ئۇرسۇلا خانىمنىڭ ۋەقەسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم خەلقئارا كۈن تەرتىپكە ئەكەلدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015.12.30
xitay-saqchi-muxbir-cheklesh-beyjing.jpg ساقچىلار چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئەما چېن گۇاڭچېڭ سالامەتلىك تەكشۈرتۈۋاتقان چاۋياڭ دوختۇرخانىسىغا كىرىشىنى توسۇۋاتقان كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 2-ماي، بېيجىڭ.
AFP

فىرانسىيەدە نەشردىن چىقىدىغان «لوبس» خەۋەر ژۇرنىلىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇرسۇلا گوتىيېر خىتاي ھۆكۈمىتى «خەلقئارالىق بىر جىھاد تەشكىلاتى» نىڭ بىۋاسىتە يوليورۇقىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغان تېررورلۇق ھەرىكىتى، دەپ ئاتىغان باي كۆمۈركان ۋەقەسىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى سۈرگەندىن پەرقلىق ھالدا چۈشەندۈرۈپ «بۇ يەرلىكلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ ئىجرالىرىغا بولغان نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەت، ئۇنى خەلقئارا جىھاد ھەرىكىتىگە باغلايدىغان يېتەرلىك ئىسپات يوق، ئۇنىڭ پارىژدىكى تېررورلۇق ھۇجۇمى بىلەنمۇ ھېچقانداق ئوخشاش تەرىپى يوق» دېگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېرررورلۇقنى قوللاش» بىلەن ئەيىبلەندى ۋە ۋىزىسى يېڭىلىنىپ بېرىلمەي، خىتايدىن چىقىرىۋېتىلدى. بۇ ۋەقە دەل «خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى» خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەرگە ئوخشاش مىللەتلەرگە بولغان بېسىمىنى كۈچەيتىۋېتىشى مۇمكىن، دەپ ئەندىشە پەيدا قىلىۋاتقان بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەنلىكى ئۈچۈن خەلقئارادا زور دىققەت قوزغىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

«ۋال سترىت ژۇرنىلى»، «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»، «س ن ن تېلېۋىزىيىسى»، «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «گاردىيان گېزىتى»، «ب ب س» قاتارلىق نۇرغۇنلىغان خەلقئارالىق ئاخبارات ۋە تېلېۋىزىيىلەر ۋە شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەتلىك خەۋەر ۋاسىتىلىرىدە بۇ مەسىلە تونۇشتۇرۇلدى. ئۇرسۇلا خانىم بەزى خەلقئارا ئاخباراتلارغا سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى ئاخباراتنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشى، دەپ ئەيىبلىدى ۋە ئۆزىگە قارىتىلغان ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتى ئۆزىنىڭ مۇنازىرە بېتىدە «سىز فىرانسۇز مۇخبىر ئۇرسۇلانىڭ خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىشىنى قوللامسىز» دېگەن سوئال بىلەن بىر راي سىناش ئېلىپ بارغان ئىدى. «يەر شارى ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، 27- دېكابىر كۈنى ئاخشام سائەت 7:00 گىچە داۋام قىلغان راي سىناش نەتىجىسىدە 95 پىرسەنتكە يېقىن كىشى ئۇرسۇلانى خىتايدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك، دەپ ئاۋاز بەرگەن. ئامېرىكىدىكى«س ن ن» تېلېۋىزىيىسى ئۇرسۇلا خانىمنى زىيارەت قىلىپ، خىتاي تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ بۇنداق ئاۋاز بېرىشىگە قانداق قارايدىغانلىقىنى سورىدى. ئۇ بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «ئەلۋەتتە ئاچچىقىم كەلدى. ئۇلار مېنىڭ ماقالەمنى ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. چۈنكى ماقالىنى خىتايدىكى تور بەتلەردە ئېلان قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇلار مېنىڭ زادى نېمە يازغىنىمنى بىلمەي تۇرۇپ ئاۋاز بەرگەن» دېدى.

س ن ن مۇخبىرى كىرىستى ستوۋت ئۇرسۇلادىن «ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ماقالىڭىز سەۋەبلىك خىتاي سىزنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىدى. دەل مۇشۇ پەيتتە خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى ماقۇللاندى. سىزچە خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىپ كېتەرمۇ؟» دەپ سورىدى. ئۇرسۇلا خانىم بۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ، «ئەلۋەتتە. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن، تىبەتلەر ئۈچۈن ھەتتا خىتايلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈنمۇ شۇنداق. چۈنكى 10 يىل ئاۋۋالقى ئېچىۋېتىش سىياسەتلىرى بارغانسېرى كەينىگە چېكىنىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىن نېمە ئويلىغىنىنى دېيىش، ئۇنى يېزىشمۇ بىر جىنايەت ھېسابلىنىدۇ. بۇ قانۇن نەتىجىسىدە ئەركىن ئويلاش، ئەركىن سۆزلەشنىڭ ھەممىسى جىنايەتكە كىرىدۇ» دېدى.

ئامېرىكىدىكى نەشردىن چىقىدىغان داڭلىق ژۇرناللاردىن «ۋال ستىرت ژۇرنىلى» بۇ مەسىلىگە بولغان باھاسىنى 29- دېكابىر كۈنى «بېيجىڭ، شىنجاڭ ۋە ئاخبارات» ناملىق ماقالە ئارقىلىق ئېلان قىلدى. ماقالىدە مۇنداق دېيىلگەن:
«خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ 26- دېكابىر كۈنىدىكى فىرانسۇز ژۇرنالىستنىڭ ۋىزىسىنى يېڭىلاپ بەرمەسلىك قارارى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللىك ژۇرنالىستلارغا قاراتقان بېسىمىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ئىشارەت قىلماقتا. ئۇ شۇنداقلا يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتىگە بولغان تەنقىدلەرگە نىسبەتەن قانچىلىك دەرىجىدە سەزگۈرلۈكىنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ.»

«ۋال سىترىت ژۇرنىلى»مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇر رايونىدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەقىقەتەن كۆپەيگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىنتايىن ئىپتىدائىي ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى، 2014- يىلى 1- مارت كۈنى كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى ھۇجۇمنى گەرچە 8 ھۇجۇمچى پىلانلىق ھالدا قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭمۇ يەنە پارتلاتقۇچلار ۋە ئاپتوماتلار بىلەن ئەمەس، يەنە ئوخشاشلا پىچاق بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئېيتىپ، «مانا بۇ ئامىللار بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ ئىنتايىن تۆۋەن سەۋىيىلىك ۋە چەكلىك مەنبەلەر» گە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، دەپ ئەسكەرتكەن ۋە مۇنداق دېگەن:
«بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بولسا شىنجاڭدىكى بارلىق قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ چەتئەللەردىكى تېررور تەشكىلاتلىرىغا بولۇپمۇ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرىدۇ. ئەمما بۇ تەشكىلاتنىڭ تېخىچە مەۋجۇتلۇقى ئېنىق ئەمەس. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بولسا بۇ تەشكىلاتنى تېررور تەشكىلاتى تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتتى.»

«ۋال سىترىت ژۇرنىلى» مۇلاھىزىسى ئاخىرىدا، ئۇرسۇلانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن خىتايدىن چىقىرىۋېتىشىنى تۆۋەندىكىدەك باھالىغان:
«بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ئۆزىگە قارىتىلغان بارلىق تەنقىدلەرنى مەيلى ئۇ ئىچكى ياكى تاشقى بولسۇن، ھەممىسىنى جازالاش ئارقىلىق ۋە ئۇلارنى ‹ تېررورلۇقنى قوللاش› دەپ قارىلاش ئارقىلىق يۈرىكىدىكى ئەنسىرەشنى ئاشكارىلاپ قويدى. ئەگەر ئۇنىڭ ئۆزىگە ئىشەنچى بولغان بولسىدى، ئۇ ھالدا ئۇ ئۇرسۇلا خانىمدەك چەتئەل مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەتكە بېرىشىغا يول قويغان ۋە ئۇلارنىڭ بۇ رايونلاردىكى ئەمەلىيەتنى چۈشىنىشىگە يول قويغان بولاتتى. بىراق، خىتاي كومپارتىيىسى يەنە بىر قېتىم ھەقىقەتنىڭ ئۆزىنىڭ سىياسىي كونترولىنى بۇزۇۋېتىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.»

بۈگۈن يەنە، فىرانسىيەدىكى 40 تىن ئارتۇق ژۇرنالىست ۋە تەھرىر «لې موندې» گېزىتى ئارقىلىق ئورتاق بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇرسۇلا خانىمنى چىقىرىۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈردى. ئوچۇق خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
«بىز خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇرسۇلا خانىمغا قاراتقان ھاقارەت خاراكتېرلىك مۇئامىلىسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىمىز... خىتايدا ئون يىلدەك تۇرغان بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى بىلىمى چوڭقۇر. ئۇ ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىشلار داۋاملىق يۈز بېرىپ تۇرىدىغان شىنجاڭ ۋە تىبەتكە بارغان. خىتايدىكى رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بۇنداق ۋەقەلەرنى تىلغا ئالمايدۇ. ئەمما ئۇلار بار كۈچىنى ئىشقا سېلىپ چەتئەللىك ژۇرنالىستلارنى بۇ رايونلارغا بېرىشتىن توسىدۇ. بولۇپمۇ مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭغا بېرىپ ئۇ يەردە كەينىگە كىرىۋالغان پۇقراچە كىيىملىك ساقچىلارنىڭ تەقىبلىشى ئاستىدا خىزمەت قىلىشى ئىنتايىن قېيىن. ئۇ يەرگە بېرىشقا جۈرئەت قىلغان مۇخبىرلار بولسا تۇتقۇن قىلىنىپ، رايوندىن چىقىرىۋېتىلىدۇ. ئۇرسۇلانىڭ شىنجاڭ ۋە تىبەت مەسىلىسىگە بولغان قىزىقىشى ئۇنى خىتاينىڭ قارا تىزىملىكىگە چۈشۈرۈپ قويدى».

فىرانسۇز ژۇرنالىستلار ۋە تەھرىرلەر باياناتى ئاخىرىدا يەنە، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مەسىلىدىكى پوزىتسىيىسىنىمۇ يېتەرلىك ئەمەس، دەپ تەنقىد قىلغان. ئۇلار، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتلىرىنى تۈرمىگە قاماشقا ئوخشاش ھەرىكەتلىرىدىمۇ جىم تۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

فىرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دۈشەنبە كۈنى ئۇرسۇلا مەسىلىسىدە بايانات بەرگەندە پەقەت ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەھۋالدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەنلا بولدى قىلغان ئىدى.

خەلقئارا مۇخبىرلارنى قوغداش كومىتېتى ئاسىيا ئىشلىرى دىرېكتورى بوب دىتىز بۇ ھەقتە رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ چىقىرىۋېتىلىشىگە ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەنلىكىنى، بۇ مەسىلىدە چەتئەل ھۆكۈمەتلىرىنىڭ چوقۇم دىپلوماتىيە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە بۇنى ئاياغلاشتۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.