ۋاڭ داخاۋنىڭ ئۇيغۇرلار تېمىسىدىكى يازمىلىرىنىڭ ماھىيىتى ۋە ئىچ يۈزى ھەققىدە سۆھبەت

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2014.02.07

خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ داخاۋنىڭ «سۇمۇرغ» تورىدىكى شەخسىي بىلوگىدا ئېلان قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ھەققىدىكى يۈرۈشلۈك ماقالىلىرى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا جىددىي ئىنكاس قوزغىماقتا.

يېقىندا ۋاڭ داخاۋنىڭ بىر قىسىم ماقالىلىرى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ، ۋەتەن ئىچىدىكى تور بەتلىرىگە چاپلانغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. نۇرغۇنلىغان تور زىيارەتچىلىرى ۋاڭ داخاۋنىڭ سىياسىي تەشەببۇسلىرىغا جىددىي ئىنكاس بىلدۈرۈپ تەنقىد يازغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ داوخاۋ «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتايچە تور بەتلىرىدە ئاكتىپ ماقالە يېزىۋاتقان خىتاي زىيالىيسى. ئۇ ئەسلىدە «شىنجاڭ شەھەر گېزىتى» بىلەن «ئۈرۈمچى سەھەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى بولۇپ، يېقىندا «مەنپەئەت نەزەرىيىسى»، «بىرلىكە كېلىش ۋە بۆلۈنۈشنىڭ ئۆز - ئارا كۈچ سىنىشىشى» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇرغان. «5 - ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن «سۇمۇرغ» تورىدا «شىنجاڭدىكى مىللەتلەرگە نەزەر» ناملىق شەخسىي بىلوگ ئېچىپ، مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنىڭ مىللىي مۇناسىۋىتىنى يۇمشىتىش تېمىسىدا ماقالە ئېلان قىلىشقا باشلىغان.

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋاڭ داخاۋ خىتاي زىيالىيلار قاتلىمىدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلغۇچى ۋە ئۇيغۇرلارنى چۈشىنىشنى تەشەببۇس قىلغۇچى مۆتىدىل ئېقىمدىكى يازغۇچىدەك كۆرۈنسىمۇ، ماھىيەتتە ئۇنىڭ ماقالىلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى سىلىق ئۇسۇل بىلەن ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىپ ئېرىتىۋېتىش تەشەببۇسى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتىكەن.

ئۇنىڭ شەخسىي بىلوگىدا ئېلان قىلغان ۋەكىللىك ماقالىلىرىدە نۆۋەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي، دىنىي ۋە سىياسىي كىملىكىنى كۈچەيتىۋاتقان ئىچكىي ۋە تاشقىي ئامىللار مۇھاكىمىگە قويۇلغان. ۋاڭ داخاۋنىڭ ماقالىلىرىدە ئۇيغۇر خەلقىگە نىسبەتەن خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاش ۋە تىنچ ئۆتۈشنىڭ ئەڭ ئاقىلانە تاللاش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، ئۇيغۇرلاردا پۈتۈن مىللەت گەۋدىسى بىلەن جۇڭخۇا دۆلەتچىلىك ئېڭىنى شەكىللەندۈرۈشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن.

ئىلشات ھەسەن بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ پىكىر بايان قىلدى. ئۇ ۋاڭ داخاۋنىڭ «ئۇيغۇر قېرىندىشىم، ساڭا خەتەر يېقىنلاشتى»، «مېنى ئوق چىقىرىشقا مەجبۇرلىما!» قاتارلىق بىرقانچە ماقالىسى ھەققىدە مەخسۇس توختالدى. ئۇ، ۋاڭ داخاۋنىڭ ماقالىلىرىگە يوشۇرۇنغان سىياسىي ئىما ۋە تەشەببۇسلارنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.