ئانالىزچىلار: «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا ئەمەلدار ئالماشتۇرۇشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ يۇمشايدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ»

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.03.04
wang-junzheng-ccnews.gov.cn.jpg خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭ(سولدىن بىرىنچى) شەھەر-بازار لايىھىلەش پىلانى كۆرگەزمىسىدە. 2017-يىلى 27-سېنتەبىر، چاڭچۈن.
ccnews.gov.cn

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىشى مۇنازىرە تېمىسى بولماقتا. بەزى كۆزەتكۈچىلەر ئۇنىڭ بۇ يىل 2-ئايدا تۇيۇقسىز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ دائىمىي ئەزالىقىغا يۆتكەپ كېلىنىشىگە گۇمانىي قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ پات يېقىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئولتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

لېكىن خىتاينىڭ ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا ۋە خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» قاتارلىق گېزىتلەرنىڭ 26-27‏-فېۋرالدىكى سانىدا ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى جۇ خەيلۇننىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانلىقى خەۋەر قىلىندى. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ 25‏-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ ئومۇمى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان. ئەسلى بۇ ۋەزىپىنى ئۆتەۋاتقان جۇ خەيلۇن بولسا بۇ يىل 1‏-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا يۆتكەپ كېتىلگەن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ 1963-يىلى شەندۇڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 1981-يىلدىن 1985-يىلغىچە شەندۇڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى كەسپىدە ئوقۇغان. 1985-يىلدىن 1988-يىلغىچە خىتاي خەلق ئۇنىۋېرسىتېتىدا ماركسىزم نەزەرىيەسى بويىچە ماگىستىرلىقتا ئوقۇغان. ئۇ بىر مەزگىل ئاساسىي قاتلامدىكى ئىدارىلەردە ئىشلىگەندىن كېيىن، 1993-يىلدىن تاكى 2012-يىلى 9-ئايغا قەدەر بولغان ئاز كەم 20 يىل جەريانىدا كۆپ مىللەت ئارىلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يۈننەن ئۆلكىسىدە ئۆلكىلىك پارتكوم ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، لىجىياڭ شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى بولۇپ ئىشلىگەن. 2012-يىلدىن 2016-يىلغا قەدەر خۇبېي ئۆلكىسىدە مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان. 2016-يىلى 1-ئايدىن 2019-يىلى 2-ئايغا قەدەر جىلىن ئۆلكىسىنىڭ مۇئاۋىن ئۆلكە باشلىقى، چاڭچۈن شەھىرىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى قاتارلىق ۋەزىپىلەردە بولغان ئىكەن.

چەتئەللەردىكى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىدىن «بېيجىڭ باھارى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، ئوبزورچى خۇ پىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، «ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىنى قوغداپ قېلىش» خىتايدا داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىلەرنىڭ بىرى ئىكەن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى سىياسىتىنى سادىقلىق بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان، ھەتتا تەلەپتىن ئاشۇرۇپ ئىجرا قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇنگە ئوخشاش ئەمەلدارلارنى ۋاقتى كەلگەندە يۆتكىۋېتىش ئارقىلىق ئۆز ھاكىمىيىتىگە كېلىدىغان بېسىمنى ئازايتىشى تامامەن مۇمكىن ئىكەن.

ئەمما خۇ پىڭ ئەپەندى نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تەيىنلىگەن پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ يەنىلا ئۆز ۋەزىپىسىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ھەتتا ئۇنىڭ رايوندا ئىجرا قىلىۋاتقان مىليونلىغان ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماش قىلمىشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر شارائىتتىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇنىڭغا قارىتا تەقدىرلەش پوزىتسىيەسىدە بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى 2-نومۇرلۇق ئەمەلدارى جۇ خەيلۇننىڭ ئورنىغا ۋاڭ جۈنجېڭنى تەيىنلىنىشىنىڭ ھەرگىزمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى سىياسىتىدە يۇمشاش بولۇشىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، جۇ خەيلۇن 2 مىليوندەك ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىلىشى ۋە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇشىدا ئاساسلىق جاۋابكارلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرى ئىكەن. يېقىندىن بۇيان مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن لاگېرلار مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن شىركەتلىرىنى «يەر شارى ماگنىتېسكىي قانۇنى» بويىچە جازالىشىنى، ئۇلارغا ئېمبارگو قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى 2018-يىلى پرېزىدېنت ترامپقا خەت يېزىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى چېن چۈەنگو، جۇ خەيلۇن، شى داگاڭ ۋە شۆھرەت زاكىر قاتارلىق خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «ماگنېتىسكىي قانۇنى» بويىچە جازالاشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جۇ خەيلۇننى سىياسى-قانۇن سېپىدىن يىراقلاشتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ۋاڭ جۈنجېڭنى يۆتكەپ كېلىشى ئۇنى خەلقئارانىڭ كۆزىدىن يىراق تۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ۋاڭ جۈنجېڭ 2019-يىلى 2-ئايدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىپ، جۇ خەيلۇننىڭ ئورنىغا سىياسىي-قانۇن كومىتېتىنىڭ سېكرېتارى ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن كېيىن، 25-فېۋرال كۈنى ئاچقان تۇنجى يىغىندا «پارتىيەنىڭ سىياسىي-قانۇن سېپىدىكى مۇتلەق رەھبەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش» نى تەكىتلىگەن ئىكەن.

زۇبەيرە خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قانخور ئەمەلدار دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان جۇ خەيلۇننىڭ ئورنىغا ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ يۆتكەپ كېلىنىشى سەۋەبلىك ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەتنىڭ يۇمشىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتە ئۈمىدۋار قاراشتا ئەمەسلىكىنى ئىپادىلەپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى مىللەتلەر سىياسىتى سەۋەبلىك خەلقئارادا ۋە دۆلەت ئىچىدە بېسىمغا دۇچ كەلگىنىدە دائىم ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى مۇقىم تۇتۇپ تۇرۇشقا ۋە خەلقنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا ئۇرۇنىدۇ،» دېدى.

ئۇ يەنە خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى بېسىۋالغاندىن بۇيانقى تارىخىدا گەرچە بىرقانچە قېتىم ئەمەلدار ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەركىزى ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق كەيپىياتىنى بېسىشقا ئۇرۇنغان ۋە جاۋابكارلىقتىن قاچقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، ھازىرمۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتىدە يۇمشاشنىڭ بولۇشى ياكى مەلۇم بۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.