خىتاي جەلپكار دۆلەتكە ئايلىنالامدۇ؟

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2015-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
تىبەتكە ئەۋەتىلمەكچى بولغان خىتاي ھەربىي قوشۇنى. 2011-يىلى 28-نويابىر، بېيجىڭ.
تىبەتكە ئەۋەتىلمەكچى بولغان خىتاي ھەربىي قوشۇنى. 2011-يىلى 28-نويابىر، بېيجىڭ.
AFP


ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە خىتايدىن ئىبارەت يېڭى يۈكسېلىۋاتقان بىر كۈچ شۈبھىسىزكى قوشنا دۆلەتلىرى ۋە ئامېرىكىغا ئوخشاش كونا قۇدرەتلىك كۈچلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىپ كەلدى. خىتاي بىر قانچە ئون يىللىق ئىقتىسادى تەرەققىياتتىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى ۋە ئىستىمال قىلغۇچىسىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى ۋە دۇنيادىكى ئىقتىسادىي تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ سىياسىي تەسىرىمۇ زورايماقتا. ئۇنداقتا خىتاي بۇندىن كېيىن نېمە قىلماقچى؟

ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق گېزىتلەردىن «ئىقتىسادچى» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان «خىتاينىڭ كېلەچىكى» ماۋزۇلۇق چوڭ ھەجىملىك مۇلاھىزە ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئەمدى ئەسىرلەر بۇرۇن ئېرىشكەن شان - شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە قايتا ئېرىشمەكچى. ماقالىدە بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن : «خىتاي 7 - ئەسىردىكى تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدە دۇنيادىكى ئەڭ باي ۋە ئەڭ جەلپكار مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرى ئىدى. ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي كۈچى ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەرنى ئاجىز ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قوياتتى. خىتاينىڭ مەدەنىيىتى ۋە كۇڭزى ئىدىيىسى شۆھرەت قازىنىپ، باشقىلارنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسىگە ئايلانغان ئىدى. ياپونىيىنىڭ كيۇتو شەھىرى چاڭئەنگە ئوخشىتىپ سېلىنغان، كورىيىلىكلەر ۋە ۋېيتناملىقلار خىتاي يېزىقىنى قوبۇل قىلغان، كۇڭزى مائارىپى نۇرغۇن ئاسىيا مەدەنىيەتلىرىنىڭ پەلسەپەۋى ئاساسىنى تەشكىل قىلغان ئىدى.»

ئۇنداقتا، خىتاي بۇندىن كېيىن يۇقىرىقىدەك تارىختا ئېرىشكەن بۇ شۆھرەت ۋە ھۆرمەتكە قايتا ئېرىشەلەمدۇ؟ ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچى كۈچلەنگەن خىتاي ئەمدى «يۇمشاق كۈچى» نى كۈچلەندۈرۈپ، جەلپكار دۆلەت بولالامدۇ؟ «ئىقتىسادچى گېزىتى»نىڭ ماقالىسدە ئىلگىرى سۈرۈلۇشىچە، خىتاي گەرچە بۇنى ئارزۇ قىلسىمۇ، بۇنىڭغا ئەقىل ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن تېخى تەييار ئەمەس. ماقالىدە بۇنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سەۋەبلىرى بىرمۇ - بىر چۈشەندۈرۈپ ئۆتۈلگەن. بۇنىڭ بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئىچىدىكى مەدەنىيەت كرىزىسى.

ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ماۋ زىدۇڭ باشچىلىقىدىكى كوممۇنىست ئىنقىلابچىلىرى ئۆز خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۆزىگە دۈشمەن، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن كۇڭزى ئېقىمىنى قاتتىق چەكلەش ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئاساسىنى پالتىلىغان. شۇڭا ھازىر خىتاي پۇقرالىرى ئېغىر «مەدەنىيەت ۋە كىملىك كرىزىسى» ئىچىدە تۇرماقتا. مانا بۇ خىتاي يولۇقۇۋاتقان زور مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئىككىنچىسى، خىتايدىكى سىياسىي مۇقىمسىزلىقلار. ماقالىدە بايان قىلىنىشىچە، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ تەلەپلىرىمۇ ئارتتى. ئۇلار تېخىمۇ ئىشەنچلىك ھۆكۈمەت تەلەپ قىلماقتا، خەلقنىڭ كۆپى قاچانكى خىتايدا «بىر پارتىيە تۈزۈمى» ئاياقلاشمىغۇچە، دۆلەتنىڭ تولۇق زامانىۋىيلىشالمايدىغانلىقىغا ئىشنىشكە باشلىدى. خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ۋە تىبەت رايونىدىمۇ توختىماي ۋەقە كۆرۈلمەكتە. خىتايدا دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشقا بولغان تەلەپ ئارتقانسېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭ ئەكسىچە ئىش كۆرۈۋاتقان بولۇپ، بۇمۇ خىتايدا چوڭقۇر بىر كرىزىس پەيدا قىلىدىكەن.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىزنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بايان قىلدى. ئۇ خىتايدا ھازىر «يۇمشاق كۈچ» دەپ دۇنياغا يايغۇدەك بىر ئىدېئولوگىيە يوقلۇقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى : «تاڭ دەۋرىدە خىتاينىڭ مەدەنىيەت جەھەتتە ئالدىدا ماڭالىشىدىكى تۈپكى سەۋەب - تاڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھلىرى لى يۈەن ۋە لى شىمىنلەر ئوچۇق ئىدىيەلەرگە، ئوخشىمىغان پىكىرلەرنىڭ ھەممىسىگە يول قويغان. شۇنىڭ بىلەن پىكىر ئەركىنلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن شۇ دەۋىرگە نىسبەتەن بىر ئىلغار مەدەنىيەتنى يارىتىپ ئەتراپىدىكى ياپونىيە، كورىيە، ۋېيتنام ۋە تايلاندقىچە بولغان خېلى چوڭ زېمىنغا تەسىر كۆرسەتكەن. ئەمما ھازىرقى خىتايدا پىكىر ئەركىنلىكى يوق. بۇ مەنچىڭنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئەڭ ئەشەددى ۋاقتى 1949 - يىلىدىن باشلىغان. بۇ چاغدا خىتايدا كوممۇنىست ئىدىيىدىن باشقا ھېچقانداق ئىدىيىگە يول قويۇلمىغان. شۇڭا بۇنداق بىر شارائىتتا خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان بىر يېڭى مەدەنىيەت يارىتىشى مۇمكىن ئەمەس.»

كۈزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئۆزى ئارزۇ قىلغاندەك تەسىر كۈچكە ئىگە بولۇشىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان يەنە بىر ئامىل بولسا ئۇنىڭ سىرتقا قاراتقان سىياسىتىدىكى كەمچىلىكلەر. «ئىقتىسادچى» گېزىتىدە ئېيتىلشىچە، «خىتاينىڭ ئافرىقىغا سالغان مەبلىغىنى ئېلىپ ئېيتقاندا، ئۇنىڭ سېلىۋاتقان مەبلىغى يەنىلا بېرىتانىيە، فىرانسىيە ۋە ئامېرىكىدىن كۆپ ئارقىدا. ئۇنىڭ ئافرىقىدىكى تەسىرىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇ ئاساسلىق تىجارىي مۇناسىۋەتلەرگە چېتىلغان تەسىر. خىتاينىڭ باشقا كونا ياۋرۇپا مۇستەملىكىچىلىرىگە ئوخشاش بىر ئېنىق ئىستراتېگىيىسى يوق. يەنە بىرى، خىتاينىڭ ئۇنۋېرسال قىممەتلەرگە سادىق بولماسلىقى. شېرىكلىكلەر ئادەتتە ئورتاق ئۇنۋېرسال قىممەتلەر ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ. خىتاي ئۇنۋېرسال قىممەتلەرگە سەل قارايدىكەن، ئۇ ھالدا ئۇنىڭ دوست تېپىشىمۇ قېيىن بولىدۇ. دەرۋەقە، خىتاي دوستلۇقنىڭ ئورنىغا باشقىلارنى ئۈركۈتۈشنى تاللىغان. ئۇنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى ئىغۋاگەر پوزىتسىيىسى بۇنىڭ ئىپادىسىدۇر»

«ئىقتىسادچى»گېزىتى يەنە، خىتاي مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاستە چېتىلىپ قالمىغۇچە ھەرقانداق بىر خەلقئارا مەسىلىگە ئارىلىشىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ كەلگەنلىكىنى، مەسىلەن، دارفۇردىكى ئىچكى كرىزىسقا ۋە سۈرىيىدىكى ئىچكى ئۇرۇشقا خەلقئارانىڭ ئارىلىشىشىغا توسالغۇلۇق قىلغانلىقىنى، رۇسىيىنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىدا بىتەرەپ بولۇۋالغانلىقىنى، 2009 - يىلىدىكى كېلىمات مەسىلىسى يىغىنىدا كونكرېت بىر پىلان بەرمىگەنلىكىنى مىسال قىلغان. بۇش ھۆكۈمىتىدە خىزمەت قىلغان سابىق بىر ئەمەلدار «ئىقتىسادچى» گېزىتىگە قىلغان سۆزىدە خىتاينى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېگەن : «خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرقى مەۋجۇت ئىتتىپاقداشلىق سېستىمىسىنى ياقتۇرمايدۇ. ئەمما ئۆزى بىر ئورتاق خەۋپسزلىك سېستىمىسىنى ئوتتۇرىغا چىقىرالمايدۇ. ئۇلار جەنۇبىي دېڭىز ۋە شەرقىي دېڭىزدىكى مەنبەلەرنى ئورتاقلىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ - يۇ، ئەمما كونكرېت بىر تەكلىپنى سۇنالمايدۇ. غەرب دۆلەتلىرىنى باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئىشىغا ئارىلاشتى، دەپ تەنقىد قىلىدۇ، ئەمما ئۆزلىرى مەنپەئەت ئېلىۋاتقان دۆلەتلەردىكى چىرىكلىككە ۋە دۆلەتنى خاتا باشقۇرۇشقا يانتاياق بولىدۇ.»

ئۇنداقتا، خىتاي قانداق قىلغاندا ئارزۇ قىلغاندەك تەسىرگە ئىگە بولالايدۇ؟ سىسياسىي ۋەزىيەت ئانالىزچىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇنىڭ خىتاي قاچان دېموكراتىيە يولىغا مېڭىپ، پىكىر ئەركىنلىكىگە يول قويغاندىلا ئاندىن مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى : «خىتاي ئەگەر دېموكراتىيە يولىغا مېڭىپ، كىشىلىك ھوقۇققا، پىكىر ئەركىنلىكىگە، مەتبۇئات ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىدىغان بىر سېستىمىنى تىكلىيەلىسە، 50 - 100 يىلدىن كېيىن بەلكىم شۇنداق تەسىر كۈچگە ئىگە، جەلپكار دۆلەت ھالىغا كېلىشى مۇمكىن. ئەكسچە بولغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس.»

«ئىقتىسادچى گېزىتى» بولسا خىتاي قاچان ئۆزىدىكى كىملىك ۋە مەدەنىيەت كرىزىسىنى ھەل قىلغاندا ئاندىن بۇ ئارزۇسىغا يېتەلەيدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىرقى شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىدىن قارىغاندا شى جىنپىڭنىڭ بۇنداق بىر ئۆزگىرىشنى ئېلىپ بارىدىغاندەك كۆرۈنمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت