خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى نېمىگە ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2018.07.31
Ottura-Asiya-xeritisi-305.jpg ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﯨﺴﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ.
http://maps.google.com ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ.

مەلۇمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئالغاندىن بۇيان خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى تەسىر دائىرىسى بارغانسېرى ئاشماقتا. مەزكۇر رايوندىكى قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرى نېفىت، گاز، يەر ئاستى مەنبەلىرىگە باي بولۇپ، قوشنا رۇسىيە ۋە خىتاي دائىم بۇ رايوندا ئۆز مەنپەئەتلىرىنى كۆزلەپ كەلگەن. رۇسىيە بولۇپمۇ ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ئارقىلىق بۇ يەردىكى تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە تىرىشسا، خىتاي كېيىنكى ۋاقىتلاردا «بىر بەلۋاغ، بىر يول» ئوخشاش لايىھەلىرى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشماقتا.

ئاخبارات مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، خىتاي مەبلەغ سېلىش، كرېدىت بېرىش يوللىرى ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيانى ئىگىلىۋېلىش ھەرىكەتلىرىنى قىلماقتا. بۇنى دۇنيا ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەر، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قاراشلىرى دەلىللىمەكتە. 

23-ئىيۇلدا قىرغىزىستاننىڭ «كاكتاكتو» تور بېتىدە بېرىلگەن ئاليونا پوستېلنياكنىڭ «خىتاي قانداق قىلىپ مەركىزىي ئاسىيانى سېتىپ ئالماقچى؟» ناملىق ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيانى بېسىۋېلىش ماۋزۇسى بۇرۇندىن كېلىۋاتقان مۇھىم ماۋزۇ ئىكەن. خىتايلار مۈلۈكلەرنى ئاكتىپ سېتىۋېلىش، يېڭى ئوبيېكتلارنى سېلىش، مەبلەغ سېلىش، كرېدىت بېرىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىي تەسىر دائىرىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتمەكتىكەن. ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانغا سالغان مەبلەغ مىقدارى رۇسىيەنىڭ بۇ دۆلەتلەرگە سېلىۋاتقان مەبلەغ مىقدارىدىن 10. 7 ھەسسە ئوشۇق ئىكەن. يەنە كېلىپ خىتاينىڭ قويۇۋاتقان شەرتلىرى قاتتىق بولۇپ، خىتاينىڭ ھەر بىر لايىھىدىكى پايدىسى 50 پىرسەنتنى تەشكىل قىلىدىكەن ھەمدە بۇ لايىھەلەردە خىتاي تېخنىكىسىنى، تېخنولوگىيەسىنى ۋە ئىش كۈچىنى كۆپلەپ ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدىكەن. 

ماقالىدا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈنگىچە قازاقىستاندا ھەر ساھەلەردە خىتاي پۇلىغا 2500 لايىھە ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇۋاتماقتىكەن. نېفىت يەتكۈزۈشنىڭ 20-25 پىرسەنتى خىتاي شىركەتلىرىگە توغرا كېلىدىكەن. شۇنداقلا خىتاي بەرگەن 35. 5 مىليون دوللار كرېدىتقا شەرقىي-قازاقىستان ۋىلايىتىدە ئىككى يول ۋە قورغاس دەرياسىدا توسما سېلىنماقچى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتاي قازاقىستانغا ئۆزىنىڭ 51 كارخانىسىنى كۆچۈرگەن ئىكەن. 

قىرغىزىستاندا خىتاي شىركەتلىرى بىشكەك ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى ئىستانسىسىنى ۋە يەنە 51 كارخانىنى قايتا قۇرۇشقا، شۇنداقلا «دجۇندا» نېفىتنى قايتا ئىشلەش كارخانىسىنى، جالالئاباد ۋىلايىتىدىكى ئالتۇن كانلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈشكە، ھەر خىل ساھەلەردە ئونلىغان بىرلەشكەن كارخانىلارنى قۇرۇشقا جەلپ قىلىنغان. تاجىكىستاندا بولسا، 331 مىليون دوللار قەرز ھېسابىغا خىتاي تاجىكىستاننىڭ ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش مەنبەلىرىنى ئۆز قولىغا ئېلىۋالغان. بۇنىڭدىن تاشقىرى، خىتايغا سارېز كۆلىنى سېتىش كېلىشىمىمۇ تۈزۈلگەن ئىكەن. ھازىر مەملىكەتنىڭ خىتايغا بولغان قەرزى 1. 2 مىليارد دوللارنى تەشكىل قىلىدىكەن. 2009-يىلى خىتاي كرېدىتىغا سېلىنغان مەركىزىي ئاسىيا-خىتاي گاز تۇرۇبىسى لايىھىسى بويىچە تۈركمەنىستاندىكى گازنى خىتاي سېتىۋالماقچى. ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ يىلى تۈركمەنىستاندىن باشلىنىپ، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستان ئارقىلىق ئۆتىدىغان بۇ گاز تۇرۇبىسىنىڭ تۆتىنچى تارمىقىنى سېلىش پىلانلىنىپ، بۇ يول ئۆتىدىغان يەرلەر خىتايغا 49 يىلغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلگەن. 

رۇسىيەنىڭ 26-ئىيۇلدا «نېزاۋىسىمايا گازېتا» مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان ۋالېرىيا پانفىلوۋانىڭ «دۈشەنبە خىتايغا قەرزلىرىنى ئالتۇن بىلەن قايتۇرماقتا» دېگەن ماقالىسىدە خىتاينىڭ ئىقتىسادىي بېسىۋېلىشى سىياسىي بېقىندىلىققا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن دېگەن پىكىر ئىلگىرى سۈرۈلگەن. تاجىكىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىنىڭ ماقۇلغا كېلىشى بىلەن سوغدى ۋىلايىتىدىكى «يۇقىرىقى كۇمارگ» ئالتۇن ئىشلەپ چىقىرىش مەنبەسى مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا خىتاي شىركىتىگە بېرىلمەكچى. يەنە شۇ ئاپتورنىڭ شۇ گېزىتتە بەرگەن «خىتاي تاجىكنىڭ سارېز كۆلىنى سېتىۋالماقچى. ئۆزبېكىستان ئىچىملىك سۇسىز قېلىشى مۇمكىن» ناملىق ماقالىدا دېيىلىشىچە، ھازىر ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئۆز ئارا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق توغرىلىق مۇزاكىرىلەر يۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، يېقىن ئارىدا سارېز كۆلى مەسىلىسى مۇناسىۋىتى بىلەن ئىككى ئوتتۇرىدا زىددىيەت پەيدا بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ئانالىزچى بەختىيار ئېرگاشېفنىڭ پەرەز قىلىشىچە، خىتاي سارېز كۆلىنى سېتىۋېلىش بىلەن ئىچىملىك سۇنى مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي-شەرقىي ئاسىيا بازارلىرىدا سېتىشنى كۆزلىمەكتە. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيانىڭ ئىچكى سۇ مەنبەلىرىنى باشقۇرۇشقا ئارىلىشىش بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن. 

ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان ماقالىلەردە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي سىياسىتى بۇ رايوندا ياشاۋاتقان خەلقلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئەھۋالىغا، شۇنداقلا ئىككى تەرەپ ئىشچىلىرىنىڭ توقۇنۇشلىرىغا ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. 27-ئىيۇلدا «پەرغانە رۇ» تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «قىرغىزىستاندىكى خىتاي زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى باشلىقنىڭ قول كۆتۈرۈشى سەۋەبىدىن نامايىش ئۆتكۈزدى» ناملىق ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، سوقۇلۇق ناھىيىسىنىڭ ۋوئېننو-ئانتونوۋكا يېزىسىدىكى كېسەك ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىنىڭ ئىشچىلىرى خىتاي مىللىتىدىن بولغان زاۋۇتنىڭ باش مۇدىرىغا قارشى نامايىش قىلغان. خىتاي باشلىق ئىشچىلارنىڭ چۈشلۈك تامىقىنى بۇزۇپ، بىر ئىشچىغا زەخمەت يەتكۈزگەن. قىرغىز ئىشچى مۇدىر ئۈستىدىن ساقچىلارغا ئەرز قىلماقچى ئىكەن. لېكىن زاۋۇت مۇدىرى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشتىن باش تارتماقتا. قىرغىز ئىشچىلار شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىش شارائىتىنى يېنىكلىتىش، كېلىشىم شەرتلىرىنى ئۆزگەرتىش تەلەپلىرىنىمۇ قويماقتا. 

خىتاي ۋە يەرلىك ئىشچىلار ئارىسىدا توقۇنۇشلار پات-پات بولۇپ تۇرىدىغان ھادىسىگە ئايلانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ كۆپىنچە يەرلىك ئىشچىلار ھوقۇقلىرىنىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىدىن، خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ بۇ يەردىكى قانۇنلارنى بۇزغانلىقتىن كېلىپ چىقماقتا. 

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قىرغىزىستاندىكى «ئىتتىپاق» گېزىتى باش مۇھەررىرىنىڭ ئورۇنباسارى، سىياسەتشۇناس رەھىمجان ھاپىزوفنىڭ پىكرىچە، خىتاي 2001-يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي، سىياسىي تەسىرىنى كۈچەيتىشكە، ئېنىق ئېيتقاندا، بۇ رايوننى قورالسىز بېسىۋېلىشقا كىرىشكەن. رەھىمجان ھاپىزوف ئەپەندى خىتاي ۋە يەرلىك ئىشچىلار توقۇنۇشلىرىنىڭ پات-پات ئورۇن ئېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ-مۇنداق دېدى: «مۇشۇ يىلى يانۋار ئېيىدا بىشكەكتىكى ئىسسىق ئېنېرگىيە ئىستانسىسى ئاپەتكە ئۇچرىدى. شۇ ۋاقىتتا قىرغىزىستانلىقلار ئۇ يەردە 200 خىتاي ئىشچىسىنىڭ ئىشلەۋاتقانلىقىنى بىلىپ قالدى. ئۇلارنىڭ مائاشى قىرغىز ئىشچىلىرىنىڭ ئايلىقىدىن ئىككى ھەسسە ئوشۇق. باشقىمۇ بىرلەشكەن خىتاي كارخانىلىرىدا يەرلىك ۋە خىتاي ئىشچىلىرى ئارىسىدا دۈشمەنلىك پەيدا بولۇۋاتىدۇ. نېمە ئۈچۈن خىتاي ئۆز كارخانىلىرىنى قۇرۇۋاتىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار. بىرىنچىدىن، ئاز مائاش تۆلەش ئۈچۈن يەرلىك ئىشچىلارنى ئىشقا ئالىدۇ. ئىككىنچىدىن، خىتايلارنىڭ مۇشۇ يەردە قېلىپ، قىرغىزىستان پۇقرالىقىنى ئېلىشى. ئۈچىنچىدىن، ئۆزىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي تەسىرىنى كۈچەيتىش.»

رەھىمجان ھاپىزوفنىڭ ئېيتىشىچە، يەرلىك ۋە خىتاي ئىشچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار ئۆتكەن يىلى باتكېن ۋىلايىتىنىڭ قېزىلما بايلىقلار ئىشلەپ چىقىرىدىغان كارخانىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. بۇ يەر خىتايغا 20 يىلغا ئىجارىگە بېرىلگەن بولۇپ، يەرلىك خەلق بۇ يەرنى خىتايغا ئىجارىگە بېرىشكە قارشى نامايىش قىلغان ھەم ئاقىۋەتتە ھۆكۈمەت ئۇنى يېپىشقا مەجبۇر بولغان. رەھىمجان ھاپىزوف ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان مۇنداق قارشىلىقلارنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ ئاڭ-سېزىمىنىڭ ئۆسۈۋاتقانلىقىنىڭ، ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسىتىنى چۈشىنىپ، دائىم ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. 

قازاقىستانلىق سىياسەتشۇناس راسۇل جۇمالى خىتاينىڭ ئىقتىسادىي لايىھەلىرى ئاساسىدا قازاقىستاندا قۇرۇلۇۋاتقان ياكى خىتايدىن كۆچۈرۈپ ئەكېلىۋاتقان كارخانىلارنىڭ تۈپ مەقسىتىنى بىلىشنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «بۇ كارخانىلار كىمنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بولىدۇ؟ كىمگە بېقىنىدۇ، قازاقىستان ھۆكۈمىتىگىمۇ يا خىتايغىمۇ؟ كىم ئىشلەيدۇ؟ قانچىلىك خىتاي كېلىدۇ؟ بۇ يەردىكى ئىشسىزلىققا قانچىلىك تەسىر قىلىدۇ؟ ئۇنىڭ پايدىسى كىمنىڭ خالتىسىغا چۈشىدۇ؟ كىرىمى قانچىلىك؟ ئېكولوگىيىلىك مەسىلىچۇ؟ مۇبادا ئۇلار شۇنچىلىك ياخشى، پايدىلىق كارخانىلار بولسا، نېمە ئۈچۈن خىتاي ئۇلارنى بۇ يەرگە كۆچۈرىدۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مېنىڭ بۇ كارخانىلارغا بولغان كۆزقارىشىم گۇمانلىق. ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان شەرتلەر ئېنىقلانمايدىغان بولسا، بۇنىڭ كېلەچەكتە چوڭ چاتاققا، توقۇنۇشقا ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ئېنىق. يېقىندا قازاقىستاننىڭ سارى-شاغان دېگەن يېرىدە بولغان ئىككى تەرەپ ئىشچىلىرىنىڭ توقۇنۇشى شۇنىڭغا بىر ساۋاق.»

سىياسەتشۇناس غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ ئېيتىشىچە، مۇنداق توقۇنۇشلار قازاقىستاندا پات-پاتلا ئورۇن ئالماقتىكەن. شۇلارنىڭ ئەڭ قاتتىقى 2015-يىلى ئىيۇل ئېيىدا شەرقىي قازاقىستان ۋىلايىتىنىڭ ئاقتوغاي قېزىلما بايلىقلار كانىدا يۈز بەرگەن ئىكەن. توقۇنۇش خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ يەرلىك ئاشپەزلەرنىڭ تەييارلىغان تامىقىغا نارازىلىقىدىن كېلىپ چىققان. ۋەقەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا خىتاي ئىشچىلىرى سەۋەب بولغان. غالىم ئاگېلېئۇلوف بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئۇ يەردە يارىدار بولغانلار كۆپ بولغان. بىرىنى ۋاپات بولدى دېگەن ئىدى. مەن باش دوختۇرغا تېلېفون قىلغىنىمدا ئۇ ھەممىسى ساق دەپ ئېيتقان. باشقىلىرى بولسا، بىر ئەمەس، بىر نەچچە ئادەم ئۆلدى دېگەن ئىدى. بۇ ھەقتە ئېنىق بىر پاكىت يوق. بىر نەرسە ئېنىقكى، تاماق ئانچە ياخشى بولمىغان.»

ئۇنىڭ دېيىشىچە، توقۇنۇش ئالدى بىلەن خىتايلار بىلەن ئاشخانا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن، ئاندىن بۇنىڭغا يەرلىك ئىشچىلارمۇ قوشۇلغان ئىكەن. غالىم ئاگېلېئۇئوف 2010-يىلى ئاقتۆپە ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئىش ھەققىنىڭ تەڭ بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، خىتاي شىركەتلىرىدە خىتاي ئىشچىلىرىنىڭ ئىش ھەققىنىڭ دائىم يۇقىرى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىگىلىشىمىزچە، مۇنداق توقۇنۇشلار ھازىرمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، مۇشۇ يىلنىڭ مارت ئېيىدا ئاتىراۋ نېفىتنى قايتا ئىشلەش زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلىرى بىلەن زاۋۇت قاراۋۇللىرى ئارىسىدا يۈز بەرگەن.

سىياسەتشۇناس جاسارال قۇئانىشالىننىڭ ئېيتىشىچە، دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى ئەنە شۇ يەر مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئىكەن. ئۇ ئىقتىسادىي لايىھىلەرگە بولا قازاقىستان يېرىنى خىتايغا سېتىش ياكى ئىجارىگە بېرىش، خىتاي كارخانىلىرىنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈش مەسىلىلىرىگە يەرلىك خەلقنىڭ كۆپ قېتىم قارشى چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ئەڭ چوڭ خەۋپ ھازىر مۇشۇ يەر مەسىلىسى بولۇۋاتىدۇ. بۇ خەۋپنى تۇغدۇرۇۋاتقان، ئەپسۇسكى، يەرلىك رەھبەرلىك. ئۇنىڭمۇ سەھنىدىن كېتىدىغان ۋاقتى كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتنىڭ يېقىنلىشىپ قالغانلىقىغا مەن ئىشىنىمەن. بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئىجابىي ھەل بولۇشى ئەنە شۇ رەھبەرلىكنىڭ سىياسىتىگە كېلىپ تاقىلىدۇ». 

غالىم ئاگېلېئۇئوفنىڭ مەلۇماتلىرى بويىچە، قازاقىستاننىڭ خىتايغا ساتقان يەرلىرى توغرىلىق ئېنىق مەلۇماتلار يوق بولۇپ، قازاقىستاندا يەرنى سېتىشقا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن چەك قويۇلغان ئىكەن. ئەمما شۇنداقتىمۇ يەرنى خىتايغا سېتىش يا بولمىسا ئۇنى ئىجارىگە بېرىش مەسىلىسى قازاقىستانلىقلار تەرىپىدىن دائىم قاتتىق قارشىلىقلارغا، نارازىلىقلارغا ئۇچراپ تۇرىدىكەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاينىڭ ھەر قانداق يوللار بىلەن قازاقىستان ئىقتىسادىغا تەسىر كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىنى قىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» لايىھىسىنىڭ ئايرىم قازاقىستانلىق شەخسلەر، ئايرىم شىركەتلەر ئۈچۈن پايدا ئېلىپ كەلسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ مەنپەئەتلىرىنى كۆزلىمەيدىغانلىقىنى، بۇنى ئاددىي خەلقنىڭ ياخشى چۈشىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.