جامائەت ئەربابى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى: خىتاي ھەققانىيەتچىلىككە زەربە بېرىشتە ئەسەبىيلىشىۋاتىدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا سىياسىي، قانۇنىي ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە تۈرلۈك زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ.

ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ ۋەزىيەتنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر جامائەت ئەربابلىرىدىن بىرى ۋە سىياسىي كۆزەتكۈچى ئابدۇلئەزىز ئەپەندى، بۈگۈن بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش نامى ئاستىدا، ئەمەلىيەتتە ھەققانىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى ئۆزىنىڭ مىللىي ۋە دىنىي مەسئۇلىيىتىنى تونۇغان ۋە ھەقسىزلىققا ئىسيان كۆتۈرگەن ياشلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرلىكتە، خىتاينىڭ ھەققانىيەتچىلىككە قارشى تۇرۇش داۋامىدا ئەسەبىيلەشكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.