«ۋۇخەن ۋىرۇسى» سەۋەبلىك ئوتتۇرىغا چىققان بەزى ئىنكاسلار

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2020.02.13
shi-jinping-virus.jpg «ۋۇخەن ۋىرۇسى» تارقالغاندىن كېيىن لايىھەلەنگەن كارتون سۈرەت.
Photo: RFA

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىش كۆلىمىنىڭ داۋاملىق كېڭىيىدىغانلىقى، بۇ ۋىرۇسنىڭ ئىنسانىيەتكە ئاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ سانلىق مەلۇماتىغا كۆرە، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى 50 مىڭغا يېقىنلاشقا، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 1300 دىن ئاشقان بىر چاغدا دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 11-فېۋرال شىۋېتسارىيەدە پەۋقۇلئاددە جىددىي يىغىن چاقىرىپ، «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نى پۈتۈن ئىنسانىيەت ئۈچۈن «1-دەرىجىلىك ئورتاق دۈشمەن» دەپ ئېلان قىلغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سېكرېتارى تېدروس ئادھانوم يىغىندا قىلغان سۆزىدە «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن تېررورىزىمدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ۋە خەلقئارا جەمئىيەت جىددىي ئويغانمىغان تەقدىردە ئىنتايىن خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋاكسىنانىڭ يەنە 18 ئايدىن كېيىن ئاندىن ۋۇجۇدقا چىقىدىغانلىقىنى بايان قىلغان. بۇ 18 ئاي ئىچىدە خىتاي ۋە دۇنيا مىقياسىدا قانچىلىك ئادەمنىڭ «ۋۇخەن ۋىرۇسى» دىن يۇقۇملىنىپ ئۆلىدىغانلىقىنى قىياس قىلىش تەس ئىكەن.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» چەتئەللەرگە تاراشقا باشلىغاندىن كېيىن غەربتىكى ئاۋام خەلقنىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىنكاسلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۈزۈلمەي ئېلان قىلىنىشقا باشلىدى. ياۋروپا ئەللىرىدە ئاممىۋى سورۇنلاردا خىتايلارنى يەكلەش، ھاقارەتلەش، ھەتتا ئۇرۇش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بەرگەنلىكى سىن كۆرۈنۈشلىرىدە كۆپلەپ ئېلان قىلىندى. بۇ ۋىرۇس يالغۇز خىتاي دۆلىتىنىڭ ئوبرازىنى سۇندۇرۇپلا قالماي، خىتاي خەلقىگە بولغان سەلبىي قاراشلارنىمۇ كۈچەيتكەن.

بۇ جەھەتتە مەتبۇئاتلاردا ئاشكارا دىققەتنى چەككەن تۇنجى تېما دانىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا سۈركىلىش پەيدا قىلغان بىر كارىكاتۇر رەسىم بولغان. «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ تارقالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ، ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى ئەمدىلا 81 كىشىگە يەتكەنلىكى ئېلان قىلىنغان 1-ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا دانىيەنىڭ «يۇللاندس-پوستېن»، يەنى ‹سەھەر پوچتىسى› گېزىتى بىر كارىكاتۇر رەسىمنى ئېلان قىلغان. رەسىمنى مەشھۇر كارىكاتۇر سەنئەتكارى نىلېس بوجەسسېن سىزغان. رەسىمگە خىتاينىڭ قىزىل دۆلەت بايرىقىدىكى 5 يۇلتۇزنىڭ ئورنىغا كورونا ۋىرۇسى (ۋۇخەن ۋىرۇسى) نىڭ شەكلى كىرگۈزۈلگەن.

مەزكۇر رەسىم خىتاي ھۆكۈمىتىنى قاتتىق بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ كوپېنھاگېندىكى باش ئەلچىسى دەرھال بايانات ئېلان قىلىپ، «بۇ جۇڭگوغا قىلىنغان ئېغىر ھاقارەت، ‹‹يۇللاندس-پوستېن› گېزىتى ۋە نىلېس بوجەسسېن خەلقىمىزنىڭ قەلبىنى زىدىلىدى، ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشى كېرەك،» دېگەن. ھالبۇكى، دانىيە ھۆكۈمىتى بولسۇن، ‹يۇللاندس-پوستېن› گېزىتى بولسۇن ياكى نىلېس بو بوجەسسېن بولسۇن، كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان. ئۇلار «دانىيە پىكىر، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ئىگە دۆلەت،» دەپ جاۋاب بەرگەن.

9-فېۋرال كۈنى گېرمانىيەدىكى «قىزىق لىنىيە» تورىغا بۇ خۇسۇستا ئىنكاس يازغان جون پاينې ئىسىملىك بىر كىشى بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: «بۇ بايراق خىتاينى ناھايىتى ياخشى سۈرەتلەپ بەرگەن. خىتايلار بىر ۋىرۇستۇر، ئۇلار پۈتۈن دۇنياغا ئاستا-ئاستا يامرايدۇ ۋە ئۆز غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن جەمئىيەتنى يۇقۇملاندۇرىدۇ. غەرب ئەللىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇھىم تېخنولوگىيەلىرىنى خىتايغا سېتىپ بېرىپ، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئاللىقاچان ئۇنىڭغا بېقىنىدىغان مۈشكۈل ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قالدى. ئويغىنىش ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلمەكتە، ئەمما كەچ قالدى. خىتاي مەڭگۈ خىتايدۇر، ئۇلار بۇ دۇنيادىكى ئەڭ مىللەتچى خەقتۇر، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئەڭ ئىلغار نەسىل دەپ قارايدۇ. ھېچقانداق بىر ھۆكۈمەت ئۆز خەلقىنىڭ مىللىي ھېسسىياتىدىن خىتاي كەبى پايدىلىنىشنى بىلگەن ئەمەس. بۇ يەردىكى ۋە باشقا مۇنبەرلەردىكى ‹5 موچىلار› بۇنى ئىسپاتلىماقتا. مەن ۋېچاتنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقىنى ۋە غەربكە قانداق بىر ئىدىيەنى سىڭدۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. ئەمما سۆيۈملۈك خىتايلار، ئەگەر خىتاي دۆلىتى دېگىنىڭلاردەك ئۇ قەدەر ياخشى بولسا، سىلەرگە بۇ دۆلەتتە نېمە ئىش بار؟»

جون پاينې يەنە مۇنداق دەپ يازىدۇ: «ئەگەر بۇ ۋىرۇس تەيۋەنگە تارقالغان بولسا، سىلەر خىتاينى بايرام تەنتەنىسىگە چۆمدۈرۈپ قۇتلىغان بولاتتىڭلار، خۇددى ‹11-سېنتەبىر ۋەقەسى› نى قۇتلىغاندەك. ياكى مىليونلاپ جازا لاگېرلىرىغا سولانغان ۋە ئۆلتۈرۈلۈۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەمدە ئەركىنلىك ۋە دېموكراتىيە ئۈچۈن جانلىرىنى قۇربان قىلغان خوڭكوڭلۇقلارغا كۇفۇر سۆزلىگەندەك. ئەمدى بۇ كۈنلەر سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا كەلدى. مىشىلداپ يىغلاپ ھەر تەرەپتىن ياردەم تىلەۋاتىسىلەر. خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان ئاز سانلىق مىللەتلەر سىلەر ئۇچرىغان بۇ پالاكەتتىن ھەقىقەتەنمۇ خۇشالدۇر.»

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا «ۋۇخەن ۋىرۇسى» نىڭ پۈتۈن دۇنيادا بىر ۋەھىمە پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، غەرب ئاھالىسىدە خىتايلاردىن ئۈركۈش، سەسكىنىش كەيپىياتىنىڭ تېز ئۆرلەۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى. شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندىمۇ بۇ توغرىسىدا قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

«ۋۇخەن ۋىرۇسى» توغرىسىدىكى تاراتقۇلاردا تارقالغان ئىنكاسلارنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىي زاتلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى بۇ ھەقتە سورىغان سوئاللىرىمىزغا يازما شەكىلدە مۇنداق جاۋاب بەردى: «خىتاي ھاكىمىيىتى شەرقىي تۈركىستاننى بىر لاگېرغا ئايلاندۇرغان ئىدى، ئەمدى پۈتكۈل خىتاينىڭ ئۆزى بىر لاگېرغا ئايلاندى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلىگەن ئىدى، ئەمدىلىكتە پۈتۈن دۇنيادا خىتايلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكى چەكلەنمەكتە. خىتايلار ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى ئېغىر ھاقارەتلەرنى قىلغان ئىدى، ئەمدى بولسا دۇنيا جامائەتچىلىكى خىتايلارغا ھەر تۈرلۈك ھاقارەتلەرنى ياغدۇرماقتا. كۆپلىگەن دۆلەتلەردە خىتايلار كوچىلاردىلا ئاشكارا ھاقارەتلەنمەكتە. خىتايلار ئۇيغۇرلارنى چوشقا گۆشى يېيىشكە مەجبۇرلىغان ئىدى. ھازىر ئۆزلىرى يەيدىغانغا چوشقا گۆشى تاپالمايۋاتىدۇ. خىتايلار ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتكۈل دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرىنى چەكلىگەن ئىدى. ھازىر ئۆزلىرىنىڭ چاغان بايرىمىنىمۇ ئۆتكۈزەلمىدى. خىتايلار چەتئەللىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىگە يول قويمىغان ئىدى. ھازىر كۆپلىگەن دۆلەتلەر خىتاينىڭ كىرىشىنى مەنئى قىلدى. خىتاي ھۆكۈمىتى باشقىلارنىڭ يۈزلىرىگە ماسكا تاقاپ نامايىش قىلىشنى چەكلىگەن ئىدى. ھازىر ئۆزلىرى ماسكا تاقاپ يۈرمەكتە، ھەتتا تاقايدىغانغا ماسكا تاپالماي قىينالماقتا. ‹ئەلقىساسى مىنەلھەق› دېگەن مۇشۇ …»

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.