ياپونىيەدىكى «سىز بەختلىكمۇ؟» ناملىق ژۇرنالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014-03-20
Share
siz-bextlikmu-kitab.JPG ياپونىيەدىكى «سىز بەختلىكمۇ؟» ناملىق ژۇرنالنىڭ مۇقاۋىسى.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدىكى سىياسىي تەشكىلاتلاردىن بىرى بولغان بەخت پارتىيىسىنىڭ «سىز بەختلىكمۇ؟» ناملىق ژۇرنىلى مۇشتەرىلىرى ئاساسەن خانىم-قىزلاردىن تەركىب تاپقان شۇنداقلا خانىم-قىزلارغا تارقىتىش نىشان قىلىنغان ژۇرنال بولۇپ، مەزكۇر ژۇرنال نەشر قىلىنغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى تەبرىكلەش سانىغا مۇخبىر كوماي خانىمنىڭ ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەت خاتىرىسى بېرىلگەن.

مۇخبىر كوماي خانىمنىڭ قەلىمى بىلەن خاتىرىگە ئېلىنغان «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدىكى ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېنىق ئاڭلىتىلمىغان بەزى مەلۇماتلار» سەرلەۋھىلىك ماقالىدە ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارغا ئائىت بەزى ۋەقەلەردىكى ھازىرغىچە ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئېنىق ئۇچۇر بېرىلمىگەن بەزى مەلۇماتلار توغرىسىدا دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم ئۆزى توپلىغان ۋە ئىگىلىگەن بىر قىسىم ئۇچۇرلارغا ئاساسەن ئەتراپلىق ھالدا تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مەزكۇر ماقالىنىڭ قەلەم ساھىبى كوماي خانىم بۇ قېتىمقى سۆھبەت خاتىرىسى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-21-ئەسىردىكى مۇشۇ ۋاقىتلاردىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىنسانلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. ياپونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ دىنىي جەھەتتىن قاتتىق زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈش يۈزىسىدىن سۆھبەت خاتىرىسىنى ئېلان قىلدىم شۇنداقلا خىتاينىڭ قوشنىسى بولغان ياپونىيەنى قوغداش جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدىن ساۋاق ئېلىشىنى كۆزدە تۇتتۇم. شەخسەن ئۆزۈمنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋاللارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى يېزىپ كېلىش ئارزۇيۇم بار.

بىز مەزكۇر سۆھبەت خاتىرىسى ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە مەلۇمات بەرگەن دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت