ياپونىيە ژۇرنىلى: خىتاي ئۇيغۇر ئېلىنى قورال كۈچىگە تايىنىپ باشقۇرماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇتلۇق
2014-07-11
Share
yaponiye-uyghur-xitay-100-yalghanchiliq.jpg ياپونىيىدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «جۇڭگودىكى يۈز يالغانچىلىق» ناملىق مەجمۇئە
RFA/Qutluq

ياپونىيىدە يېقىندا نەشر قىلىنغان «جۇڭگودىكى يۈز يالغانچىلىق» ناملىق مەجمۇئەدە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتى توغرىسىدا خەلقئارا جەمئىيەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان كۆز بويامچىلىقى ۋە يالغان تەشۋىقاتى بىلەن ئەمەلىيەتتە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان سىياسىتىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى بولۇپمۇ ئۇيغۇر، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق ئاپتونوم رايونلىرىدا مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ تولىمۇ ئېغىرلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەجمۇئەدە، خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بىلەن تىبەتنى ئاساسلىقى قورال كۈچىگە تايىنىپ باشقۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەجمۇئەدە يەنە، خىتاينىڭ خەلقئارا قانۇن، دىپلوماتىيە، سانائەت، ئىشلەپ چىرىشى، تاۋار ماركىلىرى ۋە شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىدىكى يالغانچىلىقلاردىن ئىبارەت 100 يۈز يالغانچىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان يەرلىك مىللەتلەرنىڭ ئۆز ھەق - ھوقۇقىنى قوغداش يولىدىكى بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ قانۇنسىز ھالدا باستۇرۇلۇپ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۈرمىلەرگە تاشلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەت رايونىدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتى توغرىسىدا توختىلىپ: سىز بەلكىم خىتاي دۆلىتىنى پەقەتلا خىتاي مىللىتىنىڭ دۆلىتى دەپ قارايسىز. ئەمەلىيەتتە بولسا خىتايدا 50 تىن ئارتۇق مىللەت بولۇپ، خىتاي ھاكىمىيىتى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ تۇپراقلىرىنى ئەسكىرىي كۈچىگە تايىنىپ بېسىۋالغان. خىتاي كومپارتىيىسى ئازسانلىق مىللەتلەر رايونىدا تۇتقۇن قىلىش، باستۇرۇش، ئۆلتۈرۈشتەك قەبىھ ۋاسىلارنى قوللىنىپ، يەرلىك مىللەتلەرنى خىتايلاشتۇرۇش مەقسىتىدە بۇ رايونلارغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ، ئازسانلىق مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش سىياسىتىنى تېزلەتمەكتە، دېيىلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خىتايدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى مۇستەقىل تەتقىقاتچىسى يۇكىھو خانىم خىتاينىڭ رامزان ئېيىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان دىنىي باستۇرۇش سىياسىتى ھەققىدە توختىلىپ، بۇ خىلدىكى ئىنسانلارنىڭ ئېتىقادىغا مۇخالىپ كېلىدىغان باستۇرۇش ھەرىكىتى داۋاملىشىۋەرسە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چوقۇم ئۇيغۇرلارنىڭ تۈرلۈك قارشىلىق ھەرىكەتلىرىگە ئۇچراش خەۋپىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەرنى باستۇرۇش سىياسىتىنىڭ كۈندىن - كۈنگە كۈچىيىپ بېرىشى بىلەن تەڭ ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىدا بۇ ئۈچ مىللەتنىڭ ئۆز رايونلىرىدا مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈزلۈكسىز ئېشىپ بېرىۋاتقان خىتاي ئىقتىسادىينىڭ گۈللىنىشى نەتىجىسىدە ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش يۈزىسىدىن خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن ئىبارەت مول نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە شۇنداقلا تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولغان بۇ ئاپتونوم رايونىدا تېخىمۇ كۈچلۈك باستۇرۇش سىياسىتى ئېلىپ بېرىپ، چەتئەللەر بىلەن چېگرىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر قارشىلىق كۈچلىرى بىلەن بىرلىشىپ مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشىدىن خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي ھەققىدە بىرئاز تەپسىلىي توختالغان بولۇپ: ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلق. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراقلاشقان ئانا ماكانى. چىڭ سۇلاسى ھۆكۈمىتى 1759 - يىلى ئۇيغۇر تۇپراقلىرىنى بېسىۋالغان. ئەمما ئۇيغۇرلار ئىزچىل ئۆزلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش ئېلىپ بېرىپ تارىختا بىرقانچە قېتىم ئۆز دۆلەتلىرىنى قۇرغان.1990 - يىلى سوۋېتلار ئىتتىپاقى پارچىلىنىش بىلەن تەڭ تارىختىن بېرى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلىدىغان بۇ رايوندا مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ تارىختا قۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتىدىن قۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى، دېيىلگەن.

ئۇندىن باشقا ماقالىدە يەنە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن بىر قىسىم چوڭ ۋەقەلەر ئەسلەپ ئۆتۈلگەن بولۇپ ئۇنىڭدا: 1997 - يىلى ئېلىدە 5 - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ خىتاي ئارمىيىسى بۇ نامايىشقا قاتناشقان ياشلارنى قاتتىق باستۇردى. مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ۋەقەدە مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىپ، ئوتتۇزدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى.2009 - يىلى 5 - ئىيۇلدا «ئۈرۈمچى ۋەقەسى» يۈز بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقەدە ئۈچ مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە ئوتكەن يىلى ئۆكتەبىردە بېيجىڭ تيەنئەنمېندە يۈز بەرگەن ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىمۇ تىلغا ئېلىنىپ مەزكۇر ۋەقەگە خەلقئارا ئاخباراتلارنىڭ بەرگەن باھاسى ھەققىدىمۇ توختىلىپ:" ۋەقەدە 40 دىن ئوشۇق كىشى يارىلاندى ۋە ئۆلدى. ئامېرىكا مەركىزى تېلېۋىزىيە قانىلى ۋەقەنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ھەدىدىن زىيادە ئارتۇق باستۇرغانلىقىدىن كېلىپ چىققان ۋەقە - دېدى. ئەمما خىتاي كومپارتىيىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، غەرب ئەللىرىنى تەنقىدلىدى". دېيىلگەن.

ماقالىدە تىبەت مەسىلىسىمۇ ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 1956 - يىلى تىبەتكە باستۇرۇپ كىرگەندە تىبەتتىكى قوزغىلاڭچىلارنى قاتتىق باستۇرغانلىقى سەۋەبىدىن دالاي لامانىڭ ھىندىستانغا سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كېتىشىگە مەجبۇرلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا 2008 - يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىننىڭ ھارپىسىدا تىبەتتە يۈز بەرگەن تىبەتلەرنىڭ نارازىلىق نامايىشىنىڭمۇ قورال باستۇرۇلغانلىقىنى بايان قىلغان.

ماقالىدە ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىدىكى موڭغۇللارنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەرەققىي قىلدۇرۇش، كۆچمەن يۆتكەش سىياسىتى داۋامىدا چارۋىچىلارنىڭ يايلاقلىرىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ماقالىدە خىتاينىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتى سەۋەبىدىن خىتاي داۋاملىق خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ ئەمما خىتاي كومپارتىيەسى ئۆزلىرىنىڭ دۇنيا جامائىتىگە ئېلان قىلىۋاتقان باياناتلىرىدا يەنىلا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئەركىن، باياشات، باراۋەر، خۇشال - خۇرام تۇرمۇش كۆچۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە بېرىلگەن ھەقىقىي ئاپتونوم رايون سىياسىتىدىن مىننەتدارلىقىنى يالغان - ياۋىداقتىن تەشۋىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت