قەشقەردىكى بىر ساياھەتچىنىڭ خاتىرىسى-«ئىمام جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلگەن كۈن»

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2014-09-16
Share
Heytgah-Namaz-qeshqer-namaz.jpg ھېيتگاھ مەسچىتىدە روزا ھېيت نامىزى ئۆتەۋاتقان كۆرۈنۈش. 2011-يىلى 31-ئاۋغۇست، قەشقەر.
AFP

ئۇيغۇر ئېلى قەدىمىي يىپەك يولىدىكى مۇھىم تۈگۈنلەرنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەزەلدىن ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىپ كەلگەن. بىراق يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ دۇنيادا كەڭ تونۇلۇشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇرلارغا ۋە ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قىزىقىدىغان كىشىلەرمۇ كۆرۈنەرلىك كۆپەيمەكتە. يېقىندا ئامېرىكىدىكى تونۇلغان ساياھەت تور بېتى بولغان «يوللار ۋە پادىشاھلىقلار» ناملىق تور بەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە تەپسىلىي بىر مۇلاھىزە ئېلان قىلىندى. ماقالە، دەل قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى قەشقەرنى زىيارەت قىلىۋاتقان بىر ژۇرنالىست تەرىپىدىن يېزىلغان بولۇپ، ئاپتور خاتىرىسىدە شۇ كۈندىكى ۋەزىيەتنى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي سىياسىي ۋەزىيىتىنى يورۇتۇپ بېرىشقا تىرىشقان.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدىكى «يوللار ۋە پادىشاھلىقلار» ناملىق تور بەتتە مۇستەقىل ژۇرنالىست برېنت كىرەينى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىگە «ئىمام جۈمە تاھىر ئۆلگەن كۈن» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان بولۇپ، ئاپتور ماقالىسىنىڭ بېشىدا ئالدى بىلەن قەشقەرنىڭ قىسقىچە تارىخى ۋە قەشقەردىكى نورمال بىر كۈننى سۈرەتلەپ بېرىش ئارقىلىق باشلىغان. ئۇ روزى ھېيتنىڭ بىرىنچى كۈنى ئەتىگەندە قەشقەردىكى قەدىمىي مەسچىت بولغان ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ 3 نەپەر ھۇجۇمچى تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋەقەسىنى بايان قىلغان. ئۇ مۇنداق دېگەن:
-شۇ كۈنى مەنمۇ قەشقەردە ئىدىم. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ھەربىيلەر، ساقچىلار شەھەرگە سەلدەك ئېقىپ كىردى. ئىنتېرنېت ۋە قىسقا ئۇچۇر كېسىۋېتىلدى. مەن قەشقەر قەدىمىي شەھەردىكى ياشلار مېھمانخانىسىدا تۇرۇۋاتقان ئىدىم. ئۇ مېھمانخانىدا ھەر بىر كارىۋات چەتئەللىك ساياھەتچىلەر ئۈچۈن بىر كېچىسىگە 6 دوللاردىن بېرىلەتتى. ئۇ كۈنى مېھمانخانا خوجايىنى ماڭا ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا تېلېفون قىلىپ، مېھمانخانىدىكى چەتئەللىكلەرنى سىرتقا چىقارماسلىقنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بىراق مەن بىر ئامال قىلىپ ئوغرىلىقچە سىرتقا چىقىشنىڭ يولىنى تاپتىم. سىرتقا چىققان ۋاقتىمدا مەن چوقۇم باشقىچە مەنزىرە بىلەن ئۇچرىشىمەن، دەپ ئويلىغان ئىدىم. بىراق ھەممە نەرسە شۇ پېتى تۇراتتى. ئەرلەر، بالىلار، ئاياللار كوچىدا ھەر ۋاقىتتىكىدەك مېڭىپ يۈرەتتى. دۇكانلارنىڭ كۆپى تاقاق ئىدى. ئەمما ھېيت مەزگىلى بولغاچقا دۇكانلار ئالدىنقى كۈنىمۇ تاقاق ئىدى. گەرچە ئىمام جۈمە تاھىر خىتايدىكى مۇسۇلمانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان جۇڭگو ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋە شۇنداقلا ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ باش ئىمامى بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن مۇسىبەت تۇتۇۋاتقاندەك كۆرۈنمەيتتى. كېيىن بىر 25 ياشلىق ئۇيغۇر ياش ماڭا ئۆزىنىڭ گېپى ئارقىلىق بۇ يەردىكى ئاممىنىڭ ۋەقەگە بولغان كۆز قارىشىنى خۇلاسىلەپ بەرگەن بولدى. ئۇ ماڭا «كىمنىڭ كارى. جۈمە تاھىر كوممۇنىست ئىدى» دېدى.

مۇستەقىل ژۇرنالىست برەنت كرەينى ئۇيغۇر ئېلىدا 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى ۋە ئۇندىن كېيىنمۇ بىر قانچە چوڭ ۋەقەلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە ۋەقەلەرنى خۇددى ئەل-قائىدىگە ئوخشاش مىلىتانلار قىلغاندەك سۈرەتلەپ بەرسىمۇ، بىراق بۇ ۋەقەلەرنىڭ ئىسلام رادىكاللىرى تەرىپىدىن قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان دەلىللەرنىڭ يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە ئەسكەرتىپ «بۇ ھۇجۇملارنىڭ ئىسلام يولىدا قىلىنغانلىقى ياكى پۇقرالىق ھوقۇقى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان كىشىلەر تەرىپىدىن قىلىنغانلىقى ئېنىق ئەمەس» دېگەن. بىراق ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئۇيغۇرلارغا ھۇجۇم قىلىشتەك ۋەقەسىنىڭ ئىلگىرى كۆپ كۆرۈلىدىغان ۋەقە ئەمەسلىكىنىمۇ قوشۇمچە قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە، ئىمام جۈمە تاھىرغا ھۇجۇم قىلغان 3 كىشىدىن بىرىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تىرىك ھالدا قولغا چۈشۈرۈلگەنلىكى، قالغان ئىككىسىنىڭ نەق مەيداندا ئېتىۋېتىلگەنلىكىنى، خىتاينىڭ مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بۇ ساق قالغان كىشىنى قوللىرى كېشەنلەنگەن ھالدا زىيارەت قىلغانلىقى ۋە نۇرمەمەت ئابدىلىم ئىسىملىك بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ تېلىۋىزورغا سۆزلىگەندە ئۆزىنىڭ بۇ ئىشنى جىھاد قىلىش ئۈچۈن قىلغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ چوڭ ئىش چىقىرىش ئۈچۈن قىلغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ «بىراق، ئۇنىڭ بۇ سۆزىگە ھەيران قېلىشنىڭ ئورنى يوق. چۈنكى ئۇنىڭ مەجبۇرىي قىلىنغان ئىقرار بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ۋە ئۇنىڭ سۆزىنى مۇستەقىل ھالدا دەلىللەشمۇ مۇمكىن ئەمەس دېيەرلىك» دېگەن ۋە ئاكادېمىك ئىلھام توختىنىڭ سۆزىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ«ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى قولغا ئېلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىشتىن ئاۋۋال ئۇ بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنى قوللىغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ چوقۇم تۈرمىدە يالغان ئېتىراپنامە بېرىشكە قىستىلىشى مۇمكىنلىكىنى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇنى چوقۇم مەست قىلىدىغان دورىلار ئارقىلىق ياكى باشقا قېيىن-قىستاققا ئوخشاش ۋاسىتىلەر ئارقىلىق بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىشى مۇمكىنلىكىنى، شۇڭا ئەگەر شۇنداق سۆزلىگەن تەقدىردە ئۇ گەپلەرگە ئىشەنمەسلىكىنى تەلەپ قىلغان ئىدى» دەپ بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە يەنە، قەشقەردىكى ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىغۇچىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇش ئېھتىمالىنىڭ يۇقىرىلىقى، بۇنىڭمۇ دەل يەرلىكتىكى خەلقنىڭ ئۇنى ياخشى كۆرمەسلىكىدىكى سەۋەبلىكىنى ئېيتقان. ئۇ يەنە شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە ئېيتىپ بەرگەنلىرىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئۇنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ژۇرنالىست برەنت كرەينى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىك مۇتەخەسسسىلەرنىڭ سۆزىنى نەقىل قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇر ئېلىدا كېيىنكى يىللاردا دىنغا بولغان ئىخلاسمەنلىكنىڭمۇ كۆرۈنەرلىك كۈچەيگەنلىكىنى، بىراق دىنغا بولغان ئىخلاسمەنلىك بىلەن رايوندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن قانچىلىك مۇناسىۋىتى بارلىقى ئېنىق بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بارلىق ئېھتىماللارغا قارشى قاتتىق تەدبىر ئېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى قاتتىق چەكلەۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ قەشقەردە ئۆزىنىڭ كوچىدا ئۇستەلك ئورۇندۇق قويۇپ ئولتۇرۇپ، بەكرەك دىنىي يوسۇندا كىيىۋالغان، ياكى بەكرەك ئورىنىۋالغان ئاياللارنى كۆرسە چاقىرىپ ئاپىرىپ تىزىمغا ئالىدىغان ئايال كادىرلارنى كۆرگەنلىكىنى، مۇشۇنداق كىيىنگەن ئاياللارنىڭ ھەتتا ساقچى ئاپتوموبىلى ئارقىلىق ساقچىخانىغا ئېلىپ كېتىلىدىغانلىقىنىمۇ ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلغان. ئۇ يەنە قەشقەردە ھەممە يەردە ئاياللارنىڭ باش ياغلىقى ۋە ئەرلەرنىڭ ساقال-بۇرۇت قويۇش قائىدىلىرى ھەققىدىكى تەشۋىقات تاختىلىرىنى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا كىشىلەرنى تېلېفونىغا دىنىي مەزمۇندىكى نەرسىلەرنى چۈشۈرمەسلىك ھەققىدە ئاگاھلاندۇرىدىغان لوزۇنكىلار بارلىقىنى بايان قىلغان ۋە : «بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ دوستى تېلېفونىغا قۇرئاندىكى بىر قانچە ئايەتنىڭ رەسىمىنى چۈشۈرۈۋالغانلىقى ئۈچۈن كوچىلاردا كىشىلەرنىڭ تېلېفونىنى تەكشۈرىدىغان ساقچى تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ قولغا ئېلىنغان ئىكەن. قەشقەرنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېگۈدەك دىنغا بېسىم قىلىنىۋاتقان ھەرخىل لوزۇنكا-ئىشارەتلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. مەنچە جۈمە تاھىرنىڭ قاتىللىرىنىڭ كاللىسىغا چوقۇم ھۆكۈمەتنىڭ مۇشۇنداق دىنىي سىياسىتى تەسىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، يۇقىرىدىكىلەردىن غەزەپلىنىش ئۈچۈن ئىسلامىي رادىكال بولۇش كەتمەيدۇ.» دەپ بايان قىلغان.

ئۇ، ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ نامىزىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەن كۈنى بىلەن ئوخشاش كۈنى چۈشۈرۈلگەنلىكىنى، چۈشتىن كېيىن مەسچىتكە نۇرغۇن كىشى كەلگەنلىكىنى، ئەمما چىرايىدىن مۇسىبەتنى كۆرۈۋالغىلى بولىدىغان كىشىلەرنىڭ ئىنتايىن ئازلىقىنى بايان قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مۇراسىم جەريانىدا مەسچىتنىڭ ئەتراپى نۇرغۇنلىغان قوراللىق ساقچىلار بىلەن قورشالغان، شۇنداقلا ھەربىر كىرىش ئېغىزىغا قوراللىق قىسىملار تۇرغۇزۇپ قويۇلغان بولۇپ، ئاپتور سۆزىدە، ئەسكەرلەرنىڭ قارىماققا شۇنداق زېرىككەندەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ شۇنچە ئىسسىقا قارىماي قېلىن قالقانلارنى كىيىۋالغانلىقىنى ۋە ۋەقە چىققاندا ئىشلىتىدىغان بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەتكەنلىكىنى سۈرەتلەپ بەرگەن. ئۇ ماقالىسىنى تۆۋەندىكى بايان بىلەن ئاياغلاشتۇرغان :
-ئەتراپتىكى رەسىمگە تارتقانلارنى ھەربىيلەر توسۇۋېلىپ، رەسىملىرىنى پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈۋەتتى. مەسچىت ئىچىدە مۇراسىم بولۇۋاتقان چۈشتىن كېيىن ساقچى-ھەربىيلەر مەيدان بىلەن مەسچىت تېمى ئارىلىقىدا توختىماي مېڭىپ چىقتى. مەسچىت تېمىنىڭ ئۇ تەرىپىدە ھاياتىنى خۇدا بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى غۇۋا چېگرىلار ئىچىدە ياشاپ ئۆتكەن بىر ئىمامنىڭ مېيىتى، سىرتتا بولسا مېڭىپ يۈرگەن قوراللىق قىسىملار بار ئىدى. ئۇ چاغدا قۇشلارنىڭ ئاۋازىدىن باشقا ئاۋاز ئاڭلىغىلى بولمايتتى. بۇ مەنزىرە كىشىگە خۇددى ئاۋازسىز كىنولارنى ئەسلىتىدۇ. بىر توپ ئۇيغۇر ئەرلەر مەسچىتكە كىرىپ كېتىۋاتقاندا ئۇلارنىڭ يولى مېڭىپ يۈرگەن ھەربىيلەر بىلەن كېسىشىپ قالدى. مەن بولسا قوللىرىم يانچۇقۇمدا مەيداننىڭ بىر چېتىدە تۇرىمەن. بىراق مېنى ئۇيغۇر ئەرلىرى بولسۇن ياكى ھەربىيلەر بولسۇن ھېچكىم پەرق ئەتمەيۋاتاتتى. چۈنكى ئۇلارنىڭ پۈتۈن دىققىتى بىر-بىرىدە ئىدى.»

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت