ياپونىيە ئاخباراتى:خىتاي تېررورلۇققا قارشى جەڭگە ئاتلانغانلىقىنى جاكارلىدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.05.27
uyghurda-partlash.JPG ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدىن كېيىن، ياپونىيە تېلېۋىزورلىرىدا بېرىلگەن خەۋەردىن سۈرەتكە ئېلىنغان. 2014-يىلى 24-ماي.
RFA/Qutluq

ياپونىيەدە چىقىدىغان «نىپپون كېزاي گېزىتى» نىڭ 24-ماي سانىدا «خىتاي تېررورغا قارشى جەڭگە ئاتلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى» سەرلەۋھىلىك ماقالە ۋە شۇنداقلا «ماينىچى شىمبۇن گېزىتى» دە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەقە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

«نىپپون كېزاي گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، 22-ماي ئۈرۈمچىدە غايەت زور پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن خىتاي كومپارتىيىسى شى جىنپىڭ باشچىلىقىدا دەرھال جىددىي يىغىن چاقىرىپ ئۇنىڭ مەسئۇللۇقىدىكى «دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش كومىتېتى» نامىدىن تېررورلۇققا قارشى جەڭ باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر قارارغا يەنە خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش مەركىزىمۇ ئالاھىدە ئاۋاز قوشقان.

مەزكۇر ماقالىدە بۇ قېتىمقى خىتايدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش كۈرىشى دەرىجىدىن تاشقىرى ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىپ، ئىجرا قىلىنىش دائىرىسى بەلكىم قانۇن دائىرىسىدىن ھالقىپ كېتىشىنىڭ ئېھتىماللىققا يېقىنلىقىنى، زەربە بېرىش جېڭىدە ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭمۇ زىيانكەشلىككە ئۇچىراش مۇمكىنچىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان تەكشۈرۈشلەر داۋامىدا ئىلگىرىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپرەك قالايمىقان قورال ئىشلىتىپ، ئاۋام خەلقنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا ۋە ئىقتىسادىغا چوڭ تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقىمۇ پەرەز قىلىنغان.

ماقالىدە خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى كومىتېتىنىڭ 22-ماي ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن پەۋقۇلئاددە يىغىن چاقىرىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىش جېڭىنىڭ باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلىشى ۋە مەملىكەت مىقياسىدا خۇددى ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكەن ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىنىڭ ئۆزى «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھاكىمىيەت سىستېمىسىدىكى كرىزىسنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بېشارەت» دېيىلگەن.

خىتاينىڭ تېررورلۇق ھەرىكەتلەرگە جەڭ ئېلان قىلىشنى جاكارلىشى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئېلىپ بېرىلغانلىقى، قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتى يالغۇز ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق چوڭ شەھەرلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى، زەربە بېرىش كۈرىشىنىڭ تاكى كېلەر يىلى 7-ئايغىچە داۋاملىشىدىغانلىقى ماقالىدە ئېنىق بىلدۈرۈلگەن.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بۇ قارارى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلغان كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سېئىجى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
-خىتاي ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنى ئۆزگەرتمەستىن تۇرۇپ بۇ خىلدىكى تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى بىر يىل داۋاملاشتۇرسىمۇ، بۇنىڭ نەتىجىسى بولمايدۇ. ئەكسىچە مەسىلىنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ.

گېزىتتە:«شى جىنپىڭنىڭ بۇ قارارى ئىجرا قىلىنسا، ئۇنىڭ كۆڭلى بىر يىل بولسىمۇ ئارام تېپىشى مۇمكىن. شى جىنپىڭ بۇ قارارنى ئېلان قىلغان كۈننىڭ ئۆزىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاتۇش شەھىرىدە بومبا پارتلىغانلىق ھەققىدە ئېنىقسىز ئۇچۇرلار تارقالدى ۋە بۇنىڭ بىلەن خىتاي ھاكىمىيىتى يەنە قايتىدىن جىددىيلىشىپ كەتتى» دېيىلگەن.

ماقالىدە يەنە، شى جىنپىڭنىڭ بۇ قارارىدىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىلا ئەمەس، بەلكى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ قاتارلىق شەھەرلەردە قوراللانغان ساقچى، ئەسكەر ۋە ئالاھىدە قىسىملار مەركىزى سودا بازارلىرىغا ۋە ساياھەت مەركەزلىرىگە توپلىشىپ،زامانىۋى ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرى بىلەن بىخەتەرلىكنى قوغداش تەدبىرى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئۆتكەن يىلى 28-ئۆكتەبىر تيەنئەنمېنگە ئاپتوموبىل بىلەن ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىدىن قورقۇپ كەتكەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تيەنئەنمېنگە يېڭىدىن پولات-تۆمۈرلۇك رىشاتكا ئورناتقانلىقىنى بايان قىلغان.

مەزكۇر ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، 23-ماي كۈنى خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بېيجىڭدىكى 29 دۆلەتنىڭ ئەلچىخانىسى بىلەن دەرھال ئالاقىلىشىپ، ئۇلارغا ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىگە ئائىت سىنئالغۇ، سۈرەتلەرنى كۆرسىتىپ ئامېرىكا، رۇسىيە، ياپونىيە قاتارلىق 29 دۆلەتكە مۇراجىئەت قىلىپ ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى قوللىشىنى ۋە تېررورلۇققا ئائىت ئۇچۇر، ئاخباراتلار بىلەن ئۆزلىرىنى تەمىنلىشىنى ۋە شۇنداقلا ئۆز-ئارا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىنى ئۆتۈنگەن.

ماقالىدە شۇنداقلا خىتاي بانكىسىنىڭ ئافغانىستان بانكىسى بىلەن بولغان دوللار ئابوروت قىلىش ئالاقىسىنى توختاتقانلىقىنى، ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ كۈندىن -كۈنگە ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ماينىچى شىمبۇن گېزىتى» نىڭ 24-ماي سانىدا «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ۋەقە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى» ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتايدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز مۇستەقىللىق كۆرۈشى ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلاتلار ئوخشىمىغان قاراشتىكى گۇرۇپپىلار ئىكەنلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا ۋە خىتاي ئۆلكىلىرىدە يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرگە چېتىشلىق دەپ دائىم تىلغا ئېلىۋاتقان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى»نى بۇ قېتىم يەنە ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەگە سەۋەبچى دەپ كۆرسەتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

پروفېسسور سېئىجى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى» ھەققىدە توختىلىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكىتى ھەققىدە خىتاي دۆلىتى راستىنىلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئىسپاتلىق ۋە دەلىللىك ماتېرىياللارنى يوللىيالىسا، ئاندىن بۇ تەشكىلاتنىڭ خىتايدا ئېلىپ بارغان تېررورلۇق ھەرىكىتىنى دۇنيا ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاپتور ماقالىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 18-ئەسىردە چىڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاملىق تۈردە ئوخشىمىغان شەكىللەردە مۇستەقىللىق كۈرىشى ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە 1933-ۋە 1944-يىللىرى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى قېتىم ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىنى قۇرغانلىقى، 1949-يىلى خىتاي كومپارتىيىسى بۇ زېمىننى يەنە قايتىدىن ئىشغالىيەت ئاستىغا ئېلىپ 1955-يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا ئۆز مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇللىرىدىن بىرى ئابدۇللا مەنسۇرنىڭ:«خىتاي پەقەتلا بىزنىڭلا دۈشمىنىمىز ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنىڭ دۈشمىنى، بىز خىتايغا قارىتا كۆپلىگەن ھۇجۇملارنى ئېلىپ بېرىشنى پىلانلاۋاتىمىز»، «شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە مۇسۇلمانلار ئويغىنىپ كەتتى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەمدى ئۇلارنى كۆپلەپ باستۇرالمايدۇ» دېگەن بايانلىرىمۇ ماقالىدە ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان.

گېزىتتە يەنە، خىتاينىڭ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تەشكىلاتى ئەزالىرى پاكىستان بىلەن ئافغانىستان چېگراسى ئەتراپىدا مەشىق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى جىھاد قىلىش تاكتىكىسى بىلەن ئۆزلىرىگە قارشى ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىدىن شىكايەت قىلىۋاتقانلىقىمۇ بايان قىلىنغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.