مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر-خىتاي زىددىيىتىنى قارشىمۇ-قارشى قۇتۇپقا قويۇپ ھەل قىلىشقا بولمايدۇ

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2014-04-10
Share
kunming-weqesi-saqchi-charlash.jpg پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاق بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن قوراللىق كۈچلەر ئەتراپنى چارلىماقتا. 2014-يىلى 3-مارت، كۇنمىڭ.
AFP

يېقىندا خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر-خىتاي مەسىلىسىنى قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپقا قويۇپ ھەل قىلىشقا بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان. بەزى مۇتەخەسسىسلەر بولسا كۆپ قۇتۇپلۇق سىستېما مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىن بىر چارىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

بۇ پىكىرلەر 4‏-ئاپرېل خوڭكوڭ جۇڭگو ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان ئۇيغۇر-خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگودىكى چەتتە قالغانلار ۋە چېگرا رايونلار» ناملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنغا خىتاي، خوڭكوڭ ۋە كانادا قاتارلىق ئەللەردىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايدىكى چېگرا ھەم ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسسىس، تەتقىقاتچىلار تەكلىپ قىلىنغان.

خوڭكوڭ ئاخباراتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى مەدەنىيەت‏ ۋە دىن فاكۇلتېتى ئۇيۇشتۇرغان بۇ يىغىندا مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە توختىلىپ، مەيلى ھۆكۈمەت مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى «3خىل كۈچلەر» گە ئارتسۇن ياكى لىبېرال گۇرۇھلار ئېيتقاندەك مەسىلىنى ھۆكۈمەتنىڭ دىكتاتورىلىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسۇن، ئىشقىلىپ مىللىي مەسىلىنى بىر-بىرىگە قارمۇ-قارشى ئىككى قۇتۇپ ئورنىغا قويۇپ ھەل قىلماسلىق كېرەكلىكنى تەكىتلىگەن.

لېكىن، ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئېلشات ھەسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر بىلەن خىتايلارنى مەقسەتلىك ئىككى قۇتۇپقا ئايرىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئەلۋەتتە، ئىككى قۇتۇپلاشتۇرۇش توغرا ئەمەس. شەخسەن ئۇيغۇر مىللىتى ھېچقاچان خىتاي مىللىتى بىلەن دۈشمەن ئەمەس. مەن ئىشىنىمەنكى، كاللىسى يۇيۇلۇپ كەتمىگەن خىتايلا بولسا ئۇيغۇرلار بىلەن دۈشمەن ئەمەس. بىراق بۇ يەردىكى مەسىلە، مىللىي مەسىلىنى قەستەنلىك بىلەن بۇرمىلاپ، ئىككى قۇتۇپ پەيدا قىلغان ھازىرقى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى. بۇلار ئۆزىنىڭ ھوقۇققا ئېرىشكەن يولىنى قانۇنلاشتۇرۇش، مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خىتاي مىللىتىنى دۈشمەنلىككە سېلىپ قويۇپ، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنى ئىدارە قىلىش، دېدى.

يىغىندا، گۇاڭجۇ ئۇنىۋېرسىتېتى ئەدەبىيات فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى ياۋ شىنيوڭ، 2008‏-يىلى 3‏-ئايدا، خىتاي جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش ۋەقەسى «شىنجاڭ مەسىلىسى» نى گەۋدىلىك ئورۇنغا چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ ۋەقەگە چېتىشلىق كىشىلەرنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ جۇنۇپلۇق ئۇيغۇر دېھقانلار ئىكەنلىكى دىققەت قوزغىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2008‏-يىلى 7‏-مارت كۈنى، ئۈرۈمچىدىن بېيجىڭغا قاراپ ئۇچقان جەنۇب ھاۋا يوللىرىنىڭ يولۇچى ئايروپىلانىدىكى 19 ياشلىق ئۇيغۇر يولۇچى قىز-گۈزەلنۇر تۇردىنى ئايروپىلاننى پارتلىتىشقا ئۇرۇنۇش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان. ئايروپىلان لەنجۇ ئايرودرومىغا جىددىي قونغان. دائىرىلەر ئايروپىلاندىكى يەنە بىر ئوتتۇرا ياشلىق ئۇيغۇر ئەر يولۇچىنى گۈزەلنۇرنىڭ شېرىكى، دەپ قولغا ئالغان ئىدى.

پروفېسسور ياۋ شىنيوڭ خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى يىغىندا بۇ كىشىلەرنىڭ قوراللىق قارشىلىق يولىغا مېڭىشتىكى سەۋەبلەرنى تەھلىل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنى مەلۇم جەھەتتىن تۈزۈلمە كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئۇ، ئالدى بىلەن بۇ ھۆكۈمەتتىكى مەسىلە، چۈنكى تۈزۈلمە پۇقرالارنىڭ پىكىر قىلىش يولىنى پۈتۈنلەي ئېتىپ تاشلىدى، دېگەن.

ئېلشات ھەسەننىڭ ياۋ شىنيوڭنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارىشى قىسمەن توغرا بولسىمۇ، بىراق مەسىلە نوقۇل تۈزۈلمە بىلەن چەكلەنمەيدۇ.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قىسمەن جەھەتتىن توغرا، ئەمما پۈتۈنلەي ئەمەس. بۇ يەردىكى مەسىلە نوقۇل قۇرۇلما ياكى باشقا بىر نەرسە ئەمەس. بەلكى ھاكىمىيەت خاتا. بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىگە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان، ئۆز مەدەنىيىتىنى قوغدىيالايدىغان، ئېتىقادىنى ئەركىن ئېلىپ بارالايدىغان مۇھىت بولۇشى كېرەك. شۇ ۋاقىتتا بۇ مەسىلە ھەل بولىدۇ. بۇ ھەرگىز ئۆزىنىڭ نارازىلىقىنىلا بىلدۈرۈپ قويۇش، تۇرمۇشتىكى قىيىنچىلىق ۋە باشقا بىر سەۋەبلەر ئەمەس. بۇ يەردىكى مىللەتنىڭ ئۆز ئېتىقادى، مەدەنىيىتى ۋە روھى دۇنياسىنى قوغداش پۇرسىتىنى خىتاي ھاكىمىيىتى تارتىۋالغانلىق مەسىلىسى.

نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى فەن كې يىغىنغا قاتنىشىپ، سۆز قىلغان خىتاي مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بىرى. ئۇ، دۆلەت رامكىسى ئىچىدە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئاۋازى ئىزچىل بېسىقتۇرۇلۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ماھىيەتلىك مەسىلىسى-بايلىق تەقسىماتىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق ۋە پىكىر قىلىش ھوقۇقىدۇر.

بىراق گۇاڭجۇ جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پروفېسسور ياۋ شىنيوڭنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار بىلەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ياكى خەنزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە، دەپ قارىماسلىق كېرەك. ئۇ، جەنۇبتىكى يېزىلارنىڭ پارتىيە سېكرېتارى خەنزۇ بولسىمۇ، بىراق نۇرغۇن ئۇيغۇر كادىرلارنىڭ بارلىقى، يېزىلاردا پارىخورلۇق ۋە چېرىكلىك مەسىلىسى مەۋجۇتلۇقىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىدە ئۈمىدسىزلىك، جەمەتچىلىك، ئىقتىسادىي بېسىم پەيدا قىلغان پسىخولوگىيىلىك پەرق قاتارلىق ئامىللار رول ئويناپ كەلگەن. ئۇ، ئۇيغۇر ئىلى ۋە تىبەتتىكى زوراۋانلىق ۋەقەلىرىنى زامانىۋىلىشالماسلىق پەيدا قىلغان ئۈمىدسىزلىك كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ يەنە، ئۇيغۇرلاردىكى جەمەتچىلىك ئېڭى، ئەتراپتىكى ئىقتىسادىي ئوبوروتنىڭ ئۇيغۇرلاردا پەيدا قىلغان پسىخولوگىيىلىك پەرق بىلەن ئالاقىدار، دەپ تەكىتلىگەن.

لېكىن ئېلشات ھەسەننىڭ قارىشىچە، ئەتراپتىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىياتى ئۇيغۇرلاردا پسىخولوگىيىلىك بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقى توغرا بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر قارشىلىق ھەرىكىتى ھەرگىز ئۈمىدسىزلىكنىڭ مەھسۇلى ئەمەس. ئۇ، ئۇيغۇرلاردىكى قارشىلىققا ئۇلاردىكى ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشكە بولغان بىر خىل ئارزۇ تۈرتكە بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: بۇنى پۈتۈنلەي توغرا دېمەيمەن. بۇنىڭ ئازراق ئاساسى بار. ھەقىقەتەن، ئۆزىنىڭ ۋەتىنىدە ئۆزى قاراپ تۇرۇپ، باشقا ياتلار كېلىپ مال-دۇنيانى تالان-تاراج قىلىپ، ئۆزىنى بېيىتىپ يۈرسە، ھەقىقەتەن، پسىخىكا جەھەتتىن تەڭپۇڭسىزلىق، بىر خىل ئۆچمەنلىك پەيدا بولىدۇ. ئەمما، ئۇيغۇرلاردىكى ھازىرقى قارشىلىق پەقەت ئۈمىدسىزلىكتىن ئەمەس، ئۇ بىر خىل ئارزۇدىن كېلىپ چىققان. بۇ ئارزۇ بولسا روھىي دۇنيادىكى ئەركىنلىككە بولغان ئارزۇ. ئۆزىنىڭ مەدەنىيىتى ئېتىقادى، قىسقىسى، مەنىۋى ئەركىنلىككە بولغان تەلپۈنۈش، شۇنىڭغا بولغان ئىزدىنىشتىكى بىر خىل كۈرەش. بۇ بىر خىل ئارزۇ-ئارمان، دېدى.

بۇ قېتىمقى يىغىنغا بېيجىڭدا ئولتۇرۇشلۇق ئاتاقلىق ئۆكتىچى زىيالىي ۋاڭ لىشيوڭ تەكلىپ قىلىنغان. ئۇ، يىغىندا «سېرىق ئاپەتتىن دېموكراتىيىگە يۈرۈش: ھەل بولمىغان بىر مەسىلە ھەققىدىكى پىكرىم» دېگەن تېمىدا نۇتۇق سۆزلىمەكچى ئىدى. بىراق خىتاي ئامانلىق ئورگانلىرى ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى توسۇپ قويغان.

ۋاڭ لىشيوڭنىڭ ئايالى، تىبەت يازغۇچىسى ۋېيسېرنىڭ خوڭكوڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە ئاشكارىلىشىچە، ۋاڭ لىشيوڭنىڭ توسۇپ قويۇلۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، ئۇنىڭ «دىئالوگ» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمغا چىققانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى ئېھتىمال. بۇ فىلىمگە ۋاڭ لىشيوڭ قاتارلىق ئۆكتىچىلەرنىڭ دالاي لاما بىلەن توردا سۆزلىشىۋاتقان ۋە شۇنداقلا خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى ئىلھام توختى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان كۆرۈنۈشى قىستۇرۇلغان ئىدى.

خوڭكوڭ خىتاي ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلگىرى ئۆزىنىڭ دىنىي ۋە مىللىي مەسىلە ھەققىدىكى بىر قېتىملىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئىلھام توختىنى تەكلىپ قىلغان. بىراق خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى توسقان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت