د ئۇ ق باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت روزاخۇن توكيودا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش تەپتىشى نۇرمۇھەممەت روزاخۇن 24-نويابىردىن ئېتىبارەن ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتى ۋە خىزمەتلىرى ئۈستىدە تەپسىلىي تەكشۈرۈش پائالىيىتىنى باشلىغان.

باش تەپتىش نۇرمۇھەممەت روزاخۇننىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ، بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈش جەريانىدا ياپونىيەدىكى بىر قىسىم ياپونلار، ئۇيغۇر زىيالىيلىرى ۋە شۇنداقلا بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان.

نۇرمۇھەممەت روزاخۇن بۇ قېتىم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ياپونىيەگە كەلگەن بولۇپ، ئۇ توكيودا 28-نويابىرغا قەدەر تەكشۈرۈش خىزمىتىدە بولىدىكەن.

بىز باش تەپتىش نۇرمۇھەممەت روزاخۇننىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەت تەكشۈرۈش پائالىيىتى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.