رېيتېر ئاگېنتلىقى: خىتايدىكى سىرلىق مىليونىرنىڭ نىكاراگۇئا ۋە ئۇكرائىنادىكى تىجارىتى
2014.05.30
خىتاي رەھبەرلىرىدىن جۇ يۈڭكاڭ ئىقتىسادىي مەسىلە سەۋەبىدىن تەكشۈرۈلۈشكە باشلىغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان خىتايدىكى مىليونىرلارنىڭ سىرلىق بېيىش يوللىرى مەتبۇئاتلاردا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن يەنە بىر قىسىملىرى يەنىلا سىر ئىچىدە تۇرماقتا. مانا بۇلاردىن بىرى، خىتايدا ئادەتتىكى مىليونىر ھېسابلىنىدىغان، ئەمما تولىمۇ سىرلىق بولغان 41 ياشلىق ۋاڭ جىڭ بولۇپ، يېقىندا ريېتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى ئۇنىڭ بىلەن تور ئارقىلىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان.
ياپونىيەدە چىقىدىغان «جاپان تايمېس گېزىتى» دە يېقىندا ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق مۇخبىرى تور ئارىلىق خىتايدىكى سىرلىق مىليونىر ۋاڭ جىڭنى زىيارەت قىلىپ، ئۇ ھەقتە دەسلەپكى بەزى بىر ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغان.
ماقالىنىڭ بېشىدا، ۋاڭ جىڭنىڭ خىتايدىكى سىرلىق مىليونىرلاردىن بىرى ھېسابلىنىدىغانلىقى، ئۇنىڭ ھازىر لاتىن ئامېرىكىسىدىكى زېمىنى چوڭ بولغان شۇنداقلا دېڭىز ساھىلى تىنچ ئوكيان بىلەن ئاتلانتىك ئوكيانغا سوزۇلغان نىكاراگۇئا دۆلىتىدە ئىككى ئوكياننى تۇتاشتۇرىدىغان قانال قۇرۇلۇشىغا 50 مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىپ، بۇ قۇرۇلۇشنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى، قانال قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ بېيجىڭ ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئەمەس، بەلكى ئۆز شىركىتى نامىدىن سېلىنغان مەبلەغلىقىنى مۇخبىرغا بىلدۈرگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
مۇخبىرنىڭ توردىكى زىيارىتىگە جاۋاب بەرگەن مىليونىر ۋاڭ جىڭ بۇ قانال قۇرۇلۇشى تىجارىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن:
- سىز بەلكىم مېنىڭ سۆزۈمگە ئىشەنمەسلىڭىز مۇمكىن. مەن بۇ قۇرۇلۇش تىجارىتىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈنلا يۈز مىليون دوللارنى ئاجراتتىم. بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر ئايدا 10 مىليون دوللارنى خەجلىشىمگە توغرا كەلدى.
مۇخبىر ۋاڭ جىڭنىڭ يۇقىرىقى ئېيتقانلىرى ھەققىدە توختىلىپ «خىتايدا كۆپلىگەن مىليونىرلار ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ يەر ئاستىدىن ياردەم قىلىشىغا ئېرىشىدۇ - يۇ؟! ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ۋاڭ جىڭ بۇنداق يوشۇرۇن ياردەملەردىن قۇرۇق قالىدۇ؟» دېگەن.
مىليونىر ۋاڭ جىڭنىڭ مۇخبىرغا تور ئارقىلىق بەرگەن جاۋابىدا ئۇ، تۆت يىل ئىلگىرى خىتايدا قۇرۇلغان مەملىكەتلىك سىمسىز ئالاقىلىشىش شىركىتىنىڭ خوجايىنى بولغاندا، ئۇنى ھازىرقى خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ، خىتاينىڭ باش مىنىستىرى لى كېچياڭ، سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن، سابىق باش مىنىستىر ۋېن جاباۋ قاتارلىقلار زىيارەت قىلغان.
خىتاي مىليونىرى ۋاڭ جىڭنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ قارا دېڭىز پورتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قۇرۇلۇش لاھىيىسىگىمۇ ئۈچ مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى تور ئارقىلىق قوبۇل قىلغان 41 ياشلىق ۋاڭ جىڭ بېيجىڭدىكى «شىنۋېي ئۇچۇر ئالاقە مەركىزى» باش شىتابىدىن مۇخبىرغا يوللىغان ئۇچۇرىدا، ئۇ، شىركىتىنىڭ پاي چەكى بازىرىغا سالغان چېكى ھازىر ئالدىنقى قاتاردا سېتىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مۇخبىر خىتاينىڭ پاي چېكى بازىرىدا يۇقىرى رەقەمدە سېتىلىۋاتقان بۇ شىركەت چېكىنىڭ گۇمانلىق بولۇشى بىلەن بىرگە، بۇ مىليونىرنىڭ ئارقا تىرىكىنىڭمۇ ناھايىتى سىرلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مىليونىر ۋاڭ جىڭ زىيارەت جەريانىدا، ئۆزىنىڭ 1972 - يىلى دېكابىر ئېيىدا ئادەتتىكى بىر ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەنلىكىنى، نىكاراگۇئا پرېزىدېنتى بىلەن 1 - ئايدا ئۇچرىشىپ بۇ قانال قۇرۇلۇشى توغرىسىدا ئۆز - ئارا كېلىشكەنلىكىنى ئېيتقان. ۋاڭنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نىكاراگۇئادا يېڭىدىن ياسىلىدىغان قانال ھازىرقى پاناما قانىلىدىن ئۇزۇن ھەم كەڭ بولىدىكەن.
مۇخبىرنىڭ قارىشىچە، بۇ قانال قۇرۇلۇش تۈرى بىر قاراشتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا ئامېرىكا رايونىدىكى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەرىكىتىدەك كۆرۈنىدىكەن.
ۋاشىنگتوندىكى دۆلەت مۇداپىئە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئېۋا بۇ ھەقتە توختىلىپ «ۋاڭنىڭ ھەرىكىتىنى تەسەۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمىسىز ئىش ئېلىپ بارارمۇ؟ خىتايدىكى بۇنداق چوڭ شىركەت پاراشۇت بىلەن تۇيۇقسىزلا لاتىن ئامېرىكىسىغا سەكرەمۇ؟» دېگەن. ئېۋا، بەلكىم لاتىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، يەرلىك شىركەتلەر خام ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىدىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىك بۇ قانال قۇرۇلۇشى تىجارەت تۈرىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىشى مۇمكىن، دەپ قارايدىكەن.
مىليونىر ۋاڭ تور سۆھبىتىدە يەنە، ئۆزىنىڭ 2012 - يىل شياڭگاڭدا نىكاراگۇئا تەرەققىيات مەبلەغ شىركىتىنى قۇرغانلىقىنى، شىركەت ئىشخانىسىنىڭ يېقىندا ئېچىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. نىكاراگۇئادىكى ھۆكۈمەتكە قارشى سىياسەتچىلەر ھازىر مىليونىر ۋاڭنىڭ قانال قىزىش قۇرۇلۇش لاھىيىسگە قارشى چىقىپ، بۇ قۇرۇلۇش تەبىئىي مۇھىتنى ۋە تەبىئىي سۇ بايلىقى بولغان نىكۇراگۇئا كۆلىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىغان. ئەمما ۋاڭ، خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق مۇتەخەسسىسلەردىن بىر قانچىنى نىكۇراگۇئاغا باشلاپ بېرىپ تەبىئىي مۇھىت ۋە جەمئىيەت ھەققىدە دوكلات سۆزلەتكەن.
نىكۇراگۇئا ھۆكۈمىتى دائىرىلىرىنىڭ قانال ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارلىرىدىن كورونېل كائۇتز مۇخبىرغا، ھازىر قانال قۇرۇلۇشىدا 400 دىن ئوشۇق ئىنجېنېر ئوخشىمىغان دۆلەتلەردىن كېلىپ بىرلىكتە قانال قۇرۇلۇشى لاھىيىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما مىليونىر ۋاڭنىڭ مۇخبىرغا بىلدۈرۈشىچە، 600 - 700 كىشى ھازىر بۇ قۇرۇلۇش خىزمىتىنى ئىشلەۋاتقان ئىكەن.
ۋاڭ ھازىرچە ئۆزىنىڭ شەخسىي پۇلىدىن 300 مىليون دوللار ھەجلىگەن بولۇپ، بۇ قۇرۇلۇشقا ئۇنىڭ بانكىدىن ئالغان ۋە قەرزگە ئالغان پۇلىدىن 50 مىليارد دوللار كېتىدىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر خىتايدىكى بەش خەلقئارالىق شىركەت بۇ قۇرۇلۇشقا مەبلەغ سېلىشقا قوشۇلغان بولۇپ، خىتايدىكى چوڭ قۇرۇلۇش شىركىتى ھېسابلىنىدىغان «شۇگوڭ شىركىتى» بۇ يىلى 23 - ئاپرېل ئۆزىدىكى بەزى ئەسلىھەلەرنى قانال قۇرۇلۇشىغا ئىشلىتىپ، بۇنى مەبلەغ تەرىقىسىدە ھېسابلاپ پايدا ئېلىشقا پۈتۈشكەن. ئۇندىن باشقا تۆمۈر يول قۇرۇلۇش شىركىتىمۇ ئۆز - ئارا ھەمكارلىشىشقا قوشۇلغان.
ئۇندىن باشقا ۋاڭ يەنە، ئۆزىنىڭ 3 مىليارد دوللارنى ئۇكرائىنادىكى قارا دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سالغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋىكتور يانۇكوۋيچ بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ۋاڭ ئۇكرائىنادا بۇ دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشىدا ئىشلەۋاتقان ئىشچىلارنىڭ بۇ يىل 20 - فېۋرالدا ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن سىياسىي قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن ئۇكرائىنا قانۇن دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆز دۆلەتلىرىگە قايتىشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا ۋەزىيىتىنىڭ تىنچلىنىپ ئەسلىگە كېلىشىدىن ئۈمىدىنىڭ زورلۇقىنى، ئۇكرائىنادىكى سىياسىي كرىزىس بېسىققاندا ئاندىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇ يەردىكى قارا دېڭىز پورتى قۇرۇلۇشىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
زىيارەت داۋامىدا ۋاڭ يەنە، ئۆزىنىڭ كامبودژادا دېھقانچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش گۇرۇپىسى قۇرۇپ ئۇ يەردىمۇ تىجارەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ بىلدۈرگەن.
ۋاڭ، ئائىلىسىنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدە توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ دادىسىنىڭ ئادەتتىكى خىزمەتچى ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ 2010 - يىلى 11 يىللىق كېسەل ئازابىدىن كېيىن ۋاپات بولغانلىقىنى، ئانىسىنىڭ ھازىر يەتمىش ياشقا كىرگەنلىكىنى، ئۆزىنىڭ بولسا بىر قىزىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ، ئۆزىنىڭ ئوقۇش تارىخى ھەققىدە توختىلىپ، ئىلگىرى جياڭشى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەنئەنىۋىي خىتاي دورىگەرلىك كەسپىدە ئوقۇغانلىقىنى، ئەمما ئوقۇشنى تۈگەتمەستىنلا مەكتەپتىن چىقىۋېلىپ بېيجىڭدا سالامەتلىكنى ئۆزگەرتىش ۋە مەدەنىيەت مەكتىپىنى قۇرغانلىقىنى، كېيىن شياڭگاڭغا بېرىپ بىر مەزگىل خەلقئارا تىجارەت كەسپىدە بىلىم ئاشۇرۇپ 1998 - يىلى بېيجىڭغا قايتىپ كېلىپ «دىڭفۇ مەبلەغ سېلىش مەسلىھەت شىركىتى» نى ۋە 2001 - يىلى شياڭگاڭدا بۇ شىركەتنىڭ تارماق شىركىتىنى قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ۋاڭ ئاخىرىدا مۇخبىرغا «تەغدىر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىدىن ھاسىل بولىدۇ» دېگەن.
ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتنى ئاڭلاڭ.