىي ئەركىنلىك ئىشلىرىغا مەسئۇل ئالاھىدە تەكشۈرگۈچى ۋەكىلى پروفېسسور ھېيىنېر بېيلېفېلد ئەپەندى ب د ت نامىدىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ئىنسان ھەقلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، رۇخسەت قىلسا ئۆزى ھەيئەت ھالىدا بېرىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن.
سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.