ئابېنىڭ كابىنېتىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-09-04
Share
Yaponiye-yengi-kabinet-ezaliri.jpg باش ۋەزىر شىنزو ئابې يېڭى كابىنېت ئەزالىرى بىلەن. 2014-يىلى 3-سېنتەبىر، توكيو.
Yomiuri

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە ياپونىيە ئىچكى كابىنېتىغا خىتاينى ياخشى بىلىدىغان جۈملىدىن خىتايغا مۆتىدىل قارايدىغان بىر قىسىم شەخسلەر سەپلەنگەن. شۇنىڭ بىلەن ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا «ياپون-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟» دېگەنگە ئوخشاش سوئاللار مۇنازىرە قىلىنىشقا باشلىغان.

ئەگەر شىنزو ئابې بۇ يېڭى كابىنېت ئەزالىرى ئارقىلىق ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشنى مەقسەت قىلغان بولسا، بۇ ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن؟

بۇ ھەقتە توختالغان ياپونىيەدىكى سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر ياپونىيەنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىنى ئىزچىل قوللايدىغانلىقىغا ئۈمىدۋار قارايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

ياپونىيە ئاخباراتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 3-سېنتەبىر يېڭى كابىنېت ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلغان. شۇ كۈنى ئابې يەنە ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي قاتلىمىدىمۇ ئۆزگەرتىش ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئابېنىڭ ئىككىنچى قېتىم تەشكىللىگەن كابىنېتىدا ئىلگىرىكى كابىنېت ئەزالىرىدىن پەقەتلا ئالتە كىشى ئۆز ۋەزىپىسىدە قالغان بولۇپ، باشقا ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى يېڭىدىن تەيىنلەنگەن.

يېڭىدىن تەشكىللەنگەن كابىنېتتا بەش نەپەر ئايال، ۋازارەت دەرىجىسىدىكى ۋەزىپىلەرگە قويۇلغان.

ياپونىيەدىكى بىر قىسىم سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر ئابېنىڭ ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ئېلىپ بارغان بۇ ئىسلاھاتىنى «سابىق باش ۋەزىر كوزىمىنىڭ ئەينى چاغدىكى ھاكىمىيەت شەكلىدىن ئۆرنەك ئالغان» دەپ باھا بەرگەن. سەۋەبى سابىق باش ۋەزىر كوزىمىنىڭ 2001-يىلىدىكى كابىنېتىدا بەش نەپەر خانىم ۋەزىپە ئۆتىگەن.

«يومىئۇرى شىمبۇن گېزىتى» دە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككىنچى قېتىم تەشكىللەنگەن كابىنېتتا 1998-يىلىدىكى سابىق باش ۋەزىر كېئىزو ئوبۇچىنىڭ قىزى سودا-سانائەت ۋەزىرلىكىگە تەيىنلىگەنلىكى خەلقنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان.

كۆپلىگەن مەتبۇئاتلاردا ئابېنىڭ ئاياللارنى ۋەزىپىگە قويۇش ئارقىلىق ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى خانىم-قىزلارنىڭ ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا كۆپرەك ئارىلىشىشىنى ۋە ھاكىمىيەتنى قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

«جاپان تايمىس گېزىتى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بەزى سىياسىي ئانالىزچىلار ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى يېڭى ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ۋەزىپىگە قويۇلغان كىشىلەرنىڭ خىتاي بىلەن كورېيەگە بىر قەدەر يېقىن بولغان كىشىلەر ئىكەنلىكىنى، ئابې بۇ ئارقىلىق خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە شۇنداقلا كورېيە بىلەن بولغان دوستلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن.

ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھاكىمىيەت بېشىدىكى ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ تەشكىلىي قاتلىمىدىمۇ يېڭىدىن ۋەزىپىگە قويۇلغان ئەربابلاردىن ساداكازۇ، تانىگاكى، توشىھىرو نىكائى قاتارلىق سىياسەتچىلەر خىتاي بىلەن كورېيەگە بىر قەدەر يېقىن كىشىلەر، دەپ قارىلىدىكەن.

«ئاساھى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ قېتىم ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن كابىنېت ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ يېڭى رەھبەرلىرى يېقىندىن بۇيان ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسىغا بارغان سىياسەتچىلەردىن خالىي بولۇپ، بەزى سىياسىي كۆزەتكۈچىلەر بۇ خىل ئۇستىلىق بىلەن ئېلىپ بېرىلغان تەشكىلىي ئىسلاھاتنى: «قوشنا ئەللەردىن بولغان خىتاي، كورېيە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى قويۇقلاشتۇرۇش، ئۇزۇندىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالغان ئىقتىسادىي ۋە باشقا ھەمكارلىقلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان»، دەپ قارىغان.

ياپونىيەدىكى بەزى سىياسىي ئەربابلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئابې بۇ قېتىمقى رەھبەرلىك ئىسلاھاتىدا ئۇزۇندىن بۇيان سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن تىركىشىپ كېلىۋاتقان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئونودېرانى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا مۆتىدىل ئىدىيىدىكى ئاكىنورى ئېتونى ۋەزىپىگە قويۇش ئارقىلىق ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسىنى پەسەيتىشنى كۆزلىگەن.

ياپونىيەدىكى نوپۇزلۇق سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ تور بېتىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئابې ھۆكۈمىتىنىڭ توساتتىنلا بۇ خىلدىكى كابىنېت ئەزالىرى ئۈستىدىن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى ئابېغا قارشى سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ بېسىمى ۋە شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەسىھەتىدىن بولغان-دەپ قارالغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ياپونىيە دىپلوماتىنىڭ توردا بىلدۈرۈشىچە، ئابې ھۆكۈمىتى 2012-يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن خىتاي ۋە كورېيە بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى جىددىيلەشتۈرۈۋەتكەن ۋە شۇنداقلا تىنچ ئوكيان رايوننىڭ ۋەزىيىتى ئۇرۇش ھالىتىگە كىرىپ قالغان. بۇ خىل خەتەرلىك سىياسىي ۋەزىيەتنى تەڭشەش ئۈچۈن ئاقساراي توكيودىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى ئارقىلىق ئابېغا بېسىم قىلىپ، ئۇنى خىتاي ۋە كورېيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنى ياخشىلاشقا چاقىرغان.

ياپونىيەدىكى كۆپلىگەن تور بەتلىرىدە ئابېنىڭ بۇ قېتىمقى كابىنېت ئەزالىرىنى ئۆزگەرتىشىگە باھالار بېرىلىپ: «باش ۋەزىر كابىنېتتا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. ئەمما، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ يېقىنلىرىدىن ۋە مەسلەكداشلىرىدىن مۇئاۋىن باش ۋەزىر، مالىيە ۋەزىرى تارو ئاسو، دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا ۋە كابىنېت كاتىپى يوشىھىدې سۇگا قاتارلىق غوللۇق رەھبەرلەرنى يەنىلا ئۆز يېنىدا ساقلاپ قالدى»، دېيىلگەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدىن «جەنۇبىي جۇڭگو پوچتا گېزىتى» نىڭ 3-سېنتەبىردىكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئابې ھۆكۈمىتى كابىنېت ئەزالىقىغا مۆتىدىل ئەربابلارنى قويۇش ئارقىلىق جۇڭگوغا يېقىنلىشىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ۋە شۇنداقلا ئابې نويابىردا ئېيىدا بېيجىڭدا ئېچىلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر ئۇچرىشىش يىغىنىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلىشىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەتبۇئاتلارنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياپونىيە 2012-يىلىدىن باشلاپ خىتاي بىلەن بۇزۇلغان دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا كۆپ قېتىم ئەلچى ئەۋەتىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ بۇ يىل 11-ئايدا بېيجىڭدا ئابې بىلەن جىنپىڭنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپ ياپونىيەگە شەرت قويۇپ ئابېنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى ۋە ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى مەسىلىسىدە ئۆز مەيدانىنى ئۆزگەرتىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىپ كەلگەن. ھەتتا ئابې يېقىندا سابىق باش ۋەزىر فۇكۇدانى بېيجىڭغا بېرىپ بۇ ھەقتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ كېلىشكە ئەۋەتكەن بولسىمۇ، فۇكۇدا بۇ ھەقتە ئېنىق بىر جاۋابقا ئېرىشەلمەي كەلگەن.

بىز يېڭىدىن تەشكىللەنگەن ياپونىيە كابىنېتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىگە قانچىلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە بۇنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسىغا بولغان تەسىرى ھەققىدە بەزى بىر سوئاللارغا جاۋاب ئېلىش ئۈچۈن، باش شتابى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دېموكراتىيە فوندىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت