مۇتەخەسسىسلەر: خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىنى توقۇمىچىلىق سانائەت مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش پىلانى زور تەۋەككۈلچىلىك

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2016-01-13
Share
Uyghur-Paxta-305 ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﭘﺎﺧﺘﺎ ﺗﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
AFP Photo

خىتاينىڭ پىلانى ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدا ئاقسۇنى، شىمالىدا شىخەنزىنى مەركەز قىلىپ، رايوندا 2 چوڭ توقۇمىچىلىق سانائەت بەلۋېغى قۇرۇپ چىقىشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلاردىكى خىتاي توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئۇلارغا باج كەچۈرۈم قىلىش، بىكارلىق يەر بېرىش، تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرز بېرىش، ئەرزان باھالىق ئېلېكتر توكى بىلەن تەمىنلەش قاتارلىق سىياسەتلەرنى چىقارغان.

خىتاي دۆلەت كابىنېتى ئۆتكەن يىلى يازدا ئېلان قىلغان توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدىكى دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىغا كۈچكەن توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىغا دۆلەت بانكىلىرىنىڭ ياردەمنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئەمما، رويتېرس ئاگېنتلىقى سەيشەنبە كۈنى بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۇزۇن ھەجىملىك بىر خەۋەر ئانالىزى ئېلان قىلىپ، توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدەك خىتاي پاختا مەھسۇلاتىنىڭ 60 % نى ئىگىلەيدىغان پاختا بازىسىدا فابرىكا ئېچىشى ئۇلارغا زور قۇلايلىق ياراتسىمۇ، ئەمما بۇ پىلان يەنىلا زور خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، مەزكۇر پىلان دۇچ كېلىۋاتقان خىرىس-رايوندا سۇنىڭ كەمچىللىكى، مەينەت سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەلىرىنىڭ يېتەرسىزلىكى، قاتناش ترانسپورت مەسىلىسى، رايوننىڭ خەلقئارا بازارغا يىراقلىقى قاتارلىق ئامىللاركەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم، بۇ پىلان «رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ» دەپ قارايدىغان مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى. ئۇ: «بۇ قۇرۇلۇش دۇچ كېلىدىغان ئەڭ زور قىيىنچىلىق سۇ مەسىلىسى» دەيدۇ.

خې چىڭليەن: «توقۇمىچىلىق ئىگىلىكى ئېھتىياجلىق بولغان نەرسە نوقۇل خام ئەشيا ئەمەس. ئۇ يەنە بىر نەرسىگە ئېھتىياجلىق يەنى سۇغا ئېھتىياجلىق. شىنجاڭ سۇ كەمچىل رايون. يېقىنقى 3 يىلدا ئۇنىڭدىكى نەچچە ئون دەريا-ئېقىن قۇرۇپ كەتتى. ئۇلار بۇ توقۇمىچىلىق قۇرۇلۇشىنى قەيەردىكى سۇ بىلەن ئېلىپ بارىدۇ؟ توقۇمىچىلىق ئۈچۈن سۇ بولمىسا بولمايدۇ. ئۇلار سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك.» دېدى.

ئۇ يەنە، توقۇمىچىلىق سانائىتى خىتاي ئۆلكىلىرىدە زاماندىن قالغان ئىگىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر رايونىنى توقۇمىچىلىق سانائەت بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى «ياخشى پىلان دەپ قارىمايمەن» دېدى.

خې چىڭليەن: «توقۇمىچىلىق ئىگىلىكى ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى شاڭخەي ۋە بۇرۇنقى جياڭزې رايونلىرىدا زاماندىن قالغان ئىگىلىك. بۇنى ئۇ رايونغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىش مەسىلە ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭغا قەيەردىكى سۇنى ئىشلىتىدۇ؟ شۇڭا، مەن بۇ پىلان رېئاللىققا ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، دەپ قارايمەن. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسلىھە شارائىتى يىتەرسىز. بۇ ئەھۋالدا توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئۇ رايونغا يۆتكەش رېئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس. شۇڭا، مەن ئۇ ياخشى پىلان، دەپ قارىمايمەن» دەپ ئەسكەرتتى.

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە مەزكۇر پىلان ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك چارىسى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر ئانالىزىدا بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ پىلانى 2023-يىلغا قەدەر ئۇيغۇر رايونىدا بىر مىليون كىشىگە توقۇمىچىلىق كارخانىلىرىدا ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىشكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈز بەرگەن مۇقىمسىزلىقنى ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىگە باغلاپ كەلگەن. ئۇ 2014‏-يىلى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، «بىز ئىشقا ئورۇنلىشىشنى رايوندا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىكنى ساقلاشتىكى ساقلاشتىكى مۇھىم ھالقا سۈپىتىدە تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك» دەپ تەكىتلىگەن ئىدى.

ئەمما ئامېرىكا جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك ئوقۇتقۇچىسى ۋە ئىقتىسادىي پەنلەر دوكتور كاندىداتى پەرھات بىلگىنىنىڭ قارىشىچە، ئىشسىزلىق ئۇيغۇرلاردىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلە، ئەمما بۇ پىلاننىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىقنى ھەل قىلىش ئەمەس. ئۇ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت ئىشسىزلىق مەسىلىسىدە ئۇيغۇرلارنى كۆزلىمىگەن بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى بۇ ئىقتىسادى ئىستراتېگىيەسىدە مەقسىتى شۇ يەردىكى خام ئەشيادىن پايدىلىنىپ، شۇنى پىششىقلاپ ئىشلەشنى كۈچەيتىپ، شۇ يەردە بىر سانائەت بەلۋېغى پەيدا قىلىش، شۇ ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ داۋاملىق شۇ يەردە تۇرۇشىغا شارائىت ھازىرلاش. چۈنكى، ھازىر خىتاينىڭ نوپۇس قۇرۇلمىسىدا ئۆزگىرىش بار، 2012‏-يىلدىن باشلاپ ئەمگەك كۈچىنىڭ ئازىيىشى كېلىپ چىقتى. بۇنداق كېتىۋەرسە، ئىچكىرىدە ئەمگەك كۆچىگە بولغان ئېھتىياج ئاشىدۇ.

ئاشقاندىن كېيىن ئۇ يەردىكى شەھەرلىشىمەن، دەيدىغان بىڭتۈەندىكى خىتايلار ياكى يېڭى چىققان خىتايلار بەلكىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىدا تۇرماسلىقى مۇمكىن. ئۇلارنى تۇرغۇزۇش ئۈچۈن بىر سانائەت بازىسى بولۇشى كېرەك. بۇرۇنقىدەك ئۇنداق دېھقاننى ئەكېلىپ دېھقانچىلىق قىل دېسە، ئۇنىمايدۇ ئۇلار.

خىتاي ھازىر دېھقان بولۇپ كۆچمەيدۇ، ئۇلار شەھەرگە كۆچۈۋاتىدۇ. شەھەرگە كۆچۈش ئۈچۈن بىر سانائەت بولۇشى كېرەك. ئەمدى ھازىر ئەڭ ئەۋزەل شارائىتى بولغان سانائەتنىڭ بىرى شۇ توقۇمىچىلىق.»

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزىدا كۆرسىتىشىچە، ھازىر خىتاينىڭ بىر قىسىم چوڭ توقۇمىچىلىق كارخانىلىرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاقسۇ، شىخەنزە قاتارلىق رايونلىرىغا ئورۇنلىشىپ فابرىكا ئاچقان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ كۆڭلەك ئىشلەپچىقىرىش شىركىتى - ياڭگېر، يىپ ئېگىرىش شىركىتى-خۇافۇ ۋە تېخۇڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھى قاتارلىق كارخانىلار بار.

ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى خۇافۇ شىركىتى 5 مىليارد سوم مەبلەغ سېلىپ، ئاقسۇدا فابرىكا قۇرغان. تېخوڭ توقۇمىچىلىق گۇرۇھىنىڭ پىلانى -بىر مىليون ئۇرچۇقلۇق فابرىكا قۇرۇشكەن.

رويتېرسنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ھازىر ياڭگېر شىركىتىنىڭ ئاقسۇدا 520 كىشىلىك فابرىكىسى بار بولۇپ، فابرىكا ئىشچىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپى ئۇيغۇرلاركەن.

مەزكۇر فابرىكىنىڭ دىرېكتورى شۈ جىۋۇ رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بەرگەن مەلۇماتىدا، «شىنجاڭدىكى يېزىلاردىن فابرىكىدا ئىشلەشكە كېلىۋاتقان نۇرغۇن كىشى بار» دېگەن.

ئويتېرس ئاگېنتلىقى، ئىشچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئايلىق ئىش ھەققىنىڭ 3000 سومدىن ئايلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭ رايوندىكى نۇرغۇن دېھقان ئەمگەك كۈچلىرىنى جەلپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئەمما جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پەرھات بىلگىن خىتاي توقۇمىچىلىق سانائىتىنى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ چىقىش قۇرۇلۇشى، خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك شەھەرلىشىش ئىستراتېگىيەلىك پىلانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ھازىر خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق ساھەسىدىكى رىقابەت كۈچى ئاجىزلاپ كېتىۋاتىدۇ، چۈنكى ئادەم كۈچى قىممەت. بۇ كۆپ ئادەم تەلەپ قىلىدىغان سانائەت بولغاچقا، بۇنىڭ بايام دېگەندەك ئىككى باسقۇچى بار.

بىرى، رەخت توقۇيدىغان باسقۇچى. يەنە بىرى، كىيىم توقۇيدىغان باسقۇچى. كىيىم توقۇيدىغان باسقۇچىغا ناھايىتى كۆپ ئادەم كېرەك ھەم بازارغا بەك يېقىن بولۇشى كېرەك. بولمىسا، قاتناشنىڭ ئۇزۇن بولۇشى تەننەرخىنى ئۆستۈرۈۋېتىدۇ. شۇڭا بەلكىم خىتاي ئۇ قىسمىنى يەنى كىيىم توقۇيدىغان قىسمىنى يۆتكىمەسلىكى مۇمكىن. يۆتكەيدىغان قىسمى خام ئەشياغا ئەڭ يېقىن بولغان قىسمى. مەسىلەن، بۇرۇن پاختىنى يۆتكەپ ئەكېتىپ ئۆزىنىڭ ئۆلكىلىرىدە يىپقا ياكى رەختكە ئايلاندۇرۇپ، شۇنىڭدىن كىيىم ئىشلەيتتى.

بەلكىم شۇ پاختىنى يۆتكىگەننىڭ ئورنىغا پاختىنى ئۆزىنىڭ ئورنىدا پىششىقلاپ ئىشلەپ، مەسىلەن، شىخەنزىدە ۋە ئاقسۇدا، ئۇنى يىپ ياكى رەختكە ئايلاندۇرۇپ، ئېلىپ كېتىش. ئەمدى ئۇنى يۆتكىگەندە سانائەتنىڭ ھەممىسىنى يۆتكىمەيدۇ، بىر قىسمىنى يۆتكەيدۇ، ھەممىنى يۆتكەپ كەلسە، بۇ بەك چوڭ سانائەت ئۇ.

ئۇ يەرگىمۇ ئۇنچىلىك چوڭ سانائەت پاتمايدۇ. مېنىڭ ئويلىغىنىمدا، بۇ ئەمدى ئىقتىسادتىكى خىتاينىڭ ئومۇميۈزلۈك سانائەتلىشىش، شەھەرلىشىشكە ماسلاشتۇرۇپ قىلىۋاتقان ئىستراتېگىيەسى بۇ.» دەپ كۆرسەتتى.

ئىقتىسادشۇناس خې چىڭليەن خانىم بولسا، بۇ خىل زاۋۇت-فابرىكىلار زور مىقداردا زەھەرلىك گاز ۋە مەينەت سۇ قويۇپ بېرىپ، رايوندا مۇھىتى ۋەيرانچىلىقىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، رايوندا سۇ ۋە زاۋۇت-فابرىكىلار قويۇپ بەرگەن مەينەت سۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئەسلىھەسى كەمچىل. ئۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ سۇ ۋە مەينەت سۇنى بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇنى ھەل قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانى ناھايىتى قىممەتكە توختايدۇ. خې چىڭليەن، «شىنجاڭ مەسىلىسى بۇنداق ھەل بولمايدۇ» دېدى.

خې چىڭليەن مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: «بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىنىڭ تەننەرخى بەك ئېغىر بولىدۇ. سىز ئويلاپ بېقىڭ، يىراق يەردىن سۇ ئەكەلسىڭىز، ئۇنى قانداق ئەكېلىسىز. ئۇنىڭدىن شۇ پۇلنى شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۆزىگە خەجلىسىڭىز ياخشىغۇ؟ سىزنىڭ سۇ ئاپىرىشىڭىز بىر گەپ. ئۇنىڭدىن باشقا توقۇمىچىلىق سانائىتى ناھايىتى كۆپ مەينەت سۇ قويۇپ بېرىدۇ. مەينەت سۇنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش يەنە بىر ئېغىر مەسىلە. شىنجاڭدا مۇھىت بۇلغىنىشى بۇرۇن ئۇنچىلىك ئېغىر ئەمەس ئىدى. ئەگەر توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرى ئۇ يەرگە توشۇپ ئاپىرىلسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قويۇپ بەرگەن مەينەت سۇ ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمىسا، بۇ تېخىمۇ ئېغىر مەسىلە پەيدا قىلمامدۇ؟ مەن بۇنى بىر ھەل قىلىش چارىسى، دەپ قارىمايمەن. شىنجاڭ مەسىلىسىنى بۇنداق ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.»

توقۇمىچىلىق فابرىكىلىرىنىڭ توقۇپ چىقىلغان گەزمالنى بوياش، ئاقارتىش، يۇيۇش جەريانىغا ناھايىتى كۆپ سۇ تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن دۇنيا بايلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا،ئاقسۇ سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى«يۇقىرى دەرىجىدە خەتەرلىك رايونلارنىڭ بىرى» دەپ بېكىتىلگەن.

رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ توقۇمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇش پىلانىدىكى كورلا ۋە شىخەنزە قاتارلىق شەھەرلەر دۇنيا بايلىق ئىنستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا، ئوخشاشلا سۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالى «پەۋقۇلئاددە ئېغىر» دەپ بېكىتىلگەن شەھەرلەر ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت