ئۇيغۇر پائالىيەتچى: ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى قالمىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز پىدائىي
2015.01.29
qeshqer-saqchi-herbiy-uyghur-qarshiliq.jpg كوچا چارلاۋاتقان خىتاي قوراللىق كۈچلىرى. 2014-يىلى 3-مارت، قەشقەر.
Imaginechina

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختالغان گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابلىمىت تۇرسۇن، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ھەرىكەتلەرنى ئاتالمىش «تېررورلۇق جىنايىتى» بىلەن قارىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقان مەزگىلدە، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە بۇلارنىڭ توغرا يۈزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەسسە قوشۇشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئابلىمىت تۇرسۇن سۆھبەت دامىدا، خىتاينىڭ دېموكراتىيەلىشىشىنى تامە قىلىپ ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرگە خىتاب قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرخىل ئالداش ۋە قاتتىق جازالاش چارلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئۇيغۇرلارنى تەلتۆكۈس ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سۇيىقەستىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، شۇنداق ئىكەن ئۇيغۇرلارغا مۇستەقىللىقتىن باشقا چىقىش يولى قالمىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.