بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار: لاگېرلاردا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.03.28
بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار: لاگېرلاردا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟ «ئىندىئانا دۇنيا مەسىلىلىرى كېڭىشى» تەشكىلاتى ئۇيۇشتۇرغان «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار: لاگېرلاردا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» ناملىق يىغىندا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) ئەپەندى سۆزلىمەكتە. 2022-يىلى 17-مارت.
Indiana Council on World Affairs

ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا شتاتىدىكى «ئىندىئانا دۇنيا مەسىلىلىرى كېڭىشى» 60 يىلدىن بېرى لېكسىيەلەر، نۇتۇقلار ۋە كىتاب-ژۇرناللار ئارقىلىق دۇنيا ۋەزىيىتىدە كۆرۈلۈۋاتقان جىددىي مەسىلىلەر ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدا كەڭ ئاۋامنى تەربىيەلەپ كېلىۋاتقان مائارىپ تەشكىلاتىدۇر. 17-مارت كۈنى مەزكۇر تەشكىلات بۇ ئايلىق «مەشھۇر شەخسلەر سۆھبىتى» پروگراممىسىنى ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ «بۈگۈنكى ئۇيغۇرلار: لاگېرلاردا نېمىلەر بولۇۋاتىدۇ؟» تېمىسىدا مەخسۇس لېكسىيە ئۇيۇشتۇردى.

يىغىندا «ئامېرىكا دۇنيا مەسىلىلىرى كېڭىشى» نىڭ رەئىسى لارىي سىمىنو (Larry Cimino) ئالدى بىلەن سۆز ئالدى. ئۇ مەزكۇر جەمئىيەت ھەمدە ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە قىلىۋاتقان ئىشلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش بىلەن بىرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېلىھەم ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشنى ئىنكار قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى، بىر ھەپتە ئىلگىرى چىكاگودىكى خىتاي باش كونسۇلخانىسى بىلەن بولغان سۆھبەتتە ئۆزلىرى بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا باش كونسۇل جاۋ جيەننىڭ «بىز ھازىر شىنجاڭدا ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتىمىز. يەنە كېلىپ ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشنى كۆزلىگەن ھەرىكەتلىرى بەك ئەۋج ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى دۆلىتىمىزنىڭ ئۇ جايغا غايەت زور ساندا مەبلەغ سېلىشى تۈپەيلىدىن زور ساندىكى تېخنىكا ئىشچىلىرى كەمچىللىكى كۆرۈلۈۋاتىدۇ. شۇڭا بىز تەربىيەلەش مەركەزلىرىنى ئېچىپ ئۇ جايدىكى كىشىلەرنى تەربىيەلەۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى، ئەمما بۇ جاۋابنىڭ ھازىر مەلۇم بولۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پاكىتلار بىلەن قىلچىلىكمۇ ماس كەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتكەچ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ۋەزىيەتكە قاراپ چىقىشنى ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇرشۇناس گاردنېر بوۋىڭدون (Gardner Bovingdon) غا ھاۋالە قىلدى. .

پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدون ئامېرىكا ۋە ياۋروپادا تونۇلغان ئۇيغۇرشۇناسلاردىن بولۇپ «ئۇيغۇرلار: ئۆز ۋەتىنىدە سەرسان بولغانلار» ناملىق ئەسىرىدە 1990-يىللاردىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە كۆرۈلگەن زور ئۆزگىرىشلەرنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە ئۇ ئالدى بىلەن ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى ۋە ئۆتمۈشى ھەمدە يېقىنقى زامان تارىخى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بەردى. پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدوننىڭ قارىشىچە، ھازىر نوپۇسى بىر يېرىم مىلياردقا يېقىنلىشىپ قالغان خىتايدا خىتاي مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 92 پىرسەنتىنى ئىگىلەيدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا «ئاز سانلىق مىللەتلەر» دېيىلىدىغان باشقا مىللەتلەر ئومۇمىي نوپۇسنىڭ سەككىز پىرسەنتىنى، يەنى 100 مىليونچە نوپۇسنى تەشكىل قىلىدىكەن. شۇڭا بۇنداق غايەت زور سان پەرقى بولۇۋاتقان ئەھۋالدا ئومۇمى نوپۇسى 12-13 مىليون دەپ قارىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى «تەھدىت بولۇپ قالدى» دەپ قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەن. ئەكسىچە بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى 1949-يىلىدىن تارتىپ ئىجرا قىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتىنىڭ داۋامى ئىكەن. چىكاگودىكى خىتاي باش كونسۇلىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىقنى ئىنكار قىلىش ھەققىدىكى سۆزلىرىدە ئېيتىلغان «تەربىيەلەش مەركىزى» بولسا دەل خىتاي ھۆكۈمىتى مۇشۇ خىل ئاسسمىلياتسىيەنى ئاستا سۈرئەتتە داۋام قىلدۇرۇشقا سەۋرى قالماي بۇنى تېز سۈرئەتتە تامام قىلىشقا بەل باغلىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىققان شەيئىلەر ئىكەن. .

پروفېسسور گاردنېرنىڭ قارىشىچە، 1950-يىللاردىن باشلانغان ئاسسىمىلياتسىيە ھەرىكىتى ئىزچىل داۋام قىلغان بولسىمۇ ئۇيغۇرلار 1980-يىللاردىكى قىسقىغىنە ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تېزدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇنتۇلغان تارىخ سەھىپىلىرىنى، ئەدەبىيات بايلىقىنى ۋە دىنىي كىملىكىنى قايتىدىن تىكلەپ چىققان. مانا مۇشۇ ھال خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەممىدىنمۇ بەك چۆچۈتۈۋەتكەن. ئەنە شۇ ۋاقىتلاردا 1997-يىلىدىكى غۇلجا ۋەقەسى، كېيىنچە 2009-يىلىدىكى ئ‍ۈرۈمچى ۋەقەسى، كېيىنچە يەنە كۇنمىڭ ۋە بېيجىڭلاردىكى ھۇجۇم ۋەقەلىرى ئوتتۇرىغا چىققان. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىنى بۆلگۈنچى ۋە تېررورچى كۈچلەرنىڭ پەيدا قىلغانلىقىنى كۆپ قېتىملاپ تەكىتلىگەن بولسىمۇ ئەمما ھازىرغىچە بۇ ھەقتىكى ھېچقانداق دەلىل-ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىغان. ئەمما ئۇلار ئىزچىل ھالدا ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسىنىڭ بۇنىڭدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشتىن توختاپ باقمىغان. يەنە كېلىپ ھازىرقى لاگېرلار ھېچقاچان خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلىگەندەك كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش رولىنى ئويناپ باقمىغان. بۇ جايغا قامالغانلار بۇ جايدا خىتايچە سۆزلەشكە ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە بولغان ساداقەتمەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىنىۋاتقانلىقى ئېنىق. يەنە كېلىپ بۇ مەركەزلەرنىڭ كۆزىتىش مۇنارى ۋە ھەربىيچە شەكىلدىكى قاتمۇ-قات مۇداپىئە توسۇقلىرى، «كۇرسانتلار» نىڭ بۇ جايلاردا زەررىچە ئەركىنلىكىنىڭ بولماسلىقى، بۇ جايغا قامالغان كىشىلەرنىڭ ئۆزلىرىمۇ نېمە سەۋەبتىن قامالغانلىقى ياكى قاچان چىقىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلمەسلىكى دېگەنلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يالغان ئىكەنلىكىنى، بۇ كىشىلەرنىڭ رولى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ «روھىنى سۇندۇرۇش»، شۇ ئارقىلىق لاگېر سىرتىدىكىلەرگە «ئىبرەت» بولۇش، شۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان ئاسسىمىلياتسىيە چارىلىرىنى ھېچقانداق قارشىلىقسىز قوبۇل قىلىشقا مەجبۇرلاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدىكەن. پروفېسسور راھىلە داۋۇتقا ئوخشاش مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ بۇ لاگېرلارغا «تەربىيەلەش» ئۈچۈن قامالغانلىقى ھەمدە «ئۆزگىرىش ئېھتىماللىقى يوق» بولغانلارنىڭ ھەممىسىنى جەمئىيەت قوينىغا قايتىشتىن توسۇپ قېلىش ئۈچۈن ئېغىر قاماققا ھۆكۈم قىلىش قىلمىشىمۇ لاگېر ھەققىدىكى يالغانچىلىقنى بەكلا روشەن نامايان قىلىپ بېرەلەيدىكەن. يەنە بىر ياقتىن خىتاي كومپارتىيەسى پۈتۈن كۈچى بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكىنى بازارغا سېلىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ «خىتاي خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ۋە شان-شەرىپى ئۈچۈن بۇزغۇنچى كۈچلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە تازىلاش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقى» نى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان ھەمدە كەڭ خىتاي خەلقىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرگەن. .

شۇنىڭدىن كېيىن يىغىن رىياسەتچى رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ئوتتۇرىسىدا قانداق باغلىنىش بارلىقى ھەققىدىكى سوئالىنى ئوتتۇرىغا قويدى. .

پروفېسسور گاردنېر بوۋىڭدون بۇ ھەقتە ئالاھىدە توختىلىپ بۇ ئىككى چوڭ دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ خىل ھەمكارلىقنىڭ ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ نۆۋەتتە تارىختىكى كونا ھەمكارلىقنىڭ يېڭىچە شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە شەرھلەپ ئۆتتى. . ئۇنىڭ پىكرىچە، يېقىندىن بۇيان كۆپلەپ مەلۇم بولغان پاكىتلار خىتايدىكى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسى باشلىنىشتىن ئىلگىرىلا ئىككى تەرەپنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىپ بولغانلىقىنى، بولۇپمۇ رۇىسيەنى چېچېنىيە مەسىلىسىدە ئىزچىل قوللاپ كەلگەن خىتاينى ئەمدىلىكتە رۇسىيەنىڭ بۇنىڭغا جاۋابەن پائال قوللاۋاتقانلىقى، بۇ قوللاشنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى قىلىۋاتقان ھەمدە خەلقئارانىڭ ئەيىبلىشىگە دۇچ كېلىۋاتقان بارلىق ساھەگە چېتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. .

يىغىنىڭ سوئال-جاۋاب بۆلىكىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە لاگېرلار مەسىلىسىگە قارىتا خەلقئارادا بارلىققا كەلگەن جازا تەدبىرلىرى، ئۇيغۇرلار ھەققىدە تۈزۈلگەن قانۇنلار، «بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشى» ھەمدە ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى، خىتايدىكى مىسلىسىز قاتتىق بولغان كونتروللۇق تۈپەيلىدىن بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ قىرغىنچىلىقتىن قېچىپ كېتىشكە ئىلاج قىلالماسلىقى، ئۇيغۇرلارغا قوشنا بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ خىتاي تەسىرىدىكى بوشلۇققا ئايلىنىپ قېلىشى، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا ئوخشاش ئورۇنلارنىڭ بۇ زۇلۇملارنى پاش قىلىشتا ئوينىغان رولى قاتارلىق تېمىلار بويىچە كۆپلىگەن سوئاللار سورالدى.

مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە ئامېرىكا سىياسىي ساھەسىدىكى زاتلاردىن باشقا ئامېرىكا ۋە ياۋروپادىكى كۆپلىگەن ئاۋام پۇقرالار ئۇيغۇر دىياردىكى قىرغىنچىلىق ۋە باستۇرۇش قىلمىشلىرىدىن دېگەندەك خەۋەردار ئەمەس ئىكەن. شۇڭا مۇشۇ خىلدىكى ئاممىۋى لېكسىيەلەر ئاۋامنىڭ بۇ مەسىلە ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشتا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.