خىتاي «قورقۇنچلۇق» مۇ ياكى «قورقۇنچاق» مۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.12.07
toqquzaq-birinji-ottura-mektep.jpg ياتاق بىناسى تەربىيەلەش مەركىزىگە ئايلاندۇرۇلغان توققۇزاق بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ. 2017-يىلى، سېنتەبىر.
RFA/Abduweli Ayup

يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇ ۋە ۋاتسئاپ توپلىرىدا ئىستانبۇلدا ياشايدىغان ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى جاسارەتكە ئۈندىگەن سىن نۇتقى تارقىلىپ يۈرمەكتە. سىندا ئۇلارنىڭ «خىتاي بىزنىڭ روھىمىزنى ئېلىپ قالمىدى، روھىمىز بىز بىلەن بىللە، ئۇنداق قورقۇنچاق بولۇپ كەتمەڭلار، ھاياتنى مۇنداق قەدىرسىز ئۆتكۈزمەڭلار، ئۆزۈڭلارنى ئۆزۈڭلار قورقۇتۇپ روھۇڭلارنى چۈشۈرمەڭلار،» دېگەن سۆزى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغانلىقى مەلۇم.

سىنغا قارىغاندا، بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئايال نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان كۈلپەتلەرنى تۈركىيەدىكى چوڭ پارتىيەلەردىن مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئەنقەرەدىكى باش شتابىغا دوكلات قىلغان. بۇ ئىككى ئۇيغۇر ئايالنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە بولۇۋاتقان زۇلۇم ۋە تۈركىيەدە ئۇچراۋاتقان مۈشكۈللەرنى ئۆزى مەلۇم قىلىپ ۋە بۇ جەرياننى ئاشكارا تارقىتىپ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ ھەرىكەتكە ئۈندىشى تورلاردا قايىللىق قوزغاۋاتقانلىقى كۆرۈلمەكتە. سىندا بۇ ئىككىيلەن ئۆزلىرى ھەرىكەتكە چاقىرىق قىلىپ قوللاشقا ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى قورقۇنچاقلىقتا تەنقىد قىلىدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ئوخشاش دېموكراتىك ئەللەردىمۇ ياشاپ تۇرۇپمۇ ئەركىن پىكىرگە كۆنەلمەسلىكى، قورقماي ئۆز ئەھۋالىنى تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە دېيىشتىن چېكىنىشى، ھەتتا ھۆكۈمەت ھەل قىلىدىغان ھەقلىق تەلەپلەرنىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن قورققاندەك ئەنسىرەپ دېيەلمەسلىكى، ئۆز-ئارا نورمال ئالاقىدىنمۇ خىتاي بىلىپ قالىدۇ، دەپ ئەندىشە قىلىشى ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئىزچىل دىققەت قىلىپ كەلگەن مەسىلە ئىكەن. ئۇ بۇلارنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ قارىشىچە، بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى قورقۇنچ بىلىمسىزلىك سەۋەبىدىن ئىكەن. كىشىلەر تارىخنىڭ ئۆزگىرىدىغانلىقى، تاجاۋۇزنىڭ مەڭگۈلۈك بولمايدىغانلىقى، جاھان تارىخىدا مۇستەملىكىچىلىكنىڭ ئارقا-ئارقىدىن يىقىلىپ ۋەيران بولغانلىقى دېگەنگە ئوخشاش تارىخى بىلىملەردىن بىخەۋەرلىكى ئۇلاردا قورقۇنچنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن ئامىللاردىن ئىكەن. خىتاينىڭ قالاق قالدۇرۇشى سەۋەبلىك بىرقىسىملاردىكى ۋەزىيەتنى توغرا چۈشەنگىدەك تەپەككۇر ئىقتىدارى، سىياسىي ھادىسىلەرنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلغۇدەك ساۋاتنىڭ كەم بولغانلىقى كىشىلەرنىڭ قورقۇشىغا سەۋەب بولىدىكەن. ئۇندىن باشقا مۇستەملىكە ھالەتنىڭ ئۇزۇن داۋام قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ھازىرقى زامان تارىخىدىكى توختىماي يۈز بەرگەن قانلىق ئىنقىلاپلارمۇ كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنى مەڭگۈلۈك سۈپەتتە زاھىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

كانادادا ياشاۋاتقان سىياسىي پائالىيەتچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان بىر قىسىم ئۇيغۇرلاردىكى خىتاي قورقۇنچىنى ئۇلار بۇرۇن ۋەتەندە باشتىن كەچۈرگەن قورقۇنچلۇق ئەسلىمىسى ۋە ھازىر قېرىنداشلىرى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز زۇلۇمنىڭ ئىنكاسى دەپ قارايدۇ. 

مۇھاجىرەتتىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتسىمۇ، ھەتتا شۇ ئەللەرنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتكەندىن كېيىنمۇ بۇ قەدەر ئالاقزادە قىلىۋەتكەن خىتاي ۋەھىمىسى زادى قانداق مەسىلە؟ بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدە خىتاي قورقۇنچىنى بۇ قەدەر كۈچەيتىۋەتكەن سەۋەبلەر نېمە؟ خىتاي زادى قورقۇنچلۇقمۇ ياكى قورقۇنچاقمۇ دېگەن سوئالىمىزغا ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوكتور مەمەت ئېمىن ئەپەندى قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دوكتور مەمەت ئېمىننىڭ قارىشىچە، خىتاي گەرچە بېيىغان بولسىمۇ، ئەمما قورقۇنچلۇق ئەمەس بەلكى قورقۇنچاق ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى مەۋجۇتلۇقىنى تەھدىت ئىچىدە ھېس قىلغانلىقى ئۈچۈن تاشقى جەھەتتە ئاجىز، مۇستەبىت ۋە كىچىك دۆلەتلەرنى سېتىۋېلىپ ئۆزىگە جامائەت پىكرى توپلىسا، ئىچكى جەھەتتىن ئۆكتىچىلەرنى، دېموكراتچىلار، دىنى گۇرۇپپىلارنى، شۇنداقلا ھۆرلۈك تەلەپ قىلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنى شەپقەتسىز باستۇرىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.